دۇنيادىكى ئاساسلىق زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئالتۇن ھىلال ئاي رايونى، ئالتۇن ئۈچبۇرجەك رايونى، كۈمۈش ئۈچبۇرجەك رايونى ۋە قارا ئۈچبۇرجەك رايونى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلدىغان بىر ساۋات بولسا كېرەك، خىروئىن، كوكايىنغا ئوخشاش بۇ نىجىسلار شۇ يەردە تېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنياغا تارقايدۇ، زەھەرلىك چېكىملىكنى قانۇنلاشتۇرغان دۆلەت يوقنىڭ ئورنىدا ( ئىنايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەر نەشە چېكىشنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا )،زەھەرلىك چېكىملىك دېگەن بۇ ئاپەتنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى شۇنچە زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ چەكلەپ باقسىمۇ، يەنىلا بۇ ئاپەتنى تۈپتىن يوقىتىشقا ئامالسىز، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ بىۋاستە زىينىغا ئۇچرىغانلارنىڭ كاللىسىدا بولسا چۈشىنىكسىز بىر تۈگۈن بار ، يەنى :« «ھۆكۈمەت» زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىكىن، شۇنچە پۇل خەجلەپ زەھەر چەكلەپ يۈرگۈچە، زەھەر چىكىملىك ياساشتا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا تېرىيدىغان شۇ رايونلارغا نەچچە مىڭ ئەسكەرنى ئەۋەتىپلا، ئاپەتنى يوقاتسا بولمامدۇ ؟». توغرا، بۇمۇ ياخشى ئۇسۇلكەنغۇ، زەھەرلىك چىكىملىكنى تۈپ يىلىتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىسا، ھەممە ئادەم رازى بولغاندىكىن، «ھۆكۈمەت» نېمىشقا شۇنداق قىلمايدۇ؟ ئەجىبا «ھۆكۈمەت» زەھەرلىك چىكىملىككە بىر كۆزىنى ئېچىپ ، بىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتامدۇ قانداق ؟ ئەمەلىيەتتە ئىش بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس .

ئالتۇن ئۈچبۇرجەك رايونى تايلاند ، ۋىيېتنام ۋە لائوستىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايونلارغا بولغان كونترول قىلىش كۈچى ناھايىتىمۇ چەكلىك. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا زىددىيىتى بار، تايلاند بىلەن كامبودژا ئارىسىدا پات پات كىچىك كۆلەمدىكى ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ،شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىدە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىش كۆرىدۇ، ھەمكارلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخى ئۆز-ئارا ئۇل كولىشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار چەتئەل ئارمىيەسىنى ( مەسىلەن ھەربىي كۈچ جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان قوشنىسى جۇڭگونى ) تەكلىپ قىلىپ ، بۇ رايوننى تىنجىتسا بولمامدۇ؟ بۇ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە بۇرۇندىن ساقلىنىۋاتقان مىللىي مەسىلە تۈپەيلى چەتئەل ئارمىيەسىنى تەكلىپ قىلىپ قول تىققۇزسا، ئەسلىدىن فېدېراتسىيە مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن تازا « ئېقى كېلىشمەي » تۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن تېخىمۇ ئارازلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلار چەتئەل ئارمىيەسىنى ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ ھەم جۈرئەتمۇ قىلالمايدۇ، كىممۇ ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان ، ئەمما ئىشەنمەيدىغان بىر كۈچلۈك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا باشلاپ كىرىشنى خالىسۇن؟ يەنە كېلىپ بۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە، زەھەر ئەتكەسچىلىرى پەقەت پۇل تاپسا بولدى، ئۇلاردا سىياسىي ھاكىمىيەت قۇرۇپ بۆلۈنۈپ چىقىش،دۆلەتنى پارچىلاش ئويى يوق، شۇڭلاشقا بۇنداق ئىچكى مەسىلىنى ھەر قانداق ھۆكۈمەت قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە قىلىپ ھەل قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمىسىمۇ، ھەرگىز بۇ ئىشقا باشقىلارنى ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ، شۇڭا باشقا دۆلەت ئارمىيەسى بۇ رايون ۋەزىيىتىگە قوراللىق ئارىلىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تىزگىنلىمەكچى بولدىكەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان تاجاۋۇزچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ،بۇ جاينىڭ قوشنىسى بولغان، ھەربىي جەھەتتىن بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان جۇڭگو ئىزچىل خەلقئارادا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا جەھەتتە ئىنتايىن نەمۇنىلىك رول ئوينىماقتا ،شۇڭلاشقا ھەتتا جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان زىيانكەشلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلماستىن،بەلكى ئايروپىلان، پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ، چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارنى تىز سۈرئەتتە دۆلەت ئىچىگە چېكىندۈرۈپ كېلىپ، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاپ كەلمەكتە، شۇڭا جۇڭگو ھەرگىز چېگرا ئاتلاپ كىرىپ، بۇ رايوننى تىزگىنلىمەيدۇ.

