大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئون ئايرودۇرۇم

دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئون ئايرودۇرۇم Uysayahet
2017-12-31
1
导读:دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئون ئايرودۇرۇم دۇنيادىكى ئايرو






دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئون ئايرودۇرۇم

  دۇنيادىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ھەممىسى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئەمەس، يەنە تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان، ئۇچۇش - قونۇش يولى تاغنى تېشىپ ئۆتۈپ دېڭىز - ئوكيانلارغا تۇتاشقان؛ شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلىشىپ، ئۇچۇش - قونۇش يولى تاشيولنى كېسىپ ئۆتكەن، شۇنداقلا لايىھەدىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى پەيدا قىلغان ئايدىروملارمۇ بار، شۇڭا بىز ئادەمنى چۆچىتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئون ئايرودۇرۇمنى تاللاپ چىقتۇق.

لىندبېرگ ئايرودۇرۇمى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1928- يىلى 16- ئاۋغۇست، بىر كۈندە 550 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ - قونىدۇ، شەھەر مەركىزىگە يېقىن

  ئامېرىكىنىڭ لىندبېرگ ئايرودۇرۇمى بوشلۇقتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى «نامايان قىلغان» ئايرودۇرۇم، قاتناشنىڭ بېسىق ۋاقتىدا ھەر كۈنى 550 ئايروپىلان ئۇچۇپ - قونىدۇ، شۇڭا سائەت 8:00 دىن 22:00 گىچە ئايروپىلانلار توختىماي ئۇچۇپ - قونۇپ تۇرىدۇ. ئۇچۇش - قونۇش يولى بىرقەدەر قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ ئايىغىدىن 183 مېتىر يىراقلىقتا بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شەكلى خەتەرلىك، شۇڭا ئۇچقۇچىغا نىسبەتەن بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ شارائىتىدا ئايروپىلان ھەيدەش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.

مادېئىرا فۇنشال ئايرودۇرۇمى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1964- يىلى 18- ئىيۇل، ئۇچۇش - قونۇش يولى دېڭىزغا سوزۇلغان، قاينامسىمان شاماللىق رايون

  پورتۇگالىيەدىكى مادېئىرا فۇنشال خەلقئارا ئايروپورتى تاغنىڭ ئۇدۇلىدا، ئۇچۇش - قونۇش يولى تاغنى تېشىپ ئۆتۈپ دېڭىزغا سوزۇلغان. دېڭىز قىرغىقى تاغلىق رايون بولغاچقا، بۇ جايدا شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىشچان، تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. ئايروپىلان قونۇش ۋاقتىدا شامال يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىدىكى دېڭىز قۇشلىرىمۇ بىر باش ئاغرىقى.

ۋېر ئايرودۇرۇمى

   ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: ئايرودۇرۇم تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان، كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز

  ۋېر ئايرودۇرۇمى ئامېرىكا، ھەتتا شىمالىي يېرىم شاردىكى ئەڭ خەتەرلىك ئايرودۇرۇم، ئۇ 4200 مېتىر ئېگىز روككى تېغىغا جايلاشقان. تاغلىق رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتۈش بەلكىم بارلىق ئۇچقۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن ئىش بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ، ھەر 300 مېتىر ئۆرلىگەندە موتور %3 قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

گوسۋېل ئايرودۇرۇمى

   ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1961- يىلى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك 2000 مېتىر، قار تېيىلىش يولىغا قۇرۇلغان

   فىرانسىيەدىكى گوسۋېل ئايرودۇرۇمى ئالىپ تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشىگە ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ قىسقا ھەم زىيادە ئېگىز - پەسلىكى سەۋەب بولغان. ئايرودۇرۇمنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، ئەمما ئۇچۇش - قونۇش يولى ئارانلا 500 مېتىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىك - يانتۇلۇقى دەھشەت، يانتۇلۇق دەرىجىسى 18.5 گىرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ ئۇچۇش - قونۇش يولى 1961- يىلى ياسالغان، بۇ يەرگە ئارام ئالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

چىدې ئايرودۇرۇمى

   تىجارەت قىلغان ۋاقتى: 1925- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە، قونىدىغان يەر كۆرۈش سېزىمىگە تايىنىپ بەلگىلىنىدۇ، شەھەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ

   شياڭگاڭدىكى چىدې ئايرودۇرۇمىغا قونماقچى بولغانلار كۆرۈش سېزىمىگە تايىنىدۇ، ئەڭ يامىنى ئايرودۇرۇمدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش رايونى يوق، بۇ خەتەرلىك ئامىللار سەۋەبىدىن، تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە 14 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن.

