大数跨境

كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى Angguxtar1
2017-06-23
3
导读:ئەڭگۈشتەر قان+قۇۋۋەت جەۋھىرى زاكاس تېلېفونى:0991-85012331307041414818999242914

 

كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

ئادەتتە بەزىلەر خىزمەت ياكى تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكنى غەزەپلىنىش بىلەن باسماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ خىل تەدبىرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلىدۇ، بىراق ئاچچىقىنى چىقىرىش نىيىتىدىن يانمايدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق بىمەنىلىكتىن ساقلىنىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟ پىسخىكا ئىلمىدا بۇ خىل كەيپىياتنى تەڭشەشنىڭ مۇنداق ئاددىي ئۇسۇلى بار: كەيپىيات تۇراقسىز ۋاقىتتا ئالدى بىلەن قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشىنى توختىتىپ تىنچلىنىش، ئاندىن كەيپىيات بۇرۇقتۇرمىلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىش، ئاخىرىدا ئۆزىگە تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى قويۇپ، جاۋاب بېرىش كېرەك:

▲ ھازىرقى كەيپىياتىمنى قانداق تەسۋىرلەش مۇمكىن؟

▲ مۇشۇ ئاچچىق تۈپەيلىدىن بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسام، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

▲ بۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئامال بارمۇ-يوق؟

ناھايىتى ئېنىقكى، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ سوئاللارغا بېرىدىغان جاۋابى ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق كەيپىياتتىكى تۇراقسىزلىقنى ئەقلىي تەپەككۇر يولى بىلەن ھەل قىلىش، مەسىلىلەرگە ئەمەلىي مۇئامىلە قىلىش، ئاقىۋەتنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغان ئاساستا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىپ ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىش ئاقىل ئادەملەرنىڭ ئىشى.

ئەلۋەتتە بايان قىلىنغان بۇ ئۇسۇلنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئاچچىقلانغان، ھاياجانلانغان، تېرىككەن چاغدا ئادەمنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلمىقى تەس. شۇنداقتىمۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەت داۋامىدا چوقۇم كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشنى، كاللىدىن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى چىقىرىۋېتىپ ئەستايىدىل ئويلىنىشنى ئادەت قىلىش تولىمۇ مۇھىم. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ھەرقانچە چوڭ ئىش يۈز بەرگەن ياكى تۇيۇقسىز كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، تەدرىجىي يېتىلدۈرۈلگەن بۇ ياخشى ئادەت ئۆزلۈكىدىن رول ئويناپ، ئادەمگە مەسىلىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جەڭگى-جېدەلسىز ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىسىز ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111