大数跨境

ئەگەر بالىڭىز بولمىسا يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشپ كېتەمسىز؟

ئەگەر بالىڭىز بولمىسا يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشپ كېتەمسىز؟ Angguxtar1
2018-03-30
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئەگەر بالىڭىز بولمىسا يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشپ كېتەمسىز؟بەك تەسرلىك

ئەگەرپەرزەنتىڭىز بولمىغان بولسا سىز يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشىپ كىتەمسىز؟


يېقىندا  ئەگەر پەرزەنتىڭىزبولمىغان بولسا سىز يولدىشىڭىز بىلەن ئاجرىشىپ كېتەمتىڭىز دېگەن بۇ سوئال تارقالدى.كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى بۇ سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ئاساسەن ئوخشاش. ھەممىسى بۇ سوئالغا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ئالىيە: ھەئە، ئەگەر بالىلىرىمنى دىمىگەن بولسام، ئاللىبۇرۇنلا ئاجرىشىپ كېتەتتىم. كىم كىمگە ياتلىق بولۇپ نېمە كۈن كۆرىۋاتقىنىنى ئۆزى بىلىدۇ.

گۈلزار: مەن تۇغۇتلۇق ۋاقتىمدا ئۇ تالاغا قارىدى. ئەگەر بالامنى كىچىك دىمىگەن بولسام بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كىتەتتىم.

رازىيە: شۇنداق، مەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھازىر ئۆي خىزمەتكارى، بالىلارنى بېقىش پەقەت مېنىڭلا ئىشىم، بالىلارنى دىگەنلىكىم ئۈچۈنلا چىشىمنى چىشلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

دىلنۇر: ھازىريولدىشىم ئىككىمىزنىڭ بالىلاردىن سىرت ھىچقانداق ئورتاق پارىڭىمىز قالمىدى.

يۇقارقىلاردىن بەلكىم نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھېس قىلدىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ دىمىسىمۇ ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىلەردە پاراڭلىشىشمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. كۈندۈزى ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا، كەچلىكى بولسا تېلېفۇننى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاراڭلارمۇ بارغانسىرى ئازىيىپ بارىدۇ.

لىكىن بەخىتلىك نىكاھلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىر-بىرسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما كۆڭۈلسىز نىكاھقا قارايدىغان بولسىڭىز ھەممىسىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. كۆڭۈلسىز نىكاھنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بار.

مەسىلەن: يولدىشى تالاغا قاراپ قېلىش، ئائىلە زوراۋانلىقى، مىجەزى چىقىشالماسلىق، قىينىئاپىسى بىلەن چىقىشالماسلىق قاتارلىقلار.

نۇرغۇنلىغان قىزلار پەقەت بالىسى ئۈچۈنلا، قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تاتقىنى بىلەنمۇ ئاجرىىشىشىنى تاللىمايدۇ.

ھەقىقەتەنمۇ نىكاھنى باغلاپ تۇرىدىغىنى بالا ياكى مال-مۈلۈك ئەمەس، بەلكى روھىمىزدىكى بىردەكلىك.

بۇ دەل :

سىز ئامالسىز قالغان ۋاقىتتا،  چۈشكۈنلەشكەن ۋاقىتتا ئۇ سىزگە ئۈمىد ئاتا قىلغاندا، سىزنى قەيسەر بولۇشقا يىتەكلىگەندە، سىزگە ھەمراھ بولغاندا، مانا بۇ چاغدىلا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مۇھەببەتتىن سىرت يەنە ئۆز-ئارا قوللاش، ۋاپادارلىق مەۋجۇت بولىدۇ.

بىراق بۇنداق تەلەي بۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش ھەممىلا كىشىگە مەنسۇپ بولىۋەرمەيدۇ. پەرزەنت ھەقىقەتەن مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى. بىراق ھازىر ئۇ كۆپلىگەن ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھىنى ساقلاپ قىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىگە ئايلىنىپ قالدى.

قىزلار نېمىشقا توي قىلىشقا قىززىقماس بولۇپ قالىدۇ؟

نۇرغۇن تۇرمۇشلۇق بولۇپ بولغانلارغا قارايدىغان بولساق قىزلار تەبىئىيلا بالا تۇغۇش، بالا بېقىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشنى مۇقەررەر ئىش دەپ قارايدۇ.

