大数跨境

ئاياللار ئەرلەرنىڭ كىيمىنى پۇراپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق

ئاياللار ئەرلەرنىڭ كىيمىنى پۇراپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق Angguxtar1
2018-02-12
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئاياللار ئەرلەرنىڭ كىيمىنى پۇراپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق


سالونىمىزنى ياختۇرغان بولسىڭىز مەزمۇنلارنى چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

كانادا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەگەر ئاياللار بېسىم ھېس قىلسا، ھەمراھىنىڭ كۆڭلىكىنى پۇراپ بەرسە، بېسىمنى يېنىكلىتەلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ھەمراھىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى پۇراش بىلەن ئاياللارنىڭ قېنىدىكى جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورمۇن-كورتىزولنىڭ قويۇقلۇقى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بايقىشىمىز ئامېرىكىلىق كەسىپداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى». 

تەتقىقات دوكلاتىنى يازغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىكا فاكۇلىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مارلې خوفېر مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئادەم ھەمراھى يوق چاغدا ھەمراھىنىڭ كۆڭلىكى ياكى ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ، ئادەتتە ھەمراھى ياتىدىغان ئورۇندا ئۇخلايدۇ، ئەمما ئۇلار نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىز تەتقىقات داۋامىدا ھەمراھى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھەمراھىنىڭ پۇرىقى ئارقىلىق بېسىمنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق».

مۇتەخەسىسلەر 96 جۈپ ئەر-ئايالنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، ئەرلەردىن 24 سائەت قىسقا يەڭلىك مايكا كىيىشنى، ھېچقانداق پۇراق يوقىتىش دورىسى ياكى پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. تاماكا چېكىشكىمۇ رۇخسەت قىلمىغان، ئەمما بەدەندىكى پۇراققا تەسىر قىلمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە رۇخسەت قىلغان. 24 سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىكىدىكى بەدەن ھىدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قىسقا يەڭلىك مايكىلار توڭلىتىۋېتىلگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارغا تېخى كىيىلىپ باقمىغان قىسقا يەڭلىك مايكا بىلەن ناتونۇش ئەر كىشى كىيگەن، يەنە ئۆزىنىڭ ھەمراھى كىيگەن قىسقا يەڭلىك مايكىلارنى پۇراتقان. بەزى ئاياللارغا تېخى كىيىلىپ باقمىغان قىسقا يەڭلىك مايكا بىلەن ھەمراھى كىيگەن قىسقا يەڭلىك مايكىنى، يەنە بەزى ئاياللارغا تېخى كىيىلىپ باقمىغان قىسقا يەڭلىك مايكا بىلەن ناتونۇش ئەر كىيگەن قىسقا يەڭلىك مايكىنى پۇراتقان. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئاياللار قىسقا يەڭلىك مايكىنىڭ كىيىلگەن-كىيىلمىگەنلىكى ۋە كىمنىڭ كىيگەنلىكىنى بىلەلمىگەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئاياللارنىڭ پۇراش سېزىمى ئادەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇ تەتقىقاتتا پۇراق پۇراشقا ئاياللارنى تاللىدۇق». 

 ئىككى خىل قىسقا يەڭلىك مايكىنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئاياللار بىر مەيدان خىزمەت ئىزدەش تەقلىدىي يۈزتۇرانە ئىمتىھان بىلەن بىر ھېسابلاش سىنىقىغا قاتناشقان، ئۇلارنى بۇ ئىككى خىل پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ بېسىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئاياللارنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ئۇلاردىن بېسىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىغان، ئاندىن شۆلگەي ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، كورتىسول سەۋىيەسىنى ئۆلچىگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا ھەمراھىنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكىسىنى پۇرىغان ئاياللاردىكى كورتىسول سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن  بولىدىغانلىقىنى؛ ھەمراھىنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكىسى بىلەن تېخى كېيىلمىگەن قىسقا يەڭلىك مايكىنى پۇرىغان ئاياللارنى سېلىشتۇرۇپ، ھەمراھىنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكىسىنى پۇراش بىلەن كورتىسول سەۋىيەسىنىڭ گەۋدىلىك تۆۋەنلىشى  ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان. 

مۇتەخەسسىسلەر ھەمراھىنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكىسىنى پۇرىغان ئاياللارنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان بىلەن كۆڭۈلدە ھېسابلاش سىنىقىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى بېسىمىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقىنى، بۇ خىل ئۈنۈم پۇراق پۇراش ئارقىلىق ھەمراھىنى پەرقلەندۈرەلىگەن ئاياللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئاياللارغا ھەمراھىنىڭ پۇرىقى ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئاياللار ناتونۇش ئادەملەرنىڭ قىسقا يەڭلىك مايكىسىنى پۇرىغاندا، ئۇلاردا ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرۈلدى، يەنى پۈتكۈل بېسىمنى سىناش داۋامىدا بەزى ئاياللارنىڭ كورتىسول سەۋىيەسى تېخى  كىيىلمىگەن قىسقا يەڭلىك مايكىنى پۇرىغان ئاياللارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بايقاش ھەمراھى بىلەن ئايرىلىپ ئىككى يەردە تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان چارە تېپىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى



ئەڭگۈشتەر قان قۇۋۋەت جەۋھىرى ئاياللار ۋە بالىلاردىكى قان ئازلىققا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ،شىركىتىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى ئۈنۈمى بولمىسا پۇلى تولۇق قايتۇرىلىدۇ.


سالونىمىزنى قوشىۋېلىپ  مول مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنىڭ!!



【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111