大数跨境

100 يىلدىن كېيىنكى دۇنيا قانداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟

100 يىلدىن كېيىنكى دۇنيا قانداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ Uysayahet
2017-07-10
0
导读:ئىنسانلار ھەمىشە كەلگۈسى دۇنياغا قىزىقىش ۋە تەسەۋۋۇر ب

ئىنسانلار ھەمىشە كەلگۈسى دۇنياغا قىزىقىش ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن قارايدۇ. 100 يىلدىن كېيىن بىز نېمىگە تايىنىپ توك چىقىرىمىز؟ راك كېسىلىنى ساقايتقىلى بولامدۇ؟ روھىي كېسەل تارىخقا ئايلىنالامدۇ؟ ئاپتوموبىل ئۇچالامدۇ؟ يېقىندا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ «ئۇپۇق» پىروگراممىسىدىكى ئالىملار كەلگۈسىدە ھەققىدە بىز بىلىشكە تېگىشلىك 10 ئىشنى يەكۈنلەپ چىقتى. قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

قانداق قىلغاندا چىراغنى داۋاملىق يانىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

كۆپ قىسىم ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى كۆمۈر ياكى تەبىئىي گازلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، بۇ ئىككى خىل ئېنىرگىيە ئاخىرىدا كۆيۈپ تۈگەيدۇ. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيەدە مەسىلە بار (بولۇپمۇ ھاۋارايى ئۆزگىرىشچان ئەنگلىيەگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق). شۇڭا، نورۋېگىيە شامال ئېغىزىغا نەچچە مىڭ فۇت ئېگىزلىكتە شامال كۈچى گېنىراتورى ئورنىتىش پىلانىمۇ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. 


راك كېسىلىنى ساقايتقىلى بولامدۇ؟

«ئۇپۇق»تىكى ئالىملار گېن ئارقىلىق داۋالاش ساھەسىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلارنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق قان كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدىكەن. 

ئۇنى داۋالاش پىرىنسىپى بولسا گېن قىستۇرۇش ئۇسۇلىدا بىمارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا راك ھۈجەيرىسىنى سىرتتىن كەلگەن ھۈجەيرە دەپ پەرقلەندۈرگۈزۈش ھەمدە بۇ ھۈجەيرىلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.

روھىي كېسەل ئۆتمۈشكە ئايلىنامدۇ؟

مايكول موسلېي لوندون سان توماس دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جايدىكى دوختۇرلار ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ھامىلىنى بىخەتەر ھالدا يادرو ماگنىتلىق سىكاننىرلاپ، يېتىلىۋاتقان چوڭ مېڭىنى سىزىپ چىقىۋاتىدۇ. 

دوختۇرلار بۇ يېڭى بىلىمدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم كېسەللىك مېخانىزمىنى بايقاپ، خامۇشلۇق، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى پىلانلىدى. 


ئىنسانلار ماشىنا ئادەمگە ئايلىنامدۇ؟

جامېس يوڭ بىر قېتىملىق ھادىسىدە بىر قولى ۋە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇ ئادەم-ماشىنا بىرلەشكەن كەلگۈسىنى يارىتىدىغان توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 

جامېس ئۆزىنى ماشىنا ئادەم دەپ ئاتىۋالغان نېل خاربىسسون بىلەن كۆرۈشتى. خاربىسسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كەلگۈسىدە رەڭنى ئاۋازغا ئۆزگەرتىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى رەڭ قارىغۇسى كېسىلىنى داۋالايدىكەن. 


ئىنسانلار ئۇزۇن مەزگىل ياشىيالامدۇ؟

ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1840-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە شۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆرمى باشتىن ئاخىر 100 ئەتراپىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا بۇنى ئۆزگەرتىكىلى بولمامدۇ؟

ئالىملار نەزىرىنى شەرقىي ئافرىقىدىكى يالىڭاچ قارىغۇچ چاچقانغا قارىتىپ، ئۇلاردىن جاۋابقا ئېرىشىشنى پىلانلىدى. يالىڭاچ قارىغۇچ چاچقاننىڭ ئۆمرى باشقا تۈرلەرنىڭ 10 ھەسىسىسگە توغرا كېلىدۇ. 

