大数跨境

قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىدە ئۈچ يارقىن نۇقتا

قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىدە ئۈچ يارقىن نۇقتا Uysayahet
2018-01-15
2
导读:قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىدە ئۈچ يارقىن

 قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىدە ئۈچ يارقىن نۇقتا گەۋدىلىنىدۇ

     مۇخبىرىمىز شەۋكەت رىشات خەۋەر قىلىدۇ: 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى 12- يانۋاردىن 14- يانۋارغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ 12-نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «<بىر بەلباغ، بىر يول> دىكىلەر شىنجاڭدا جەم، قار - مۇز مەنزىرىسى يەرمەنكىگە مۇجەسسەم» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئۈچ يارقىن نۇقتا گەۋدىلىنىدىكەن.

   1. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت» ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقاتتەرەققىيات مەركىزى شىنجاڭ شۆبە مەركىزى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت»، «ئەقلىيئىقتىدارلىق خەتەردىن ساقلىنىش»، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى»، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈتۈنۈش»قاتارلىق مەھسۇلات رايونى تەسىس قىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ ساياھەت بىلەن بىرگەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

     كۆرگەزمىدە توردا سودىلىشىش سورۇنى ھازىرلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. مۇلازىمسىز تاللا بازىرى تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ سوۋغىسى» مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالىدىكەن، چىرايىنى سىكاننېرلاش (پەرقلەندۈرۈش) ئارقىلىق ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى سېتىۋېلىش رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن. «ھاجەتخانە ئىنقىلابى» نىڭ تۈرتكىسىدە مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانە، سۇ تېجەيدىغان مۇنچا كۆرگەزمىگە قويۇلۇشتىن سىرت، تەقلىد قىلىنغان «مۇز چەينەك مۇسابىقە يولى»، «ساياھەت + تەنھەرىكەت»تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش نامايان قىلىنىدىكەن.

     2.ئائىلە مېھمانسارىيى مۇنبەر مۇھاكىمىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتىمەملىكىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئائىلە مېھمانسارىيى مۇتەخەسسىسلىرىنى مۇنبەر مۇھاكىمىسىگە تەكلىپ قىلىپ، ئاپتونومرايونىمىزنىڭ ئائىلە مېھمانسارىيى، ئائىلە ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

      3. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەر شىنجاڭغا جەلپ قىلىنىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنى بىر گەۋدە قىلغان ھالدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭشى، گەنسۇ، خەينەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، ئىراننىڭ «پارس دەۋرى» نەپس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە جۇڭگو تەيۋەننىڭ ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر جەلپ قىلىنىلىدىكەن.


                                                  ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى

【声明】内容源于网络
0
0
Uysayahet
sayahat saloni
内容 70
粉丝 0
Uysayahet sayahat saloni
总阅读0
粉丝0
内容70