大数跨境

تۇغما غەيرىيلىكنى داۋالاش ،قۇتقۇزۇش تۈرى خىزمىتى يولغا قويۇلدى

تۇغما غەيرىيلىكنى داۋالاش ،قۇتقۇزۇش تۈرى خىزمىتى يولغا قويۇلدى Angguxtar1
2018-04-24
2

   ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا «تۇغما غەيرىيلىكنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈرى خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھىسى» نى تۈزدى.بۇنىڭدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 6 چوڭ تۈردىكى 72 خىل تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار بىمارلار قۇتقۇزۇش ئويبېكتى قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئالتە دوختۇرخانا تۈر خىزمىتى يولغا قويۇلغان نۇقتىلىق دوختۇرخانا قىلىپ بېكىتىلگەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئالتە تۈرلۈك تۇغما غەيرىي كېسەللىكلەر: نېرۋا سېستىمىسىدىكى تۇغما غەيرىيلىك، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى تۇغما غەيرىيلىك، سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى ھەمدە جىنسىي ئەزاسىدىكى تۇغما غەيرىيلىك، مۇسكۇل سۆڭەك سېستىمىسىدىكى تۇغما غەيرىيلىك، نەپەس يولى سېستىمىسىدىكى تۇغما غەيرىيلىك، بەش ئەزا ئېغىز قۇرۇلمىلىق غەيرىيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئالدى بىلەن ئالتە چوڭ تۈردىكى 72خىل تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپدار بولغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان بولۇشى؛ يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى؛ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىدىن بەھرىمان بولۇشى؛ تۆۋەن كىرىملىك ئىسپاتى بولۇشى؛ نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتىدا دىئاگنوز قويۇش؛ئوپىراتسىيە قىلىش؛ داۋالاش ۋە ئەسلىگە كېلىش ؛داۋالانغاندا ئۆزى تاپشۇرغان داۋالاش ھەققى 3000 يۈەندىن ئاشقانلىق  ئىسپاتىنى ھازىرلىنىشى لازىمكەن.

  2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن، نۇقتىلىق دوختۇرخانىلاردا دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، داۋالىنىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كەتكەن خىراجەتلەرگە ياردەم قىلىنىدىكەن. بىمارنىڭ داۋالاش ھەققى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى تۆلەيدىغان قىسمىغا بىر قېتىمدا 3000 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم بېرىلىدىكەن.


ئۈندىدار سالونىمىزنى قۇشۇۋىلىڭ

投诉

شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111