
ھازىرقى كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، چاچ چۈشۈشنىڭ باش قېتىنچىلىقىدىن باشقا، يەنە چېچى ئاقىرىپ كېتىدىغانلارمۇ كۆپ. چېن خانىم ھەر ئايدا بىر قېتىم چېچىنى بوياشنى 10 يىل داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئىككى ئاي ئىلگىرى تېرە رەڭگى سارغىيىپ قالغانلىقىنى بايقاپ تەكشۈرتۈشكە بارغاندا "جىگەر قېتىشىش" دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

تېرە سارغىيىپ ماغدۇرسىزلانغان
تەكشۈرۈشتە بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان
چېن خانىم 30 ياشلاردىن ئاشقاندا چېچى ئاقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە بىر قانچە تاللا ئاق چاچ بولغاچقا، بايقىغان ھامان يۇلۇۋەتكەن. ئەمما، 40 ياشلاردىن ئاشقاندا ئاق چاچ تېخىمۇ كۆپىيىپ، يۇلۇپ تۈگىتىپ بولالماي، ئامالسىز بويىغان. چاچنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغاچقا، بىر ئايغا يەتمەستىنلا ئاق چاچ يەنە ئۆسۈپ چىققان، بولۇپمۇ چېكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چاچلارنى ئايدا بىر قېتىم بويىمىسا، بەكلا ئېنىق كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۆزىنى قېرى كۆرسەتكەن. ئاق چاچنى يوشۇرۇش ئۈچۈن چېن خانىم ھەر ئايدا بىر قېتىم ساتىراشخانىغا بېرىپ، چاچنى بوياتقان، ھەم بۇنى 10 يىل داۋاملاشتۇرغان.
ئىككى ئاي ئىلگىرى چېن خانىم بىناغا چىقىۋاتقاندا ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلغان، دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈلشىمىگەن، كېيىن ئۇ بىر قانچە مىنۇت ماڭسىلا ھېرىپ قالىدىغان بولغان، تېرىسى سارغىيىپ كەتكەن، يولدىشى ئۇنىڭ كۆز ئېقىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
چېن خانىم خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈش قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىلىرۇبىننىڭ مىقدارىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن 10 ھەسسە ئارتىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان، مانا بۇ ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىنىڭ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ سارغىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
جىگەر قېتىش ئوتتۇرا ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان
يىللاردىن بىرى چاچ بويىغانلىقى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئىكەن
مەسئۇل دوختۇر چېن يەن مۇخبىرغا: چېن خانىم دوختۇرخانىغا كەلگەندە، جىگەر قېتىشنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، جىگەرنىڭ خىمىيەلىك زەخىمگە ئۇچرىشى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى، كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە، چېن خانىم ئۆزىنىڭ جىگەرنى زەخىملەندۈردىغان ھېچقانداق دورا يەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر جىگەر قېتىش بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۆپ يىل چاچ بويىغانلىقتىن دەپ ھۆكۈم قىلغان.
20 نەچچە كۈندىن ئارتۇق داۋالاش ئارقىلىق، چېن خانىمنىڭ جىگەر ئىقتىدارىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان، ئەمما خىمىيەلىك ماددىلار چېن خانىمنىڭ جىگىرىنى ناھايىتى قاتتىق زەخىملەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

چېن يەن دوختۇر يەنە، ئىلگىرىمۇ تولا چاچ بويايدىغان بىر بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ چېن خانىمغا ئوخشاش جىگەر قېتىش بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى چېن خانىمنىڭكىدەك ئېغىر ئەمەسلىكىنى، قان ئۇيۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، جىگەرنى تەشكەندە، كېسەللىك نەتىجىسى خىمىيەلىك زەخىملىنىش دەپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، چېن خانىم چاچنى بويىغاندىن باشقا، ھېچقانداق خىمىيەلىك دورا بىلەن ئۇچراشمىغان بولۇپ، شۇڭا چاچ بوياش كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر قېتىش دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فۇ لىجۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: كۆپ قىسىم چاچ بوياش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئون نەچچە خىل خىمىيەلىك تەركىب بار بولۇپ، خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى زەھەرلىك، مەسىلەن، نىتروبېنزىن، فېنىلئامىنى قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا تېرىگە سىڭىپ كىرىدۇ، جىگەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زەھەرلىك ماددا بەدەنگە كىرگەن ھامان، جىگەر بۇ ماددىلارنى مېتابولىزم ئارقىلىق پارچىلايدۇ، شۇڭا تولا چاچ بوياش جىگەرنى ئاسان ھاردۇرۇپ قويىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى:
بىر قىسىم چاچ بوياش دورىلىرىدا يەنە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرىدىغان زەھەر تەركىبلىرىمۇ بار بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى كاردىن چىقىرىدۇ. دورىغا بەك سەزگۈر بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن، چاچ بوياشنىڭ جىگەرگە بولغان زەخىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
يەنە بىر قىسىم چاچ بوياش دورىلىرىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار بەدەندىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدىكى دېئوكسى رىبونۇكلىئوزىد كۈمۈش كىسلاتاسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە راكى، دوۋساق راكى، ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى قوزغىشى مۇمكىن.
فۇ مۇدىرنىڭ تەۋسىيەسى، ئەڭ ياخشىسى چاچنى بويىماسلىق كېرەك. ئەگەر چوقۇم بوياش توغرا كەلسە ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن چاچ بوياش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، ئىككى قېتىملىق چاچ بوياشنىڭ ئارىلىقى يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بولۇشى كېرەك.
شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىئو پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ

