大数跨境

2 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان» دىن كېيىن

2 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان» دىن كېيىن Uysayahet
2018-01-15
1
导读:« 2 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان» دىن كېيىن...   ت

   « 2 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان» دىن كېيىن...

      تۇرۇپلا ئىككى يۈەن خەجلەپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم، ئەتىسى 2 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، بەش مىنۇتتىلا شۇنچە كۆپ بۇ پۇلنى ئىشلىتىشنىڭ ئون ماددىلىق پىلانىنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈردۈم. بۇ پىلانىمنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ھېلىقى ھەممە ئادەمدىن ئېگىز خۇمپەر ساڭ شىڭنى بېسىپ چۈشۈش ئىدى. ئادەتتە مەن ئۇنى «ساڭ شېڭ شۇم...» ياكى «ھېلىقى ساڭ شىڭ دېگەن شۇم...» دەپ ئاتايتتىم، مانا ئەمدى قىسقارتىپ «ساڭ شىڭ» دەپلا ئاتاشنى قارار قىلدىم، چۈنكى پۇلدارغا ئايلانغان مەن شۇ تاپتا تەكەللۇپنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ قالغانىدىم.

   1.ئالدى بىلەن «ئوۋدى A» دىن بىرنى سېتىۋالغۇلۇق، چۈنكى ساڭ شىڭ دېگەن خۇمپەرنىڭ «ئوۋدىA» نى ھەيدەپ يۈرگىنىگە ئۇزاق بولدى. بىراق كېيىن مەن «ئوۋدى A» دەيدىغان پىكاپ يوقلۇقىنى بىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئارىغا ئادەم سېلىپ، زاۋۇت باشلىقىدىن مەن ئالىدىغان پىكاپقا «ئاۋدى A» دەپ بەلگە تەلەپ قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.

   2.ئايدا 950 يۈەن خەجلەپ 22 ياشلىق قىز شوپۇردىن بىرنى ياللاشنى قارار قىلدىم، چۈنكى ساڭ شىڭ 900يۈەن خەجلەپ 24 ياشلىق قىز شوپۇر ياللىغانىدى.

3. 3020 يۈەن خەجلەپ بىر ئۈستەل زىياپەت بېرىمەن، زاكا ئاغىنىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەكلىپ قىلىمەن. نېمىشقا چوقۇم 3020 يۈەن خەجلىمەكچى بولۇپ قالدىم؟ چۈنكى ساڭ شىڭ زاكا ئاغىنىلەرگە 3000 يۈەنلىك بىر ئۈستەل تەييارلاپ زىياپەت بەردى، شۇڭا مەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بەكرەك مەردلىكىمنى نامايان قىلىشىم كېرەك

 4.300 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالاي، نامى ئەلۋەتتە «مۇز قورۇ» بولسۇن، كۈنبويى ئادەم تىللاپ يۈرىدىغان خوتۇنۇم شۇ يەردە تۇرسۇن. ساڭ شىڭ خوتۇنىنى قويۇپ بېرىۋىدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا باشقا بىرىگە تېگىۋالدى، شۇڭا مەن ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ساڭ شىڭدىن ۋىجدانلىق - تە! شۇڭا خوتۇنۇمنى بىراقلا ھەيدىۋەتسەم قاملاشمايدۇ، ئۇ «مۇز قورۇ» دا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىسۇن.

   5.ئازراق مەبلەغ سېلىپ شەھەر ئەتراپىدىن بىر كۆلنى ھۆددىگە ئېلىپ تاشپاقا باقاي، ئالدىراش ئەمەسچاغلاردا مۇناسىۋىتىم يېقىنلارنى تاشپاقا تۇتۇشقا تەكلىپ قىلاي. چۈنكى ساڭ شىڭمۇ بىر كۆلنى ھۆددىگە ئېلىپبېلىق باقتى، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىنلار دائىم بېلىق تۇتىدۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئۇ نان قېپىنىڭ «قارمىقىغائىلىنىپ» بولغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ.

   6.«ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى» دا 999 تال ئەتىرگۈل سېتىۋېلىپ «ئۇ» نىڭغا سوۋغا قىلمىسام بولمايدۇ،ساڭ شىڭ دېگەن ئەبلەغ 99 تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلدى.

   7.دەرھال سەرخىل ماللار ماگىزىنىغا بېرىپ 2550 يۈەنلىك بىر قۇر كاستۇم - بۇرۇلكا بىلەن 255 يۈەنلىكگالىستۇك سېتىۋالىمەن، ئۇنى كىيسەم چوقۇم سالاپەتلىك بولۇپ كېتىمەن، چۈنكى ئۇ ساڭ شىڭنىڭكىدىن بىر ھەسسەقىممەت - تە!

   8.كانارىيە سېرىق قۇشقىچىدىن سەككىزنى سېتىۋېلىپ باقىمەن، بىراق ئۆزۈم بېقىشنى بىلمەيمەن، شۇڭائۇلارغا باققۇچى ياللاپ بېرىمەن. شۇندىلا ساڭ شىڭنىڭ بالكونىدىكى ئالتە قۇشنىڭ توختىماي سايرىشىغا پەرۋاقىلمايمەن، باش ئاغرىقىممۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈگەيدۇ.

   9.ئامال قىلىپ دوكتورلۇق دىپلومىدىن بىرنى جايلايمەن، ساڭ شىڭ دېگەن شۇمنىڭ تېگىنى كىم بىلمەيدۇ؟«ماگىستىر ئاسپىرانت» مىش، ئەبلەخ، نەدىنمۇ تاپقاندۇ - ھە ئۇنى؟

   10.يۇقىرىدىكى توققۇز ماددىنىڭ خامچوتى 1 مىليون 999 مىڭ 998 يۈەن بولىدىكەن، يەنە ئىككى يۈەنئېشىپ قالىدىكەن، نەق بىر تال لاتارىيە سېتىۋېلىشقا يېتىدىكەن...

     دەل شۇ چاغدا يۈزۈمگە خوتۇنۇمنىڭ مۇزدەك شاپىلىقى تەگدى، قۇلىقىمدا مۇنداق سادا جاراڭلىدى:

     - ئويغان ھوي، ئويغان، كۆزۈڭنى يوغان ئاچ!

     - كىم سېنى «مۇز ساراي» دىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قېچىپ چىق دېدى؟ - دېدىم مەن كۆزۈمنىمۇ ئاچماستىن.

               ئەسقەر مۇھەممەد تەرجىمىسى


【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70