جەبىلتارىخ ئايرودۇرۇمى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى، پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون، ئۇچۇش - قونۇش يولى تاشيولنى كېسىپ ئۆتىدۇ

   ئەنگلىيەگە تەۋە جەبىلتارىخ ئايرودۇرۇمى ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ كىرىش ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ، ئەمما ئۇ ئىسپانىيەگە ئەمەس، ئەنگلىيەگە تەۋە. بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە لىبىرىيە يېرىم ئارىلىدا شەكىللەنگەن يۇقىرى ھاۋا بېسىمى قونۇشقا ناھايىتى زور قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.

مەلىكە جۇلىئاننا ئايرودۇرۇمى

   ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1944- يىلى، تاغ چوققىسىدىن پەسكە سېيرىلىش ئارقىلىق ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدۇ.

  مەلىكە جۇلىئاننا ئايرودۇرۇمى مىئامىنىڭ جەنۇبىدىكى سەيلىگاھىدا، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە تەڭ باشقۇرىدۇ. جۇلىئاننا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئورنى ئىنتايىن خەتەرلىك، يەنى ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا تىك تاغدىن ھالقىش ئۈچۈن، ئايروپىلاننى تېز سۈرئەتتە يۇقىرىغا ئۆرلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر ئۇچىدا قونغان ئايروپىلانلار بىۋاسىتە دېڭىز بويىغا سىيرىلىپ بارىدۇ.

گۇستاۋ III ئايرودۇرۇمى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1945 - يىلى

  فىرانسىيەگە تەۋە ساينىت ئارىلىدىكى گۇستاۋ III ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش - قونۇش يولىغا چۈشۈش باسقۇچى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك سىناقلارنىڭ بىرىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇچۇش - قونۇش يولى ناھايىتى قىسقا، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان؛ ئايروپىلان سۇ يۈزى ئارقىلىق ئايرودۇرۇمغا كىرىدۇ، ئەمما ئايلىنىش باسقۇچى يوق، چۈنكى ئۇ تاغلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس، ئايرودۇرۇمغا كىرىش يولى دەل ئاپتوموبىلغا تولغان يولدىن ئۆتىدۇ.

پوستو ئېسپېكسيال ئايروپورتى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1934- يىلى 5- يانۋار، ئۇچۇش - قونۇش يولى ئەڭ قىسقا ئايرودۇرۇم، ئايرودۇرۇمنى تاشيول كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ ئاياغ تەرىپى تىك قىيا.

   پوستو ئېسپېكسيال ئايرودۇرۇمى ھوندۇراسنىڭ پايتەختى تېگۇسگالپادىكى مادېلېيىن تاغ تىزمىسىدا، بۇ ئايرودۇرۇمغا كىرمەكچى بولغان ئايروپىلان چوقۇم سۈرئىتىنى جىددىي ئاستىلاتمىسا بولمايدۇ، چۈنكى قونۇش يولى ئىنتايىن قىسقا.

لۇكالا ئايرودۇرۇمى

  ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقتى: 1964- يىلى دېكابىر، ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىز، كۆرۈش ئارىلىقى قىسقا.

   نېپالدىكى لۇكالا ئايرودۇرۇمى نېپالنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت قويغان نامى ئېدىمون ھىلارى، ئۇ دۇنيادىكى جايلاشقان ئورنى ئەڭ ئېگىز ئايرودۇرۇم. لۇكالا ئايرودۇرۇمىغا كىرىش ناھايىتى مۈشكۈل، چۈنكى يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىنى كونترول قىلالمايمۇ قالىدۇ.

مەزمۇنلار ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.










【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70