大数跨境

دۇنيادىكى زىيارەت قىلىش قاتتىق چەكلىنىدىغان جايلار

دۇنيادىكى زىيارەت قىلىش قاتتىق چەكلىنىدىغان جايلار Uysayahet
2018-01-04
2
导读:1. ھىندىستان ئاندامان تاقىم ئاراللىرىدىكى شىمالىي قارا

1. ھىندىستان ئاندامان تاقىم ئاراللىرىدىكى شىمالىي قاراۋۇلخانا ئارىلى. بۇ ئارال بېنگال قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۈك-باراقسان ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كىچىككىنە بىر ئارال، مەزكۇر ئارال پۈتۈنلەي مارجان خادا تاشلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرغاچقا، كېمە-پاراخوتلارنىڭ يېقىنلىشىشى ناھايىتىمۇ تەس. ئەڭ قورقۇنچلۇقى شۇكى، شىمالىي قاراۋۇلخانا ئارىلىدا سېنتىنەل دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىپتىدائىي قەبىلە ياشايدۇ، ئۇلار سىرتقى دۇنيا بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئالاقە قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىلگىرى ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىككى بېلىقچى ئۇقۇشماي بۇ ئارالغا چىقىپ قالغاندا، ئارالدىكى سېنتىنەل قەبىلىسى كىشىلىرى بۇ ئىككىيلەننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ھەتتا ھىندىستاننىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئارالنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىمۇ بۇ قەبىلە كىشىلىرىنىڭ تاش ۋە ئۇچار نەيزە ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر قانداق ساياھەتچىنىڭ بۇ ئارالغا يېقىنلىشىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ.

2. بىرازىلىيەدىكى كۇۋېيمادا ئارىلى. بۇ ئارال يەنە «يىلان ئارىلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىرازىلىيەدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بۇ ئارالدا دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك، زەھىرى ئەڭ ئۆتكۈر يىلان «نەيزىباش چار يىلان» ناھايىتى كۆپ.


بۇ يىلان نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زەھەرلىك يىلان دەپ قارىلىدۇ. ئارالدىكى ئېكولوگىيە 

سىستېمىسىغا ئاساسەن ئۇ باشقا يىلانلارغا ئوخشاش سۈت ئەمگۈچى كىچىك ھايۋانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇچار قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ زەھىرىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئادەتتىكى زەھەرلىك يىلانلارنىڭ زەھىرىدىن بەش ھەسسە كۈچىيىپ كەتكەن، ئۇ چېقىۋالغان ھەر قانداق جانلىق غىڭ قىلمايلا جان بېرىدۇ.

3. فىرانسىيەدىكى لەسكوۋ غارى. بۇ غار فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر غارنىڭ تاملىرىدا ھازىرغا قەدەر بايقالغان تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كونا تاش قوراللار دەۋىرىگە ئائىت تام رەسىملىرى بار. ئالىملار بۇ قەدىمىي تام رەسىم ئەسەرلىرى بۇندىن 17 مىڭ يىللار بۇرۇن سىزىلغان دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تاشقاتمىلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ رايونلاردا ياشىغانلىقى ئىسپاتلانغان غايەت زور گەۋدىلىك ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان.

بۇ غار يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «قوغدىلىدىغان دۇنيا ماددىي مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2008-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر غار پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت مەخسۇس غارنىڭ تېمىدىكى رەسىملەرنى تەتقىق قىلىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئالاھىدە تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن غارغا كىرىپ بىر ئاي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.

4. نورۋېگىيەنىڭ سىۋالبارد تاقىم ئاراللىرىدىكى دۇنيا ئۇرۇق ئامبىرى. سىۋالبارد دۇنيا ئۇرۇق ئامبىرى بولسا نورۋېگىيەنىڭ سىۋالبارد تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال بولغان سىپىتسبېرگېن ئارىلىغا جايلاشقان غايەت زور بىر يەر ئاستى ئۇرۇق ئامبىرى بولۇپ، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىسمىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئېگىزلىكى 122 مېتىر كېلىدۇ. 2008-يىلى 2-ئايدا بۇ ئامبار رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ھازىر بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 84 چوڭ تۈردىكى 4000 خىل ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى ساقلانماقتا. مەزكۇر ئۇرۇق ئامبىرىغا يەر شارىمىزنىڭ قايتا تىرىلىش ئۈمىدى باغلانغان، يەنى ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك زور ئاپەتلەردە بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر ئۇرۇق بانكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىدىن ئىبارەت. مەزكۇر بانكىغا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن بىر نەچچىلا كەسپىي تەشكىلات ياكى ھۆكۈمەتلەر ئۇرۇقلىرىنى ئامانەتكە قويالايدۇ ۋە بۇ ئۇرۇقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن باشقا ھېچكىممۇ بۇ بانكىغا كىرىپ چىقالمايدۇ.



5. جۇڭگودىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىسى. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 246-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 208-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان بولۇپ، 39 يىلدا پۈتكەن، ئۇ جۇڭگو تارىخىدىكى بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان زور كۆلەملىك ۋە ياخشى پىلانلانغان پادىشاھ مەقبەرىسىدىن ئىبارەت. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرغا قەدەر ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئېچىۋېتىلمىدى، نۆۋەتتە ھېچكىممۇ بۇ جايغا كىرىپ كۆرۈپ باقالمايدۇ.

6. ياپونىيەدىكى ئىسې جىنگۇ مەقبەرىسى. «ياپونىيەدىكى ئەڭ مۇقەددەس مەقبەرە» دەپ قارىلىدىغان ئىسې جىنگۇ مەقبەرىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەردىلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ جايدا «قۇياش ئىلاھى»غا تاۋاپ قىلىنىدۇ. بۇ مەقبەرە چوقۇم ھەر 20 يىلدا بىر قېتىم ئۆرۈۋېتىلىپ قايتا قۇرۇلىدۇ، بۇ ياپونىيە شىنتو دىنىدىكى ھايات-ماماتلىقنىڭ دەۋرىي ھالدا ئالمىشىپ تۇرۇشى دېگەن ئەقىدىنىپ ئىپادىلىنىشى دەپ قارىلىدۇ. (بۇ مەقبەرە كېيىنكى قېتىم 2033-يىلى قايتا قۇرۇلىدۇ) ئىگىلىنىشىچە بۇ جاينى پەقەت ياپونىيە تېننوسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئالىي مەرتىۋىلىك ئايال كاھىنلار ياكى ئايال راھىبلارلا زىيارەت قىلالايدىكەن.

مەنبە: نۇر تورى؛ تەرجىمىدە : شەرىفە



【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读17
粉丝0
内容70