ئالتۇن ھىلال ئاي رايونى : پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان ئۈچ دۆلەت چېگرا ئارىلىقىدىكى بۇ رايونلارغا قاراپ باقساق، ئافغانىستان ئەزەلدىن تىنجىپ باققىنى يوق،ھېچقانداق دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت بۇ رايوننى ياكى ئۈزۈل كېسىل بېىسۋالالمىدى ياكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىنى تولۇق تىزگىنلىگۈدەك ئىقتىدار ھازىرلاپ باقمىىدى، تالىبان قوراللىقلىرى ئاشكارا ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك تېرىدى ياكى كونتروللۇقىدىكى پۇقرالارنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، زەھەر سېتىپ پۇل تېپىپ، قورال ياراغقا ئالماشتۇرماقتا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالىرىنى باققۇدەك كۈچى يوق، نۇرغۇنلىغان جايلارغا قاراشقا ماغدۇرى يوق، شۇڭا دېھقانلارنىڭ ئەپيۈن تېرىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. پاكىستاننىڭ ھالى گەرچە ئافغانىستاندىن ياخشىراق بولسىمۇ، ئەسكەر سانى كۆپرەك ھەتتاكى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ، ئەمما تاغلىق رايونلارنى كونترول قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا تاغلىق قەبىلە رايونلىرى پەقەت نامدىلا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ يۈرۈۋىرىدۇ. بۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە سىياسىي بىخەتەرلىك، تېررورىزمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، دۆلەت ئىچىدە تىنچلىق ئورنىتىش ......قاتارلىق مەسىلىلەر ،دۆلەت ۋەزىيىتى مۇقىملاشمىغان، تېررورلۇق تەھدىتى ھەسسىلەپ ئاشقان ھالەتتە كىممۇ باشقا ئىشلارغا قاراشقا چولىسى تەگسۇن؟ ھەتتاكى ئامېرىكا ئارمىيەسى چېگرا ئاتلاپ كېرىپ ، دۇنياۋى تېررورلۇق تەشكىلاتى - بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن چاغدا ، پاكىستان ئامېرىكىنى تاجاۋۇزچى دەپ ئەيىبلەپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يامانلىشىپ كەتتى . ئىرانغا بولغان ئاساسىي خەۋىپ شەرق ، شەرقىي شىمال تەرەپتىكى زەھەر ئەتكەسچىلىردىن ئەمەس بەلكى غەربى شىمالدىكى كورد قوراللىقلىرى ،غەرب، غەربى جەنۇب تەرەپتىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، چىش بىلەپ تۇرغان دۈشمىنى ئىسرائىلىيەلەردىن،ئەرەب دېڭىزىدا لاغايلاپ يۈرگەن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىدىن كېلىدۇ، ئۇ لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيەسىگە ، يەمەندىكى شىئە ئۆكتىچىلىرىگە ، سۇرىيەدىكى ئەسەدكە ھەر ئاماللار بىلەن ياردەم قىلىشى كېرەك، بولمىسا مەۋجۇتلۇقى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىقلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تۈزەشكە چولىسى يوق، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تالىبانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تالىشىپ يۈرۈيدۇ، دۆلەت ئىچىنى مۇقىملاشتۇرۇش تىزگىنلەشكە كۈچى يەتمەيدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىقىشى كېرەك دەپ ۋائىزلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئامېرىكىنى دەل ۋاقتىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. سىياسىي مەۋجۇتلۇق قاش بىلەن كىرپىك ھالىتىدە تۇرغان ھالەتتە، كىممۇ نەدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى دېگەنلەرگە قاراشقا چولىسى تەگسۇن؟ بۇنداق ۋەزىيەتتە يەنە قايسى دۆلەت بۇ رايونغا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيانداش بولغان زەھەرنى يوقىتىمىز دەپ ئەسكەر ئەۋەتەلىسۇن؟ زەھەر تازىلاشقا كەلگەن بۇ ئەسكەرلەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىر پاي ئوق ئېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى قورال كۆتۈرۈپ پەيدا بولىدۇ، ئاجىز ، نامرات ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايونلارغا قاراشقا چولىسى تەگمىگەچ، ئالتۇن ھىلال ئاي رايونى يەنىلا ئەسلىدىكى تۇرمۇشىنى داۋام قىلىپ كېتىۋىرىدۇ خالاس.

كۈمۈش ئۈجبۇرجەك
لاتىن ئامېرىكىسىدا ئون نەچچە دۆلەت كوكائىن ، نەشە ۋە ئەپيۈن تېرىيدۇ . بۇ يەردە پېرۇ ، بولىۋىيە ، كولومبىيە كوكائىننىڭ مۇھىم بازىرى ، بۇ رايوندىكى بەزى دۆلەتلەردە ھەتتا كوكائىن تېرىش قانۇنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پېرودا ھۆكۈمەت ئىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ كوكائىن تېرىشى قانۇنلۇق دەپ بەلگىلەن،بولۋىيەدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى %40 تېرىلغۇ يەرگە كوكائىن تېرىلىدۇ.
قارا ئۈچبۇرجەك : قارا ئۈچبۇرجەك رايونى بولسا ئافرىقىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك بازىسى بولۇپ، نىگىرىيە، گانا، كىنىيە، سۇدان ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ چېگرالىنىدىغان رايونىدۇر، ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ «ئېسىل» كەندىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.ئافرىقىدا ئاساسلىق يامراپ كەتكەن زەھەرلىك چېكىملىك كەندىر بولۇپ، پەقەت جەنۇبى ئافرىقىدىلا كەندىر تېرىلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى 82 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت ئافرىقا قىتئەسى دۇنيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەسكەسچىلىكىنىڭ ئوتتۇرا بېكىتى بولۇپ، مەيلى ئاسىيادىكى «ئالتۇن ئۈچبۇرجەك»، «ئالتۇن ھىلال ئاي»لاينىڭ ئەپيۈن، خىروئىنلىرى بولسۇن ياكى «قارا ئۈچبۇرجەك»لەرنىڭ كەندىرلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا ساندۇق ساندۇقلاپ ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پورت، ئايروپىلان ۋە تاشيوللىرى ئارقىلىق ، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن نەشە دۆلىتىمىزدە زەھەرلىك چېكىملىك سانالغان بىلەن بەزى دۆلەتلەردە نەشە چېكىش قانۇنلۇق قىلىنغان، بۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ياكى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى كەندىر سېتىشتىن كېلىدۇ.
ئەھۋال يۇقارقىدەك تۇرسا، بۇ ئەھۋالدا زادى قايسى ھۆكۈمەت بىلەن قايسى ھۆكۈمەت بىرلىشىپ، قەيەردىكى زەھەرلىك چېكىملىك بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدۇ؟
قانۇن سالونىدىن ئىلىندى