بۇ توغرىسىدا بىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى:

ئاپام ئىلگىرى بالا تۇغۇشنى قەتئىيلا ئويلاشمىغان ئىكەن. بىراق دادامنىڭ زورلىشى بىلەن مەن ۋە ھەدەمنى تۇغۇپتىكەن. ئاپام توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بوپتۇ. بىراق دەل مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە ئاپامنىڭ بويىدا قاپتۇ.

شۇنداق( ئۇ مەن بىلەن ھەدەم)ئاپام بىزگە ھامىلدار بولغاندىن كېيىن مومام ئاپامنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاپام ھەر قانچە ئۇنىمىسىمۇ، مومام ئۆيدىن كەتمەي تۇرۋىلىپ ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئاپامنى قايىل قىلدى. ھەدەم ئىككىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاپام باشقا بىرخىزمەت تاپتى. شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكى بارلىق ئىشلار ئاپامغىلا قالدى. دادام ھەر كۈنى ئۆيگە قايتقاندا ئۇنى قىل بۇنى قىل دېيىشنىلا بىلىدۇ.

ئاپام ھەر كۈنى سەھەردە ئويغانغىنىدا، تاماق يېگىنىدە، ئالدى بىلەن دادامنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىدۇ. چۈشلىك تاماق تەييارلاش، قاچا يۇيۇش، ئاندىن خىزمەتكە بېرىش، كەچتە كۆكتات سىتىۋىلىپ ئۆيدە تاماق ئېتىش، ئۆي تازىلاش، كىر يۇيۇش قاتارلىقلار. بۇلارنى قىلىپ بولۇپ ھەممىدىن كىيىن ئۇخلايدۇ.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپامنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى. بۇنداق تەكرار تۇرمۇشنى ئۆتكۈزىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولۇپ قالدى. كېيىن بولسا پىنسىيەگە چىقىپ مەخسۇس ئائىلە ئايالى بولدى. بىراق ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم ئىدى. دادام دائىم ئاپامغا ئازار بېرەتتى ھەم يەنە مۇنداق دەيتى:« مىنىڭ مۇئاشىم سېنىڭكىدىن يۇقىرى. سەن كۈندە ئۆيدە تورۇپمۇ يەنە نېمىگە خۇشال ئەمەس؟»«سەن ئۆيدە تۇرۇپ يەنە نېمىلەرگە ھارىسەن؟»

مەن ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئاپامنى نۇرغۇنلىغان ئەرزىمەس ئىشلار ئۆچۈن مىنى تىللايدۇ دەپ ئويلايتتىم. بىراق ھەدەم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى تويۇقسىز دادامنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. دادامنىڭ دېيىشىچە ئاپام دادام بىلەن ئاجرىشىشنى قارار قىپتۇ. 

شۇ يىلى ئاپام 44 ياش ئىدى. بىز ئاپامدىن نىمە ئۈچۈن دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ماڭا:« مەن ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىنى ناھايىتى جاپالىق ئۆتكۈزدۈم. بالىلىرىم ھەمدە ئائىلەم ئۈچۈن. ھەممە كىشىلەرگە يۈز كېلەلىگىدەك ياشىدىم. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بولسىمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاپ باققۇم بار».

ئاجراشقاندىن كېيىن ئاپام ئۆزى ئىگىلىك تىكلىدى. ئاپام بۇ يىل 54 ياشقا كېردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىنى قورۇپ چىقتى. ئۇ ھازىر شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى، ھازىر ئاپام بارغانسىرى ياشىرىپ كەتتى. ئەمدى ھەرگىز بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ، خالىغىنىنى يەيدۇ، خالىغىنىنى كېيىدۇ.

 دادام بولسا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە

دادام ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدى، ئۆزى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان بوپتۇ. دائىم كىيىملىرىنى قالايمىقان قويۇپ پۈرلەش كېيىپ بارىدىكەن. دادام دائىم ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتۇ. دادام ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ، ئەگەر ئاپام بولمىسا ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ.

