



ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
روھىي ئامىل ياكى كېسەللىك ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشىمىزغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش خەتىرىگە سەل قارايدۇ، تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك ئىشنى قىلىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر، ئەگەر سىز يار لېۋىگە بېرىپ قالغان بولسىڭىز، دەرھال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!

1. ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىدىغان ئادەملەرنىڭ داۋاملىق ھاراق ئىچىشى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
نۇرغۇن ئادەملەر مېھماندارچىلىققا بارغاندا ياكى يىغىلىپ تاماق يېگەندە ھاراق ئىچسىلا يۈزى قىزىرىپ «بولالماي» قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما نەنجىڭ شەھىرى جۇڭيىچە ۋە غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانانىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ليۇ شىن شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىش يامان ئىش ئەمەس، ئۇ داۋاملىق ھاراق ئىچسە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت «ئىسپىرت سىنىقى» دىن ئۆتۈپ، ھاراقنى خېلى كۆتۈرەلەيدىغان بولسىلا ھېچ ئىش بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس! ھاراق ئىچكەندە ئاسانلا يۈزى قىزىرىپ كېتىدىغان كىشىلەر ئاتالمىش ئىسپىرتقا بەرداشلىق بېرىش سىنىقىدىن ئۆتسىمۇ، ھاراقنى خىلى كۆتۈرەلەيدىغان ھالەتكە يېتىدۇ، ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئەسكەرتمىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە تېخىمۇ كۆپ ئاتسېتالدېھىد يىغىلىپ، تېخىمۇ چوڭ زىيان پەيدا قىلىدۇ. يۈزى قىزارغاندىمۇ داۋاملىق ھاراق ئىچىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر.

2. لېۋىنى چىشلەپ ياش تۆكمەسلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
ئامېرىكا سان پاۋلو-مسېگگۋېم مېدىتسىنا مەركىزى روھىي كېسەللىكلەر تەجرىبىخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كۆز يېشى كىشىلەردىكى بېسىم تۇيغۇسىنى يېنىكلىتىدىكەن. ئۇلار كۆز يېشىنى خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كۆز يېشى تەركىبىدە ئىككى خىل مۇھىم خىمىيەلىك ماددا، يەنى، ئېنسېفالىن بىرىكمىسى ۋە سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇن بارلىقىنى بايقىغان. پەقەت كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېقىپ چىققان كۆز يېشى بىلەن پىياز قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېقىپ چىققان كۆز يېشىدىن بۇ خىل ماددا چىقمىغان. شۇڭا ئۇلار كۆز يېشى بەدەنگە يىغىلىپ غەمكىنلىك كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىمىيەلىك ماددىنى چىقىرىپ تاشلاپ، شۇ ئارقىلىق پىسخىكىلىق بېسىمنى يېنىكلىتەلەيدۇ دەپ قارىغان. ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولۇشىدىكى سەۋەب كەسىپ، فىزىيولوگىيە، ھورمۇن، پىسخىكا قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكتىن باشقا، ئاياللارنىڭ يىغلاڭغۇ بولۇشىمۇ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر دائىم يىغلىغاندىن كېيىن كەيپىيات دەرىجىسى %40 تۆۋەنلەيدۇ، ئەكسىچە يىغلاش ئارقىلىق كەيپىيات بېسىمىنى تۈگەتمىگەندە، سالامەتلىككە تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە لېۋىنى چىشلەپ ياش تۆكمەسلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر بولىدۇ.

3. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇسىزلىق، كېچىسى تۈنەش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
ئەنگلىيە ئىلىم-پەن راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى دۇنيادىن ھەر قايسى جايلىرىدىكى 30-50 ياشقىچە بولغان 1000 دىن ئارتۇق راك كېسىلى بىمارلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %99.3 كىشىلەرنىڭ يىل بويى كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەپ، تاڭ ئاتقاندا ئاندىن ئارام ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان.
دوختۇرخانانىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بۆلۈمى ئۇيقۇسىزلىق ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوكتورى ياڭ شاۋخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەش سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپ، نورمال ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، نېرۋا مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجراتمىغا توسالغۇ بولۇپ، ئىممۇنىتېت مېخانىزمغا تەسىر كۆرسىتىپ، راك كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار قىلىدۇ. ئادەتتە ئامالنىڭ بارىچە كەچ سائەت 10:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاش سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەگەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ كېچە سائەت 12:00 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

4. بۇزۇلۇپ قالغان مېۋىلەرنى يېيىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ مودىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشلار نۇرغۇن مېۋىلەرنى توردا سېتىۋېلىپ، ئۆيدە ساقلاپ ئالدىرىماي يېيىشكە ئامراق بولۇپ كەتتى. ئەمما سېتىۋالغان مېۋىلەرنى ئۇزۇن ساقلىغاندا، بۇزۇلۇپ سېسىپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىلەر سېسىغان يېرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ يېسە بولۇۋېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما دوختۇرخانىنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش، دورىلىق غىزالىنىش ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرى ۋاڭ دۇڭشۈ شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. بۇزۇلغان مېۋە شەكىللەندۈرىدىغان زىيانلىق ماددىلار ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پاتۇلىن بىلەن ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ بىرىكىش جەريانى قايتىلانمايدۇ، شۇڭا ھۈجەيرىلەرنى ئۇزۇنغىچە زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. گەرچە سېسىپ كەتكەن قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلغان ھالەتتىمۇ بىخەتەر بولۇشى ناتايىن، چۈنكى زەمبۇرۇغ پەيدا قىلغان پاتۇلىن مېۋىنىڭ باشقا جايرىلىرىغىمۇ كېڭىيىدۇ، بۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولۇشى ناتايىن. شۇڭا مېۋە سېتىۋالغاندا ئامالنىڭ بارىچە بەك كۆپ سېتىۋالماسلىق كېرەك، يېڭى مېۋىلەرنى يېگەندىلا ئاندىن ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئېرىشكىلى، تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

5. ئۇزۇن مەزگىل ناشتا قىلماسلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
بۇ دوختۇرخانىنىڭ تال ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن يۈچيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېگەن يېمەكلىك 6 سائەت ئەتراپىدا ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ ئۈچەي يولىغا كىرىدۇ. ئەگەر ناشتا قىلمىغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر خىل ھەزىم قىلىش فېرمېنتى بىۋاسىتە ئاشقازان شىللىق پەردە قەۋىتىنى «ھەزىم قىلىدۇ». بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ھۈجەيرىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش نورمال ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاسانلا ئاشقازان يارىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ناشتىدا ئامال بار مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، ئەتىگەندە ئىشقا ئالدىرايمەن دەپ ياكى ھورۇنلۇق قىلىپ ئورنىدىن تۇرماي ناشتا قىلماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلا يىغىلىپ، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. گۆشلۈك تاماقلارنى، تاتلىق تۈرۈملەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ بەدىنى ياغ ۋە خولېستېرىننى كۆپ قوبۇل قىلغاچقا، ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشۈپ قالىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننىڭ چۆكۈپ قىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ دە، ئۆتكە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇش، ھور مۇنچىغا چۈشۈش قاتارلىقلار ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشنى ياكى ھور مۇنچىغا چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، خىلى راھەتلىنىپ قالىدۇ، مەستلىكىنى يېشىشكە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ساغلاملىققا پايدىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇدا، ئىسسىق سۇدىمۇ يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. ليۇ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ياكى ھور مۇنچىسىدا يۇيۇنۇش ئىسسىق ھاۋانىڭ ئادەم بەدىنىگە يىغىلىپ، تارقىلىپ كەتمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ مەست قىلىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ھەتتا ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا مەستلىكىنى يەشكىلى بولمايلا قالماستىن، جىگەر قاندىكى خورىغان گلۇكوزىنى تولۇقلاشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ، سوغۇق سۇنىڭ تەسىرىدە قان تومۇرلار يېگىلەيدۇ، شۇڭا قان تومۇرلار يېرىلىش قاتارلىق خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

