
بۇ يەتتە خىل ئادەمنىڭ پۇلىنى تېپىش ئاسان
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زامانىمىزدا پۇل تېپىش پۇرسەتلىرى زىيادە كۆپ، ناۋادا ئادەملەر سەللا كاللىسىنى ئىشلەتسە، ئۇلارغا پۇل تېپىشنىڭ يولىرى ئېچىلىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە بىز پۇل تېپىشنىڭ يەتتە خىل يولىنى بايان قىلىمىز، ناۋادا ماقالىنى ئوقۇغان ئادەملەر دىققىتىنى يېغىپ، بازارغا بازارنىڭ كۆزى بىلەن قاريدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ يەتتە خىل پۇل تېپىشنىڭ يولىنى 700 خىلغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
پۇل تاپقىسى بارلارنىڭ پۇلىنى تېپىش

بۈگۈنكى كۈندە پۇل تاپقىسى بارلار ئۈزلۈكسز كۆپىيىۋاتىدۇ. ساھە بويىچە ئايرىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس توپى ۋە ئۆزىگە خاس ئىستىمال ئۇسۇلى بار، ئەگەر ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈرلەرنى زېھىن قويۇپ ئانالىز قىلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىدىغانلا بولساق، ئۇنداقتا چوقۇم كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
نەچچە يىل ئىلگىرى ھەممىلا يەردە》دېڭىز مەھسۇلاتلىرى راۋاقى《ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلدى، 3- ئېقىمدىكى سودىگەرلەر باشقىلارنىڭ كۆپ پۇل تاپقىنىنى كۆرۇپ، ئۇلارنىڭكىنى كۆچۈرۈپلا كېلىۋېدى، پايدىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي كۈلكىگە قالدى، ئەمما بۇ خىل كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئالدىنقى قاتاردىكى ئاقىل سودىگەرلەر كۆز تىكىپ بولغانىدى. شامىندا مۇشۇنداق بىر سودىگەر بار، ئۇ مەخسۇس دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىناسى خوجايىنلىرىغا دېڭىز سۈيى سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئۇنىڭ سودىسى ھازىر كۈندىن - كۈنگە كېڭىيىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان «باي خوتۇن» غا ئايلاندى.
ئالدىراش ئادەملەرنىڭ پۇلىنى تېپىش

ھەممە نەرسە تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋردە ئالدىراش ئادەملەر ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى، بىراق بۇنداق ئالدىراش ئادەملەرنىڭ پۇلى ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمىسە قاراڭ، يولدا قولىدىكى يان تېلېفونغا قاراپ ۋاقىراپ - جاقىراۋاتقان ئەپەندىم ھەم خانىملارنىڭ كۆپلىكىگە، ئەگەر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇلار ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلسا، ئۇنداقتا پۇل تېپىش يولى چوقۇم داغدام بولىدۇ.
نەنجىڭدىكى بىر يولنىڭ بويىدا گېزىت ساتىدىغانلار ھەر بىر مېنوتنى بوش قۇيۋەتمەي، تاكسى شوپۇرى ۋە يولوچىلارغا گىزىت ساتىدۇ؛ كۆكتات شىركىتى كۈندە كۆكتاتلارنى يۇيۇپ، ھەپتىلىك قورۇما تىزىملىكى بويىچە سەپلەپ، ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ ساتىدۇ. دېمەك، ئالدىراش ئادەم قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ تاپىدىغان پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ پۇلىنى تېپىش

ئەتىر چېچىش باشلىنىشتن بۇرۇن، نەنجىڭدە بىرى ئاستىرونومىيە تېلېسكوپىنى ئايغا قارىتىپ قويغان ھەم تېلېسكوپ بىلەن ئاينى كۆرگەن كىشىلەردىن بىر مىنۇتىغا بىر يۈەندىن ھەق ئالغان. بۇ خىل يېڭىلىق بۇرغۇن ئادەمنى، بولۇپمۇ ياش قىز - يىگىتلەرنى جەلپ قىلغان، چۈنكى ئاي كىشىلەرنىڭ رومانتىك تۇيغۇسىغا شاھىت بولىدۇ - دە؟ دېمىسىمۇ ئاشىق - مەشۇقلار كەچلىك سەيلىگە چىققاندا بىر - بىرىنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ، ئاينى تاماششا قىلىدۇ، بۇ سەيلى ئۇلارنىڭ ھەقەقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ.
بەزىلەر مۇنداق مۆلچەرلىگەن: تېلېسكوپنى ئىجارە بەرگەن بۇ ئادەم بىر ئاخشامدا 60 يۈەن تاپالايدۇ. تېخىمۇ قىزقارلىق يېرى شۇكى، بۇ تەدبىرلىك خوجايىن ئاينى تاماششاھ قىلىش سۇپىسىدا شۇ چاغدا مودا بولغان «ئايغا قاراپ» دىگەن ناخشىنى قايتىلاپ قويغان. دېمەك، ئەقىللىق سودىگەر قانداق كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئاسان تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاندىن ئىدىيەنى توغۇرلاپ، ئىستىمال شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتقاندىلا، پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھورۇنلارنىڭ پۇلىنى تېپىش

