大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئەينەك كۆۋرۈك ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئەينەك كۆۋرۈك ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى Uysayahet
2017-12-31
0
导读:دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئەينەك كۆۋرۈك ساياھەتچىلەرگە ئېچى


 دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئەينەك كۆۋرۈك ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى

     خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسى خۇڭياگۇ مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاسما شەكىللىك ئەينەك كۆۋرۈك 24- دېكابىر ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.


 بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 488 مېتىر، كەڭلىكى تۆت مېتىر بولۇپ، كۆۋرۈك يۈزى بىلەن يەر يۈزىنىڭ تىك ئارىلىقى 218 مېتىرغا يېتىدۇ (66 قەۋەتلىك بىناغا تەڭ)، 600 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كۆۋرۈكتىن ئۆتەلەيدۇ. ئۈچ يىلدا پۈتكەن بۇ كۆۋرۈك ئېچىۋېتىلگەن كۈنىلا 3000 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئادەم ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بۇ كۆۋرۈكتە تۇرغىنىدا خۇددى بوشلۇقتا تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.






           «ھەمبەھىر توڭلاتقۇ» شاڭخەيدە ئومۇملىشىشقا باشلىدى 

 

  دېكابىر كىرگەندىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەر پەقەت كىملىكىنى سۈركىسىلا ئاساسلىق كونا دۇقمۇشلىرىغا قويۇلغان «ھەمبەھىر توڭلاتقۇ» دىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يېيەلەيدىغان بولدى. بۇ خىل «ھەمبەھىر توڭلاتقۇ» لار قارىماققا ئاپتوماتىك مال سېتىۋېلىش ماشىنىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىچىدە مېھمانساراي، تاللا بازارلىرى تەمىنلىگەن تەييار چۆپ، پىرەنىك، مىنېرال سۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەر بار ئىكەن. ھازىر شاڭخەي شەھىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ھەمبەھىر توڭلاتقۇ» دىن ئونى بار بولۇپ، كۈنىگە 300 كىشىلىك يېمەكلىك ئالغىلى بولىدىكەن.

مەزمۇنلار ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.






【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70