7. ئاچ قورساق كۆپ لىجى يېيىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى جاڭ يۇڭۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لىجىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لىجى تەركىبىدىكى قەنتنىڭ كۆپ قىسمى مېۋە قەنتى، مېۋە قەنتى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇش بولغان گلۇكوزىنى سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئىنسۇلىن ئورگانىزملار ئىچىدىكى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىردىنبىر ھورمۇن، ئەمما ئىنسۇلىن ئاساسلىق پايدىلىنىدىغان ماددا مېۋە قەنتى ئەمەس بەلكى گىلۇكوزا. مېۋە قەنتى بەدەنگە ئاز قوبۇل قىلىنغاندا، مېۋە قەنتى گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ، جىگەردىكى گىلىكوگېننىڭ زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. مېۋە قەنتى بەدەنگە كۆپ قوبۇل قىلىنغاندا، مېۋە قەنتى ماينى بىرىكتۈرىدىغان ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مېۋە قەنتىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش ئىنسۇلىننىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لىجىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئىنسۇلىن غىدىقلاشقا ئۇچراپ زور مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىدۇ-دە ئورگانىزملاردىكى قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېۋە قەنتى گىلۇكوزىغا ئايلىنىشقا ئۈلگۈرمەي، ۋاقتىدا قان قەنتى تولۇقلىيالمايدۇ، قوش تەسىردە قان قەنتى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

8. ماشىنىغا چىقىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىچىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
ماشىنا ھەيدەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ماشىنىغا چىقىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىچىپ، ماشىنا ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدىكى فورمالدېھىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار تېخى پارغا ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا ھەممىسى بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ماشىنا ھەيدەيدىغان دوستلار ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماشىنا ھەيدەيدىغان دوستلار ماشىنا ئىچىگە بىر قىسىم ئاكتىپ كاربون بولىقىنى قويۇپ قويغاندا، بەلگىلىك مىقداردا زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈش رولى بولىدۇ.

9. ئۇسسىمىسا سۇ ئىچمەسلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %70 كىشىلەر ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىدىكەن. ئەمما بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېۋىڭىز قۇرۇغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىكى %1 سۇ خوراپ كەتكەن بولىدۇ. سۇ ئىچىش ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇشنىلا مەقسەت قىلمايدۇ، مېتابولىزمغا قاتنىشىش، ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت سۇسىزلىنىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلمىغانسىرى، سۇ ئىچكۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئادەم بارغانسېرى «قۇرغاقلىشىپ» كېتىدۇ. شۇڭا مەيلى ئۇسساڭ ياكى ئۇسسىماڭ ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. سىرتقا چىققاندا بىر بوتۇلكا سۇ ئېلىۋېلىپ، خالىغان ۋاقىتتا ئىچسىڭىز بولىدۇ؛ ئىشخانىدا ياكى ئۆيدە نەچچە ئىستاكانغا سۇ ئېلىپ قويۇپ، پات-پات ئىچىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

10. كەچلىك تاماقنى تويغىچە يېيىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش بىلەن باراۋەر
ناشتىلىق، چۈشلۈك تاماق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كەچلىك تاماقنى ئاز يېگەن ياخشى. كەچتە قىلىدىغان باشقا ئىش يوق، تاماقنى كەچ يېگەندە ياكى زىيادە كۆپ يېگەندە، خولستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن زىچلىقتىكى ۋە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇزۇن مەزگىل كەچلىك تاماقنى تويغىچە يېگەندە، ئەكسىچە ئىنسۇلىننىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسىنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ياۋ شاۋخۈي مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: جۇڭيى تېبابىتىدە «ئاشقازان ئىقتىدارى ناچارلاشسا، ئادەم ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ، كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يېيىش ئاشقازاننى كۆپتۈرۈپ، ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت، ئۇيقۇلۇق قاتارلىق ئەزالار كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى جىددىي خىزمىتىنى چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى باشقا ئورۇنلارغىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تىخىمۇ سەرخىل بولۇشى ئۈچۈن مېھىرلىك قوللىرىڭىز بىلەن بۇ تېمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ دوستۇم