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى مارى خانىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرى كىرىس فۇلكېس يالىڭاچ قارىغۇ چاچقاننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ مەخىيىتىنى بىلمەكچى بولۇۋاتىدۇ. سەۋەبى ئۇلارنىڭ تېرىسىدە ئۆزگىچە ئاقسىل بار بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقنى ساقلىيالايدۇ، راك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولمايدۇ. 


كەلگۈسىدىكى ھاۋارايى قانداق بولىدۇ؟ 

ئەنگلىيەنىڭ ھاۋارايى ئەڭ تۇراقسىز ھاۋارايى، ئەمما ھاۋارايى مەلۇماتچىسى قوشۇمچە مېترولوگىيە ئالىمى پېتېر گىببسنى ئېيتىشىچە، بۇ بەلكىم ناھايىتى تېزلا تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، جەنۇبنىڭ ھاۋارايى تېخىمۇ ئىسسىپ قۇرغاقلىشىپ كېتىشى، شىمالنىڭ بولسا تېخىمۇ ئىللىق ۋە نەم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يەرشارىدىكى ھاياتلىقنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

بىيولوگىيە ئالىمى ئادام رۇسېرفورد ھازىردىن باشلاپ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىنسانلارنى ئۆزئىچىگە ئالمىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئازلاپ كېتىشىنىڭ يوشۇرۇن ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرىنى تونۇشتۇردى، مەسىلەن: ئەگەر شىر، يولۋاس قاتارلىق ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى گۆشخور ھايۋانلار يەرشارىدىن يوقىلىپ كەتسە، بۇ چاشقان قاتارلىق كىچىك تىپتىكى گۆشخور ھايۋانلار سانىنىڭ ئېشىشىنى ئۆزئىچىگە ئالغان زەنجىرسىمان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 

ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ «ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ يەرشارى قەھۋە ئۆستۈرەلمەسلىكى ياكى پۈتكۈل دېڭىز-ئوكيان سىستېمىسىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يەرشارىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا تۆت مىليارد يىل بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق ياشايدۇ، بىزنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز ئىنسانلارنىڭ يەرشارىدا ياشاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.»

ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىنى تارتىۋالامدۇ؟

ماشىنا ئادەملەر بەزى خىزمەتلەرنى باشقا خىزمەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قولىغا ئالالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بىز «يۇمشاق تېخنىكا»غا تايىنىدىغان كەسىپلەرنى باشتىن ئاخىر ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تاماملاش زۆرۈرلۈكىگە قانچىلىك كاپالەتلىك قىلالايمىز؟

دوكتۇر زوئې ۋىللىيامس بىر قىسىم ئېھتىماللىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر سۈنئىي ئىدراكلىق پىروگراممىنى ياساپ چىقتى، بۇ پىروگرامما ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بارلىق بۆلۈملەردىكى دوختۇرلارنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى تاماملىيالايدۇ. 


ماشىنا ئۇچامدۇ؟

«ئۇپۇق»تا ئېيتىلىشىچە، بىرقانچە كوللېكتىپ نۆۋەتتە بىر خىل «شوپۇرسىز ئۇچار تاكسى» ياساۋېتىپتۇ، ئەمما بىز ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىدىغان ماشىنىدا خاتىرجەم ئولتۇرالامدۇق؟ جاۋابى «ياق».

ئەمما ئۈمىد ئالدىمىزدا. دوكتۇر راففېللو ئاندېرا بىر مۇرەككەپ پىروگراممىنى لايىھەلىگەن بولۇپ، ئامازون شىركىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىسكىلات ماشىنا ئادىمىنى كونترول قىلالايدۇ، نەچچە يۈز ماشىنا ئادەم ماشىنىلارنى سوقۇشتۇرۇۋەتمىگەن ئاساستا يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. 

ئىشەنچىسىز ئۇچقۇچىلار ئىشسىز قالىدۇ، بۇ سىستېما بەلكىم بىر ئۇچار ئاپتوموبىل بولۇشى ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇچار تاكسىنى رېئالىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن. 


چوقۇم ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ

ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ ئالىملار شۇنداق بىر ئىشقا شەكسىز ئىشىنىدۇ: ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدە ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70