جەمئيەت تەرەققى قىلغانسىرى، ئادەملەر ھورۇنلۇشۇپ كىتۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر بۈگۈنكى دەۋرنى «تىزگىنەك دەۋرى» دىيىشتى. مەيلى قانداق ئىش قىلىڭ، سىز پەقەت بىر خىل يېڭىچە «تىزگىنەك» نى ئويلاپ چىقالىسىڭىزلا كۆپ پۇل تاپالايسىز.
قۇلاي بولۇشقا ئىنتىلىش، كىشىلەرنىڭ كىيىش - تويۇمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كىيىن، تەبئىيلا شەكىللىنىدىغان بىر خىل ئىھتىياج؛ مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر قۇلايلىقنى قوغلىشىش پەن - تېخنىكا ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى .
بەزىلەر كىر يۇيۇشنى جاپالىق ۋە ئاۋارىچىلىق كۆرگەچكە، كىر يۇيۇش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى دېگەندەك قۇرۇتقۇچلار بارلىققا كەلدى؛ بەزىلەر تاماق ئىتىشنى ئاۋارچىلىق كۆرگەچكە، توك قازان بارلىققا كەلدى؛ بەزىلەرگە سۈرەتكە تارتىش ئورنىغا بېرىشقا خوش ياقمىغاچقا، «فوتو ئاپپىرات» بارلىققا كەلدى، ھەتتا ئۇلار بۇلارغا تەپ تارتماي: «بۇ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ تاللىشى» دەپ باھا بەردى.
ئويۇنغا ئامراق كېشىلەرنىڭ پۇلىنى تېپىش

كىشىلەرنىڭ سەيلى - ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئېڭىدە كۈنسايىن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپەيدى؛ قۇش بېقىش، گۈل - گىياھ پەرۋىش قىلىش، مېنا ئىتىش، پاي ئويناش، شاھمات، قارتا ئويناش، ناخشا ئىيتىپ ئۇسسۇل ئويناش... دېگەندەك ھەر خىل ھەر ياڭزا ئويۇنلارنىڭ بازىرى چىقىپ كەتتى. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئويۇنغىمۇ كۆپ پۇل خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا بەزى «بازار كۆزى» ئۆتكۈر كىشىلەر ئويناشقا ئامراق كىشىلەرنى نىشانلاپ بولدى، ھەتتا بەزىلىرى بۇ ساھەدە نۇرغۇن پۇل تاپتى.
بويتاقلارنىڭ پۇلىنى تېپىش

ئائىلىنىڭ ئىنچىكە بۆلۈنۈشى ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى بۇلۇپ قالدى، بۇنىڭ تىپىك نىشانى بويتاقلارنىڭ جەمئىيەتتە مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگەللەيدىغانلىقى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە بويتاقلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆزگىچە بىر ئىستىمال قاتلىمى شەكىللەندى، شۇنىڭ بىلەن بويتاقلار بويۇملىرى بازىرى كۆپ پۇل تاپىدىغان ساھە بولدى.
بويتاقلارنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئۈچ ۋاخ تاماق مەسىلىسى، ئۇلار ئاددىي، يېيىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تېز تاماقلارغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بازاردا بىر ئادەمنىڭ بىر ۋاخ يېيىشىگە يېتىدىغان خالتىلىق يېمەكلىك ياكى توڭلىتىڭغان قورۇما سىتىلسا، چوقۇم بويتاقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ئىرىشىدۇ. كىچىك، قولايلىق، مىقدارى ئاز، سۈپىتى ئەلا، بىر قىتىملا ئشلىتىلىدىغان، باھاسى ئەرزان ئىستېمال بويۇملىرىنىمۇ بويتاقلار چوقۇم قارشى ئالىدۇ .
ياشانغانلارنىڭ پۇلىنى تېپىش

يەھۇدىيلارنىڭ سودا پەلسەپىسىدە مەخسۇس ئىككى خىل ئادەمنىڭ، يەنى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ پۇلىنى تېپىش تەكىتلىنىدۇ. ئەمما ھازىر نەزەر دائىرىسى كەڭ سودىگەرلەر ئاللىقاچان 3- خىل ئادەملەرنىڭ پۇلىنى تېپىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ «3- خىل ئادەم» لەر دەل ياشانغانلاردۇر.




مەزمۇنلار ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.