شۇنداق ئادەم بىرلا قېتىم ياشايدۇ. قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ-ئارمانلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ گۈلدەك ياشاش ھوقۇقى بار.

ئەگەر بىر قىز سىز ئۈچۈن ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالىسا بۇنىڭغا ھەرگىز ھەيران قالماڭ. بۇلارنىڭ بىرلا سەۋەبى بار ئۇ بولسىمۇ سىزنى چىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن.

مىنىڭ ئايلىق كىرىمىم 20مىڭ ئەمما بۇ ئائىلىنى بىقىۋاتقىنى بولسا

مېنىڭ ئايالىميەنە بىر يېگىت مۇنداق سۆز قالدۇرۇپتۇ:

مىنىڭ ئايلىقىم 20 مىڭ، ئەمما بۇ ئائىلىنى بېقىۋاتقىنى مىنىڭ ئايالىم. بۇ يېگىتنىڭ ئىيتىشىچە، ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى نەچچە ئون مىڭ بولغىنى بىلەن ئەمما بۇ ئائىلىنى بېقىۋاتقىنى دەل ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن.

چۈنكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، يولدىشى كەلگۈچە ئۆي ئىچىنى رەتلىك تازلاپ بولىدىكەن. كىر-قاتلارنى پاكىزە يۇيىدىكەن. قىززىق چايلارنى دەملەپ يولدىشىنىڭ ئىشتىن چۈشىشىنى ساقلايدىكەن. مانا مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۆچۈنلا بۇ يېگىت ئىنتايىن خاتىرجەملىك بىلەن خىزمەت قىلالايدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ بولىشى ئايالىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن. ئەگەردە مانا مۇشۇنداق ئەر-ئاياللار بولغان بولسا، بەلكىم ئاجىرىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىشى مۇمكىن.

شۇنداق:

تازلىق ئۆيىنى كۈندە تازلاپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، كىر كىيىملەرنى دەرھال يۇيۇش كىرەكلىكىنى، بولمىسا ئۆينىڭ مۇھىتىنى بولغايدىغانلىقىنى...ئەسلىدە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى.

ئائىلە ئىشىنى قىلسا قىلسا تۈگىمەيدىغانلىقىنى، چوڭلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى....

ھەر كۈنى ئۆيدە «بىكار» دەپ قارالغان ئايالىنىڭ ئىزچىل بۇ ئائىلە ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى...

مانا بۇلارنى نۇرغۇن ئەرلەر ئاجرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىدۇ. تۇرمۇشتا زادى قانچىلىغان ئاياللار بالىلىرى ئۈچۈن، ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇۋالچىلىقلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ؟

بىز بارلىق توي قىلىپ بولغان ئەرلەرنىڭ ئايالىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى، ئۇلارغا كۆيىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

ھەرگىز ئايالىڭىزنىڭ سىزدىن كۆڭلى بىراقلا سوۋۇپ بولغان ۋاقتىدا ئاندىن پۇشايمان قىلماڭ. ئۇ چاغدا سىز ئالتۇن بەرگىنىڭز بىلەنمۇ بىكار. مانا شۇ ۋاقىتتىلا سىز ئازاپلىنىشنىڭ ئەسلى مانا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايسىز.



شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئەڭگۈشتەر قان-قۇۋۋەت جەۋھىرى ئاياللار ۋە بالىلاردىكى قان ئازلىقتىن بولغان باش قېيىش،كەم ماغدۇر بولۇش،ئەستە تۇتۇش قابىلىلىيىتى تۆۋەنلەش،ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش،دىققىتىنى يىغالماسلىق چىرايى خۇنۈك،نۇرسىز بولۇش،چېچىلاڭغۇ ئاسان ئاچچىقلايدىغان بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.ياخشى مەھسۇلات ئۈنۈم بىلەن سۆزلەيدۇ.شىركىتىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى ئۈنۈمى بولمىسا پۇلىڭىز تولۇق قايتۇرىلىدۇ.

شىركىتىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەمكارلاشقۇچى ۋە  ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ..ئالاقىلىشىش ۋە مەسلىھەت سوراش تېلفون نومۇرى:0991-8501233

【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111