

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتى 22-ماي بالىلار مېۋە شەربىتى ئىچىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىپ، بىر ياشتىن تۆەن بالىلارغا مېۋە شەربىتى ئىچۈرۈشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپلۈكى، ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارغا مېۋە شەربىتى ئىچۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

بۇرۇن ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتى ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا مېۋە شەربىتى ئىچۈرمەسلىك تەكلىپى بېرىپ كەلگەن. بارغانسېرى كۆپ ئىسپاتلار مېۋە شەربىتى ئىچۈرسە بالىلاردا سېمىزلىك ۋە چىشىنى قۇرت يېيىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكتىن، بۇ تەشكىلات مېۋە شەربىتى ئىچۈرمەسلىك يېشى تەكلىپىنى 6 ئايلىقتىن بىر ياشقا يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان.

كۆرسەتكۈچنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى، كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فىرانسىسكو تارماق مەكتىپىدىن بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى پىروفىسسورى مېلۋىن بىر باياناتىدا: «ئائىلە باشلىقلىرى مېۋە شەربىتى ساغلام دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ قەنت ۋە ئېنېرگىيە بولۇشى مۇمكىن، يېڭى مېۋىلەرنىڭ ئورنىغا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ، يېشى چوڭراق بالىلار مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە شەربىتى ئىچسە بولىدۇ، لېكىن بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مېۋە شەربىتى ئىچىشىنىڭ قەتئىي ھاجىتى يوق» دېدى.

بۇ كۆرسەتكۈچ بويىچە بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار كۈنىگە ئىچكەن مېۋە شەربىتى 118 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 177 مىللىلېتىر مېۋە شەربىتى ئىچسە بولىدۇ، 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلار كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 237 مىللىلېتىر مېۋە شەربىتى ئىچسە بولىدۇ. كۆرسەتكۈچتە بالىلارغا نەيچىلىك ئىستاكان ياكى بوتۇلكىدا مېۋە شەربىتى ئىچۈرمەسلىك، بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇنمۇ ئۇلارغا مېۋە شەربىتى ئىچۈرمەسلىك تەكلىپى بېرىلدى.

كۆرسەتكۈچتە بالىلارغا يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا مىكروبسىزلانمىغان مېۋە شەربىتى مەھسۇلاتى ئىچۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇردى. ئالاھىدە دورا ئىچىدىغان بالىلار ئۈزۈمسىمان ئاپېلسىن شەربىتى ئىچمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بالىلار سۇسىزلانسا ۋە ئىچى سۈرسىمۇ مېۋە شەربىتى ئىچسە بولمايدۇ.
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مېۋە شەربىتىدە تالا كەمچىل بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا يېڭى مېۋىلەرنى يېيىشكە تېخىمۇ ئىلھام بېرىشى كېرەك ئىكەن.
مەنبە:نۇر تورى___رەسىملەرنى ئەڭگۈشتەر سالونى كىرىشتۈردى.





