


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئەزالارنىڭ مىزاجى - چوقۇم ساقلىۋىلىڭ
يۈرەك : - مىزاجى ھۆل ئىسسىق بۇلۇپ خىزمىتى قاننى ھەر قايسى توقۇلما ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىدۇ ۋە كونى قاننى قايتۇرۇپ كېلىپ تازىلىنىشقا ئەۋەتىدۇ ، ئادەمنىڭ ھېسسىيات پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ .
يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار : - بەك ياغلىق ۋە ئىسسىق تاماقلار 3 - دەرىجىدىن يۇقىرى دورىلار ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر ، چارچاپ كېتىش ، دەرد ئەلەم ، ناھەقچىلىق قاتارلىق ئامىللار .
ئاقىۋىتى : - ئادەم جۈرئەتسىز يىغلاڭغۇ ئاغرىقچان ئۈمىدسىز بوپ قالىدۇ .
چارىسى : - ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ تاماقلىنىش ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراش .
ئۆپكە : - مىزاجى ھۆل سوغۇق ئىسسىق دىگۈچىلەرمۇ بار .
خىزمىتى : - ئادەمنى ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تەڭشەيدۇ ۋە قاتنىشىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - قالايمىقان دورا ۋە تاماق ئىستېمال قىلىش ، تۈرلۈك زەھەرلەرنى چېكىش ۋە ئېچىش ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، چېنىقماسلىق .
ئاقىۋىتى : - ئاسان ئاغرىيدۇ ، قاننى ياخشى تازىلىمىغاچقا ئادەمنىڭ روھى ھالىتى تۆۋەن ، ئۈمىدسىز ، خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ .
چارىسى : - ئىسسىقدارا ۋە تاماقلار ، ئۆزىنى ئاسراش ، ھەسرەت چەكمەسلىك .
ئاشقازان : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە تالنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولىدۇ .
خىزمىتى : - ئوزۇقلۇقلارنى يۇمشىتىدۇ ، پارچىلايدۇ ۋە دەسلەپكى ھەزىمگە قاتنىشىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - سوغۇق ئىچىملىكلەر ، ھاراق ۋە چېكىملىكلەر ، قاتتىق قۇرۇق نەرسىلەر ، كونىرىغان سېسىپ قالغان يېمەكلىكلەر شۇنداقلا مىزاجىغا ئەھۋالغا قارىماي يېيىلگەن تاماقلار .
ئاقىۋىتى : - ئاشقازان ساڭگىلاش ، يارىلىپ پەيدا بولۇش ، سېسىق كېكىرىش ، قۇسۇش ، قاناش .
چارىسى : - زىرە ، بەدىيان ، سىركە قاتارلىق خۇرۇچلارنى بىللە ئىستېمال قىلىش ، زورلاپ يېمەسلىك كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش .
جىگەر : - مىزاجى ھۆل ئىسسىق
خىزمىتى : - ئاساسىي ھەزىمنى ئورۇنلايدۇ ، ئوزۇقلۇقلارنى تەقسىملەيدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - زەھەرلىك ئىچىملىك ، چېكىملىكلەر ، قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق ئىسسىق ، ئارتۇقچە تەشۋىشلىنىش ، چارچاش ، پاسكىنىلىق .
ئاقىۋىتى : - جىگەر ياللۇغى ، جىگەر قېتىشىش ، جىگەر راكى ، قورقۇنچاقلىق ، چىراي بۇزۇلۇش ، كەم قانلىق ، ھېچنىمە خۇشياقماسلىق .
چارىسى : - يېشىل كۆكتاتلار ، تەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەر ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلاش ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش .
ئۈچەي : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .
خىزمىتى : - ھەزىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، ماددىلارنى يىغىدۇ ۋە چىقىرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - قۇرۇق ئىسسىق ، قورۇلغان يېمەكلىكلەر ، تۇرۇپ قالغان تاماق ، مۇزلۇق ئىچىملىكلەر ، سۈرگە دورىلىرى ، تاماق يەپلا يېتىش .
ئاقىۋىتى : - ئۈچەي تېشىلىش ، قەۋزىيەت ، ئىچ سۈرۈش ، تولغىشىپ قىلىش .
چارىسى : - پاكىز مۇھىتتا تاماقلىنىش ، ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ يېيىش ، قالايمىقان دورا يېمەسلىك .
ئۆت : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .
خىزمىتى : - ھەزىمگە ياردەملىشىدۇ ، قاننى مۇۋاپىق قويۇقلۇقتا ساقلايدۇ ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - بەك ياغلىق ياكى تازىلىقى ياخشى بولمىغان تاماقلارنى يېيىش ، تاماقنى كۆپ يېيىش ، ھاراقنى كۆپ ئىچىش ، كۆپ ئاچچىقلىنىش .
ئاقىۋىتى : - ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ ، ياللۇغلىنىپ قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە يېرىلىپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ، گاھىدا ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن .
چارىسى : - ئارتۇقچە ئاچچىقلانماسلىق ، بىر قېتىمدا كۆپ تاماق يېمەسلىك .
بۆرەك : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەتراپىدىكى چاۋا ياغلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ .
خىزمىتى : - سۈيدۈك ئىشلەيدۇ ، زەھەر تازىلايدۇ ، بەدەننىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ .
زىيانلىق ئامىللار : - سۇغۇق يەردە يىتىش ، داۋاملىق ياغسىز تاماقلارنى يىيىش ، يىلىڭ يۈرۈش ، كۆپ ئوكۇل سالدۇرۇش ، جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاز ياكى كۆپ شۇغۇللىنىش ، ھۇرۇنلۇق .
ئاقىۋىتى : - بۆرەك سۇۋۇپ كېتىدۇ ، ئىش خۇشياقمايدۇ ، بېلى ئاغرىيدۇ ، چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ ، جىنسىي پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ .
چارىسى : - قەرەللىك تۈردە دوۋساق ۋە بەدىنى بەل ساھەسىنى تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياغلاپ تۇرۇش ، گۈلقەنت ۋە ماددەتۇلھايات ئىستېمال قىلىش ، يىلدا بىر نۆۋەت قۇمغا كۆمۈلۈش ، پىۋىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك ، قايماق ، پولۇ ، ئانار ئىستېمال قىلىش .
تېرە : - مىزاجى مۆتىدىل قۇرۇققا مايىل .
خىزمىتى : - ئەزالارنى قاپلاپ سىرتقى مۇھىتتىن مۇداپىئە قىلىپ تۇرىدۇ ، ماددا ۋە ھېسيات ئالماشتۇرىدۇ .
ئۆچ كۆرىدىغىنى : - قۇرۇق سوغۇق ۋە يىرىك تاماقلار ، سۈنئىي تالالىق كىيىملەر ، پاسكىنىلىق .
ئاقىۋىتى : - يىرىكلىشىش ، خۇنۈكلىشىش ، يېرىلىش ، كىرلىشىش .
چارىسى : - شورپا ۋە ئىسسىق سوغۇق تاماقلار ، مۇۋاپىق ئاسراش ، چېنىقىش .
شىنجاڭ يېشىل زىمىن شىركىتى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ۋە سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىسىدا ئىشلەپ بازارغا سالغان ئەڭگۈشتەر خورما جەۋھىرى ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ھەرخىل ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.خورما مۇرابباسىدىكى خورما شىرنىسىنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولۇپ سوغۇق مىجەزنى تەڭشەپ،بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئالىدۇ،شۇنداقلا بوۋاسىرغا ئالاھىددە مەنپەئەت قىلىدۇ.















