大数跨境

دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئاياغ

دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئاياغ Uysayahet
2018-01-04
1
导读:دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئاياغ ئەنگلىيەنىڭ لوندوندى




دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئاياغ

     ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى داڭلىق ھەشەم بۇيۇملىرى لايىھەلىگۈچىسى دېببې ۋىڭخام لايىھەلىگەن 15 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 130 مىليون يۈەن) قىممىتىدىكى بىر جۈپ ئاياغ يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاياغنىڭ يۈزىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان چوڭ ھالرەڭ ۋە كۆك ئالماستىن كۆز قويۇلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاياغقا قويۇلغان ئالماسنىڭ قىممىتىلا 1 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىكەن، بۇ بىر جۈپ ئاياغنىڭ نەقىش ئالغان قىسمىغىمۇ ئاق ئالماستىن تۆتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىرمۇنچە كىچىك ئالماسلار قويۇلغان بولۇپ، ئاياغنىڭ سىرتمىسى بىلەن ئاياغ يۈزىمۇ ئالتۇندىن ئىكەن.








پىرنتېرلاپ ياسالغان تۇنجى ئۆي رۇسىيەدە پۈتتى

     ياۋروپا بويىچە 3D لىق پىرنتېرلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان تۇنجى ئۆي يېقىندا رۇسىيەنىڭ ياروسلاۋى شەھىرىدە پۈتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۆينىڭ كۆلىمى 298.5 كىۋدرات مېتىر بولۇپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئىككى يىل سەرپ قىلىپ ئۆينىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى 3D لىق پىرنتېرلاش تېخنىكىسىدا بېسىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى قۇراشتۇرۇپ ئۆي ھالىتىگە ئەكەلگەن.








«چاقىرىلمىغان مېھمان» ئايرودۇرۇمنى پاراكەندە قىلدى

    205 كىلوگىراملىق بىر دېڭىز يىلپىزى 27- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىدا يېتىۋالغان بولۇپ، ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرى ئۇنى كىران بىلەنمۇ يۆتكىيەلمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ «چاقىرىلمىغان مېھمان» كەتكەندىن كېيىن، ئايرودۇرۇمنىڭ بارىلىق خىزمەتلىرى ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن.








【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70