


نەچچە قات قېلىن كىيىملەرنى سېلىپ، چىرايلىق نېپىز كىيىملەرنى كىيىگىلى بولىدىغان، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەن ياز پەسلى كەلگەندە كۆپچىلىكمۇ بەلكىم ماڭا ئوخشاش كېچىدىكى پاشىنىڭ غىڭىلدىغان «ناخشا»سىنى تازا ياقتۇرمايسىلەر، پاشىلارنىڭ «ناخشا»سىنى توختىتىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تېپىپ سىلەرگە سۇندۇم، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.

شېكەر سۈيى بىلەن پاشا يوقىتىش
ئاق شېكەرنى ھەر بىر ئۆيدىن تاپقىلى بولىدۇ، شۇ ئاق شېكەرنى بىر ئىستاكان سوغۇق سۇغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆيگە قويۇپ قويۇڭ. شېكەر سۈيىنىڭ تاتلىقى پاشىنى ئۆزىگە تارتىىدۇ، سىز پەقەت شېكەر سۈيىگە چۈشكەن پاشىنى تاشلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.


ئىچىملىك بوتۇلكىسى بىلەن پاشا يوقىتىش
ئۆيدىكى ئىچىپ ئېشىپ قالغان ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى تاشلىۋەتمەڭ، بوتۇلكا ئېغىزىنى ئېچىپ، ئۆيگە قويۇپ پاشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ جان ئۈزۈشىنى ساقلاڭ. بوتۇلكا ئىچىدىكى ئېشىپ قالغان ئىچىملىكتىكى تەملىك پۇراق پاشىنى ئۆزىگە تارتىپ، پاشا تۇتىدىغان قورالغا ئايلىنىدۇ.

ئاچچىقسۇ ئارقىلىق پاشا يوقىتىش
ئاچچىقسۇنى ئۆيدە قاينىتىپ قويۇپ قويسىڭىز دېزىنفىكسىيەلەش رولىنى ئويناش بىلەن بىرگە، پاشىنىمۇ كۆزدىن يوقىتالايسىز. قايناتقان ئاچچىقسۇنى ھاۋا ئۆتىشىدىغان يەرگە قويۇڭ.


ئاپلىسىن شۆپىكى ئارقىلىق پاشا يوقىتىش
ئاپلىسىننى يەپ بولغاندىن كېيىن شۆپىكىنى تاشلىۋەتمەڭ. چۈنكى ئۇ، پاشا قوغلاشتىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئاپلىسىن شۆپىكىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، ياتاق ئۆيگە قويۇپ قويسىڭىز ياكى تەخسە ئىچىگە قويۇپ كۆيدۈرسىڭىز ھاۋانى ساپلاشتۇرغاندىن سىرت، پاشا يوقىتىش رولىغىمۇ ئىگە بولىدۇ.

كىيىم يۇيۇش پارشۇكى ئارقىلىق پاشا يوقىتىش ياز پەسلىدە كىيىم يۇيۇش قېتىم سانىمىز ئېشىپ بارىدۇ. كەچتە كىيىم يۇيغان سۇنى تۆكىۋەتمەڭ، ياتاق ئۆيدىكى دېرىزە قېشىغا قويۇپ قويسىڭىز سىزنى بىزار قىلغان پاشىنى بىزار قىلىدۇ.

كىيىم يۇيۇلغان سۇ ئىشقارلىق سۇ بولغانلىقتىن پاشىنى ئۆزىگە تارتىپ، پاشىنى سۇغا چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىم يۇيۇلغان سۇ، پاشا چاققان يەرنىڭ قىچىشىنى توختىتىش رولىمۇ بار.






