大数跨境

ئورۇقلاش مەزگىلىدە يېمەيدىغان يېمەكلىكلەر -بىلىۋېلىڭ

ئورۇقلاش مەزگىلىدە يېمەيدىغان يېمەكلىكلەر -بىلىۋېلىڭ Uysayahet
2017-07-13
0
导读:يات گۈزەل يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ئورۇقلىغ

يات گۈزەل يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ئورۇقلىغۇسى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتمىسا بولمايدۇ، يېگەندە سەمرىيدىغان گەپ. ئۇنداقتا ئورۇقلاش مەزگىلىدە قايسى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ؟ ئورۇقلاش مەزگىلىدە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تۈرى، يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەر، ئىككىنچىسى تېزلا قەنتكە ئايلىنىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەر. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ يېمەكلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟


ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

1.غەربچە تاتلىق-تۈرۈملەر

غەربچە تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ كالورىيەسى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپىنچىسىنىڭ ياغلىق. بۇنىڭدىن سىرىت ھەممە ئادەم غەربچە تاتلىق-تۈرۈمنىڭ ئۈستىگە قايماق، شىكەر قىيامى دېگەنلەرنى سۈرۈپ يېيىشكە ئامراق، بۇنداق بولغاندا كالورىيەسى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

2.كاربون كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر

ئادەتتىكى ئىچىملىكلەر ئارزۇيىڭىزنى قاندۇرالمىغان بولسا، گازلىق ئىچىملىكلەرنى تاللايسىز. لېكىن ھەرقانداق گازلىق ئىچىملىكتىن ساقلىنىش قورسىقى يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇنداق كاربون كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ئىچىدە كولا ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.

3. تېز تاماق

تېز رېتىملىق تۇرمۇش ئۇسۇلى نۇرغۇن ئادەمنى تېز تاماقنى تاللىمىسا بولمايدىغان ھالەتكە دۇچار قىلدى، مەسىلەن:ھامبۇرگ بولكىسى، توخۇ پاچىقى، ئىتالىيە چۆپى، پىسا دېگەندەك تاماقلار دائىم ئۇچرايدىغان تېز تاماقلارغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن باشقا تېز تاماق دۇكانلىرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ياغلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرگە تەۋە.

4.قۇتىلىق مېۋە شەربەتلىرى

قۇتىلىق مېۋە شەربەتلىرىدە ئەسلى مېۋىگە ئوخشاش مېنىرال ماددا ۋە ۋىتامىنلار تولۇق ئەمەس، چۈنكى مېۋە شەربىتى ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا مېۋىدىكى ئەسلى بار بولغان مېنىرال ماددا ۋە ۋىتامىنلار يوقاپ كېتىدۇ، پەقەتلا بار بولغان ۋىتامىن س مۇ بارا-بارا ئازلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مېۋىنىڭ تەمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زاۋۇتلار شېكەر ۋە رەڭلەرنى قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە بەدەن سەمىرىشكە باشلايدۇ.

5.تەييار چۆپ

تەييار چۆپ قولايلىق ھەم يېيىشلىك. لېكىن ئۇنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى،(ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ياغدىن ئۆتكۈزىلىدۇ، يەنە كېلىپ دورا-دەرمىكىگە تېتىتقۇلار كۆپ قوشۇلىدۇ، شۇڭا ئاز يېگەن ياخشى. تەييار چۆپكە ئامراق كىشىلەر ياغدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن چۆپنى تاللاپ يېسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن:گۈرۈچ چۆپى، پىنتوزا دېگەندەك. دورا-دەرمەكنىڭ يېرىمىنىلا ئىشلىتىپ تېتىتقۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنى ئازلاتسىمۇ بولىدۇ.

6.پىۋا

پىۋا بولسا ھازىرقى ياشلارنىڭ ياقتۇرۇپ تاللايدىغان ئىچىملىكى. دوسىتلار يېغىلىش قىلغاندا دائىم پەيدا بولىدۇ، لېكىن پىۋىنى ئىچكەندە سىز جىق نەرسىنى يەۋىتىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي پىۋا قورساق بولۇپ قالىسىز.

