大数跨境

مىسىردىكى گىزا پرامىداسىنىڭ سىرى

مىسىردىكى گىزا پرامىداسىنىڭ سىرى Uysayahet
2017-12-31
4
导读:گىزا پىرامىداسىنىڭ سىرى گىزا پىرامىداسى ئەزەلدىن ھە


گىزا پىرامىداسىنىڭ سىرى

    گىزا پىرامىداسى ئەزەلدىن ھەل قىلىنمىغان ئەڭ چوڭ سىرلىق تېمىلارنىڭ بىرى، لېكىن يېقىنقى بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە: «بىز بۇ پىرامىدانىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئىگىلىدۇق» دېيىلدى.

     قەدىمكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان گىزا پىرامىداسىنىڭ ھېچقانداق تېخنىكا يوق دېيەرلىك بولغان برونزا دەۋرىدە يارىتىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. سۇيىقەست نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرى: «برونزا دەۋرىدىكىلەر بۇ پىرامىدانى ياسىيالمايدۇ، ئۇنى چوقۇم تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى ياسىغان» دەپ قارايدۇ.

     لېكىن ئەنگلىيە 4- قانىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يېقىندا قويۇلغان «مىسىر پىرامىداسى ــــ يېڭى پاكىتلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە كىشىنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدىغان يېڭى پاكىت، يەنى بىر پارچە قەدىمىي ھۆججەت كۆرسىتىلدى. بۇ ھۆججەت بىزگە مىسىرلىقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پىرامىدا ياساش ئۈچۈن، ئىككى يېرىم توننا كېلىدىغان يوغان تاشلارنى قانداق قىلىپ 800 كىلومېتىر يىراقلىقتىن يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى يېشىپ بېرىدۇ.

     ئۇلار پىرامىدالارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىرىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2600- يىلى ياسالغان، ئۇ فىرئەۋىن خۇفۇنىڭ قەبرىسى، دەپ قارايدۇ. بۇ پىرامىدانىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 146 مېتىر، ئۇ پىرامىدالارنىڭ ئەڭ يوغىنى چوڭى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىزچىل يەر شارىدىكى ئەڭ زور قۇرۇلۇش بولۇپ كەلدى.

   ئالىملار قەدىمكى قىياق قەغىزى ۋە ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەنگەن سۇ يولى سىستېمىسىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۈمەنلىگەن ئۇستا ھۈنەرۋەن نىل دەرياسىدىن پايدىلىنىپ ياغاچ كېمە بىلەن 17 توننىلىق ھاك تاشنى توشۇغان، ئۇلار ئارغامچا بىلەن نۇرغۇن كېمىنى بىر - بىرىگە چاتقان، ئاندىن ئالاھىدە ياسالغان قانال سىستېمىسى ئارقىلىق بىر ئىچكى پورتقا ئېلىپ كەلگەن، بۇ ئىچكى پورت خۇفۇ پىرامىداسىدىن نەچچە مېتىرلا يىراق ئىدى. كىشىلەر بىر دېڭىز پورتىدا بىر قىياق قەغىزىنى بايقىغان، ئۇ كىشىلەرنى كېمىنىڭ خۇفۇ پىرامىداسىنى ياساش جەريانىدىكى رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشتە يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى.

     بۇ ھۆججەتنى مېللىر يازغان. ئۇ بىر قۇرۇلۇش نازارەتچىسى، قول ئاستىدا 40 چېۋەر ھۈنەرۋەندىن تەشكىللەنگەن ئەترەت بار ئىدى. بۇ قىياق قەغىزى ھازىرغىچە بايقالغان خۇفۇ پىرامىداسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى خاتىرىلەنگەن بىردىنبىر 1- قول ماتېرىيال.، مېللىر ھاك تاشنىڭ قانداق قىلىپ تۇلادىن گىزا پىرامىداسىنىڭ يېنىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە باشقا خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يەر شەكلىنى ئوڭشاش خىزمىتىنى قانداق ئىشلىگەنلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

     ئۇلار نىل دەرياسىدىن سۇ يولى ئايرىغان، سۈنئىي قانال ئارقىلىق ماتېرىياللارنى پىرامىدانىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئاپارغان. ئارخېئولوگ مارك راينېر مۇنداق دېدى: «بىز مەركىزىي قانال ۋادىسىنى سىزىپ چىقتۇق. ئۇ گىزا ئېگىزلىكىنىڭ ئايىغىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ مۇھىم تىرانسپورت رايونى بۇلۇشى مۇمكىن».


     سۈرەتتە: خۇفۇ پىرامىداسىنىڭ ياسىلىش سىرى خاتىرىلەنگەن قىياق قەغىزى. 

مەزمۇنلار ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.







【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70