جۇڭگونىڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ئاسما ئەينەك كۆۋرۈك مودا بولدى
ئې ف ئې ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 5- يانۋار تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاسما ئەينەك كۆۋرۈك يېقىندا سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان «يۈرەكلىك» ساياھەتچى بۇ ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالماقتا. بۇ خىل ئاسما كۆۋرۈك بۈگۈنكى كۈندە مودىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ «بوشلۇقتا مېڭىش» تەك ئاجايىپ ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ بېقىشقا جەلپ قىلىدۇ.
بۇ جايدا يېڭىدىن ياسالغان ئاسما ئەينەك كۆۋرۈك پىڭشەن تېغى قىزىل جىلغىسى (خۇڭياگۇ) دىكى ئىككى تاغ چوققىسىنىڭ ئارىسىغا سېلىنغان. پەقەت ئەڭ يۈرەكلىك كىشىلەرلا بۇ 218 مېتىر ئېگىزلىكتىكى، ئۇزۇنلۇقى 488 مېتىر كېلىدىغان ئاسما ئەينەك كۆۋرۈكتىن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كىشى كۆۋرۈكنىڭ ئىككى يېقىدىكى رېشاتكىنى تۇتۇپ ئاۋايلاپ ئاران ماڭىدۇ.
ساياھەتچى جاڭ نەن ئىككى دوستىنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ مېڭىشى بىلەن كۆۋرۈك ئۈستىدە ئاران قەدەم تاشلىدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ھېلىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ناھايىتى جىددىيلەشتىم، پەسكە قاراپلا قالسام ئايلىنىپ كېتىشىم مۇمكىن، شۇڭا پەسكە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم».
بۇ يېڭىدىن ياسالغان ئاسما ئەينەك كۆۋرۈك قىزىل جىلغا مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 350 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ھازىر قىزىل جىلغا مەنزىرە رايونى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان كۈنىگە تەخمىنەن 2000 ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىپ «بوشلۇقتا مېڭىش» ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاسما كۆرۈك جەمئىي 1077 پارچە ئەينەك تاختىدىن ياسالغان بولۇپ، ھەربىر پارچە ئەينەك تاختىنىڭ قېلىنلىقى پەقەت تۆت سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ كۆۋرۈكنىڭ مەركىزىدىن مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ رەسىمگە چۈشۈپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ پەخىرلىنىدىكەن.
يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئۇ كۆۋرۈككە چىقىشى چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال چىققان كۈنلەردە ئۇ كۆۋرۈك شامالغا ئەگىشىپ تەڭ لىڭشىيدىغان، قىشتا قارنىڭ تەسىرىدە ئەينەك كۆۋرۈك ئادەتتىكىدىن تاشقىرى تېيىلغاق بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
بۇ ئاسما كۆۋرۈككە چىقىش سەپىرىمۇ بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاسما كۆۋرۈك تاغنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ساياھەتچىلەر 2000 دىن ئارتۇق پەلەمپەينى پىيادە ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن مەنزىلگە بارالايدۇ، بىۋاسىتە تاغقا چىققىلى بولىدىغان ئاسما ۋاگون بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئاسما كۆۋرۈك جۇڭگودا مودا بولدى ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى رىقابەتكە سالدى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاسما ئەينەك كۆۋرۈك رېكورتىنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياجيې مەنزىرە رايونىدىكى ئەينەك ئاسما كۆۋرۈك 2016- يىلىدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 430 مېتىر كېلىدۇ.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاسما ئەينەك كۆۋرۈكلەر شەرەپ تاختىسىدىن ئورۇن ئالغان كۆۋرۈكلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جۇڭگودا ئىكەن، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئاشۇنداق ئەينەك كۆۋرۈكتىن تەخمىنەن 60 ى بار ئىكەن.
ئېلىمىزدە بەش يىلدىن بۇيان 65 مىليون ئىش ئورنى كۆپەيدى
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا شەھەر - بازار رايونلىرىدا يېڭىدىن كۆپەيتكەن ئىش ئورنى فىرانسىيەنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭلەشكەن. جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.
بلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇلتۇر 29- دېكابىردىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان جۇڭگو شەھەر - بازارلاردا 65 مىليوندىن كۆپرەك ئىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ كەلدى. بۇ بۇلتۇرقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 8 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %90 تىن ئاشقانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگوغا نىسبەتەن بۇ خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو رەھبەرلىرى زېھنىي كۈچىنى ئاساسلىقى، قەرز ۋە ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازايتىشقا قارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليون ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئەمگەك كۈچى بازىرى ئومۇمىي سەۋىيەسى ناھايىتى مۇھىم ھالەتتە تۇردى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر سېنتەبىردە ئېلىمىزدىكى 31 چوڭ شەھەر - بازارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.83 بولۇپ، 2012- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتنى ساقلاپ كەلگەن، نويابىردا بۇ سانلىق قىممەت %4.9 كە يەتكەن. دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2018- يىلى يېڭىدىن 13 مىليون 500 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىنىدۇ.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت يەنە ئىشسىزلىق نىسبىتى (ئىقتىسادشۇناسلار ئادەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتقا دىققەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايىتى ئاز داۋالغۇش ھېسابلىنىدۇ) نى 2- پەسىلدە %3.95 كە تۆۋەنلىتىپ، 2008- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتنى ساقلايدىكەن، 3- پەسىلدىمۇ يەنىلا ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدىكەن.

