大数跨境

ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە كۆرۈلىدىغان بەزى ئالامەتلەر

ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە كۆرۈلىدىغان بەزى ئالامەتلەر Angguxtar1
2018-02-20
4

ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە كۆرۈلىدىغان بەزى ئالامەتلەر

ھارغىنلىق ھېس قىلىش:

تۆمۈر كەملىك: تۆمۈر قىزىل ھۈجەيرە ھاسىل قىلىشتىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئېلىمىنتى بولۇپ، قىزىل قان ئاقسىلنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قىزىل قان ئاقسىلى پۈتكۈل بەدەنگە ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

باشقا ئالامەتلەر: زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشى، چىرايى تاتىرىش، كۆز چانىقى قارىداپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تەكلىپ: %18 ئاياللاردا فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلى تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر ماددىسى كەمچىل كىشىلەر توپى ئىچىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك ھەزىم يوللىرى قان يوقىتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بار، مۇنداقلار ئورۇق گۆش، تۇخۇم، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى لازىم. ۋىتامىن C تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، تاماق يېگەندە بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىشكە بولىدۇ.

بەدەن قىچىشىش:

سىنك كەملىك: سىنىك ھۈجەيرە بىلەن فېرمېنت ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

باشقا ئالامەتلەر: جاراھەت ئىزىنىڭ پۈتۈشى ئاستا، تىرناققا ئاق داغلار پەيدا بولىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئادەمدە، بولۇپمۇ يېمەك ئىچمىكى ناچار بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار، شۇنداقلا گۆشسىز غىزالانغۇچىلاردا سىنك كەم بولىدىكەن. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر قاتتىق پوستلۇق مېۋە- چېۋە، قارا ئاشلىق، دانلىق زىرائەتلەر، راك ۋە ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئادەتتە بىر تال ئوبىستېر قۇلۇلىسى بىلەن بىر كېسىم كالا گۆشى بولسىلا بىر كۈنلۈك سىنىكنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ.

تىلى ئاغرىقى:

ۋىتامىن B12 كەملىك: ۋىتامىن B12 تېرە، كۆز ۋە نېرۋا سىستېمىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.

باشقا ئالامەتلەر: ئېغىز بۇرۇن تېرىلىرى قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

تەكلىپ: تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسىم قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋىتامىن B12 قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمىغان، ئادەتتە سۈت، تۇخۇم، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى، بولۇپمۇ ناشتىلىققا دانلىق زىرائەت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ھەر كۈنى 300 گىرام سۈت ياكى 150 گىرام ئورۇق گۆش يەپ بەرسە ۋىتامىن B12 كۈنلۈك ئېھتىياجنى قامدىيالايدۇ.

كۆپ يۇقۇملىنىش:

سېلىن كەملىك: سېلىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ، ھەر خىل ياللۇغقا تاقابىل تۇرىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر: داۋاملىق كېسەل بولۇش.

تەكلىپ: ھەر قانداق ئادەم سېلىن تولۇقلاشنى ئويلىشى، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، يېشىل يوپۇرماقلىق يېڭى كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.

تەشۋىشلىنىش:

ماگنىي كەملىك: ماگنىي ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان يېمەكلىكنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ، سۆڭەك ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدىغان قوشۇمچە قالقانسىمان بەز ھورمۇن ھاسىل قىلىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر: ئوڭاي ئاچچىقلىنىش.

ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋە ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، 90 گىرام پالەك بىر كۈنلۈك ماگنىيغا بولغان ئېھتىياجنىڭ %75نى قاندۇرىدۇ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردىن ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىمىز

شىركەت ئالاقە تېلفون نومۇرى:0991-8501233



【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111