7.تېز ئېرىيدىغان قەھۋە

تېز ئېرىيدىغان قەھۋە سىزنىڭ ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلمەيلا قالماي، سىزنى سەمىرىتىۋېتىدۇ. تېز ئېرىيدىغان قەھۋەگە كۆپ مىقداردا شېكەر ۋە سۈت جەۋھىرى قوشۇلىدۇ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى كالورىيەلىك بولۇپ، سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنىڭ قاتىلى ھېسابلىنىدۇ.

تەكلىپ:ئەگەر روھىڭىزنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىچمەكچى بولىسىڭىز شېكەر ۋە سۈت جەۋھىرى قوشۇلمىغان قەھۋە ئەڭ ياخشى تاللاش.

ئۇنداقتا يېمەيدىغاننى دېگەندىن كېيىن، يېسەك ئورۇقلاشقا پايدىسى تېگىدىغاندىن دەپ ئۆتەيلى

1.  پالەك

ھەر 100 گرام پالەك كالورىيەسى 24 بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا تۆمۈر ۋە ۋىتامىن ئا ناھايىتى مول. ئەگەر سىز كەچتە قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا، پالەك سالات قىلىپ يېسىڭىز بولىدۇ، سۇدا پۇشۇرۇپ ياكى پاكىز يۇيۇپلا خام يېسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پالەكنى بەك پىشۇرۋەتسە ئوزۇقلۇق قىممىتى خوراپ كېتىدۇ.

2.  پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

مەيلى قانداق رەڭدىكى پۇرچاق بولسۇن، يېشىل، قارا، قىزىل پۇرچاقلارنىڭ ھەممىسى ئورۇقلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، چۈنكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاقسىل بىلەن ماي ناھايىتى تۆۋەن. ھەر 100 گرام سېرىق پۇرچاقتا 359 كالورىيە بار، ئاقسىل 6 كالورىيە. ئەگەر كەچتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكچى بولسىڭىز، بىر ئىستاكان پۇرچاق شەربىتى قىلىپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا شېكەر سالمايسىز، قورساق تويغۇزغاندىن باشقا ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ.

3.  قوغۇن

ھەر 100 گىرام قوغۇندا 34 كالورىيە ئىنىرگىيە بولىدۇ، شۇڭا كەچتە قورساق بەك ئېچىپ كەتسە بىر قانچە تىلىم قوغۇن يېسىمۇ بولىدۇ، بەدەنگە ئارتۇق بېسىممۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا قوغۇندا ۋىتامىن ئا بىلەن ۋىتامىن س مول، ساغلاملىققا ۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشكە زور پايدىسى بار.

4.  پەمىدۇر

ھەر 100 گىرام پەمىدۇردا 19 كالورىيە ئىنىرگىيە بار، شۇڭا كەچتە قورساق ئاچسا پەمىدۇر يېسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ياقتۇرسىڭىز پەمىدۇر سالاتى قىلىپ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ.

5.سۇلۇ بولكىسى

ئادەتتىكى بولكىغا سېلىشتۇرغاندا سۇلۇ بولكىسىنىڭ كالورىيەسى 9 پىرسەنت ئاز بولۇپ، ئاقسىل ماددىسى 20 پىرسەنت ئارتۇق بولىدىكەن. ۋىتامىن ب ئىككى ھەسسە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا كەچتە بىر نەچچە پارچە سۇلۇ بولكىسى يېسە قورساقنى توقلاپلا قالماي يەنە تالا بىرىكمىلىرى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەركەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدىكەن، بەدەنگە ھېچقانداق بېسىم پەيدا قىلمايدىكەن.

6.كۈركە توخۇ

ھەر 100 گىرام تېرىسى ئېلىۋېتىلگەن لوق توخۇ گۆشىدە نىڭ كالورىيەسى 103 بولۇپ، ئورۇقلىغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدىكەن، سىز توخۇنىڭ بىر پارچە مەيدە گۆشىگە سۇلۇ بولكىسىدىن ئىككى پارچە قوشۇپ يېسىڭىز مېزىلىك بولغان ئورۇقلاش يېمەكلىكى يېگەن بولىدىكەنسىز.


【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70