

كۆپ قىسىم كىشىلەر كۈندۈزى ئارام ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، كەچلىكى بولسا ئۇخلىيالماي قىينىلىدۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمايدۇ. ئىككىنچى كۈنى بولسا ناھايىتى چارچاش ئىچىدە ئىشقا بارىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار، بولۇپمۇ ياشانغانلار كېچىلىرى ئۇخلىيالماي قىينىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز ئۇخلىيالماي قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەرسىنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ.
بانان
بانان كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان مېۋە. بانان تەركىبىدىكى ماددىلار بەدەننى راھەتلەندۈرۈپ، ئەركىن قىلىدۇ، ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بانان كىشىلەردىكى ھارغىنلىقنى، بېسىمنى تۈگىتىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.

جۇخار چېيى
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چاي ئىچكەندە ئۇيقۇ قاچىدۇ، لېكىن جۇخار گۈلى چېيى ئىچكەندە پۈتۈن بەدەن راھەتلىنىپ، ئۇيقۇ كېلىدۇ. جۇخار چېيىنىڭ ئادەمنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، سۈپەتلىك جۇخار گۈلىدە دەملەنگەن چاي تېزلا ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ.

ھەسەل سۈيى
ھەسەل تەركىبىدە ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، كېچىلىرى ئۇخلىيالمىغاندا قاينىتىلغان سۈتكە ئازراق ھەسەل قۇيۇپ ئىچكەندە ئاسانلا ئۇيقۇ كېلىدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەمنى تىنچلاندۇرۇش، بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ھەسەل ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئۇيقۇ ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
كۈندىلىك ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا يۇقىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ سىناپ بېقىڭ.




