大数跨境

قان تومۇركىسەللىكلىرى پەيدا قىلدىغان سەۋەبلەربىلۋىلىشقا تىگىشلىك

قان تومۇركىسەللىكلىرى پەيدا قىلدىغان سەۋەبلەربىلۋىلىشقا تىگىشلىك Angguxtar1
2018-02-05
5

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

قان تومۇركىسەللىكلىرى پەيدا قىلدىغان سەۋەبلەر بىلۋىلىشقا تىگىشلىك

ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز سالونىمىزنى قوشۇۋىلىڭ

 سالونىمىزنىڭ ئىزدەش نامى:Angguxtar1

1. گۆش تۈرى

30-40 ياشلاردىكى ئادەملەر ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا مېھماندوستلۇق سورۇنلاردا ھەرخىل ئاشخانىلاردا ياغ تەركىبى يۇقىرى، تۇز تەركىبى يۇقىرى ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاندىكى ماي مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاسانلا قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. كېچە بىلەن كۈندۈزى ئالمىشىپ قېلىش

كېچىلىرى تۈنىگەندە ئۆزىگىلا ئەمەس يۈرەك نېرۋا قان تومۇرلارمۇ قالايمىقانلىشىدۇ، ئادرېنالىن ۋە نورئېپنفرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىشىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، قان تومۇر تارىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ قويۇقلاشتۇرۋېتىدۇ.

3. تاماكا چېكىش

ئامېرىكىدىكى پەن-تېخنىكا ئالىملىرى 50 يىلدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىشىچە، كۈندە 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپىنى 2-3 ھەسسە ئاشۇرىدۇ.

4. ئۇزۇن ئولتۇرۇش

نورمال ئادەمنىڭ تېرىسىدە ھەر كۋادرات مېللىمېتىردا تەخمىنەن 600 تال قىل قان تومۇر بار بولۇپ، ئادەتتە 100-200 تال ئېچىلىدۇ، كۆپ چېنىققاندا تېخىمۇ جىق قىل قان تومۇرلار ئېچىلىدۇ ھەمدە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەت قىلمىغاندا قان تومۇردىكى ئەخلەتلەر يىغىلىپ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى شەكىللىنىپ، قەرەلسىز ھالدا "پارتلاش"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە قىل قان تومۇرغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. يۇقىرى قان بېسىم ۋە دېئابىت كېسىلى

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنىڭ نورمال ئادەمگە قارىغاندا مېڭىسىنىڭ توسۇلۇپ ئۆلۈش نىسبىتى 4-7 ھەسسە يۇقىرى.

دېئابىت كېسىلى بولسا قان تومۇرنىڭ كېسەللىككە ئايلىنىشىغا ئاساس سالىدۇ، قەنت مىقدارى يۇقىرى ئادەملەر نورمال ئادەمگە قارىغاندا مېڭە شامالداراپ قېلىش نىسبىتى 2-3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

6. ناچار كەيپىيات

شېۋىتسارىيە مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ يېقىندا ئىسپاتلىشىچە، روھىي بېسىم قان تومۇرنىڭ تارىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەمدە قان تومۇرنى تېز قېرىتىدىكەن.

ئەڭ ياخشى بولغان قان تومۇرنى ئاسراش ۋاقىت جەدۋىلى

قان تومۇرنى ئاسراش تەس ئىش ئەمەس، لېكىن ئاۋۋال ئۇنىڭ قانداق تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئامراقلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

سەھەر سائەت 8:00دە، بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بېرىش. پۇرچاق سۈتى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك، تەركىبىدە بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە پۇرچاق ئىزوفلاۋون مول.

پۇرچاق ئىزوفلاۋون بولسا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق گورمۇنى، بالدۇر قېرىش، كېلىماكتېرىيە دەۋرى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مېڭە قان تومۇرنى قوغدايدۇ.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30دا، قوپۇپ ھەرىكەت قىلىش. ئۇزۇن ئولتۇرۇش ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلاشتۇرىدۇ، بىر قىسىم يوقايدىغان ماددىلار قان تومۇردا يىغىلىۋالىدۇ. ئادەتتە 10:30 خىزمەت ۋاقتىنىڭ بىر قىسمى، بۇ ۋاقىتتا 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلسا كەيپىيات تەڭشىلىپ، ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئازايتىدۇ.

مۇتەخخەسىسلەر كۆرسىتىشىچە، ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئامال بار بىر سائەت ئولتۇرۇپ، 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ، يىراقلارغا قاراپ، قول ۋە پۇتلارنى سىلكىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

چۈش سائەت 12:00دە، كۆكتاتنى كۆپ يېيىش. ئوخشىمىغان رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ، تەركىبىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا قانچە كۆپ كۆكتات يېسە، قۇبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00دە، بىر تال ئالما يېيىش. ئالمىنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى، مېۋە كسلاتاسى ۋە ۋىتامىنC كۆپ بولغاچقا، "تولۇق ئىقتىدارلىق دوختۇر" دەپ نامى بار. ھەمدە بۇنىڭ ئارىسىدىكى مېۋە يېلىمىنىڭ "قان تومۇر تازىلىغۇچى"دەپ نامى بار. شۇڭا ئالما يەپ بەرگەندە جىگەرنىڭ خولېستېرون قۇبۇل قىلىشىنى ئازايتىدۇ، ماي يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ.

كەچتە 5:30دا، مېڭىپ بېرىش. كۆپ ھەرىكەت قىلىش بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا پايدىسى بار ھەمدە قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنىمۇ ياخشى قىلىدۇ. قىل قان تومۇرنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساس سالىدۇ.

تەكلىپ: ماشىنىنى ئاز ھەيدەش، ئامال بار ئاپتوبۇسقا چىقىش، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئالدىرمىسا ئىككى بېكەت بالدۇر چۈشۈپ قېلىش، ھەرىكەتنى كۆپەيتىپ، "يۈز قېتىم چېنىققاندىن بىر ماڭغان ئەلا" دېگەندەك كۆپ مېڭىپ بېرىش ئەڭ ياخشى چېنىقىش.

كەچتە سائەت 7:00دە، قارا ئاشلىقتىن ئېتىلگەن ئۇماچ ئىچىش. دانلىق زىرائەتلەرنىڭ تالا ماددىسى ۋە ئوكسىدقا قارشى تۇرۇش ماددىسى بار بولۇپ، تاماقتىن كېيىن قەنت مىقدارى بىلەن خولېستېروننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى كونترول قىلىدۇ ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

«سىنا تورى»


قاندىكى ماينىڭ ئارتىپ كىتىشى يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 《قاتىل》بولۇپ ، ئىنتايىن خەتەرلىك ، كىشلەر تەرپىدىن 《شەپىسىز قاتىل》 دەپ ئاتالماقتا. قاندىكى ماي ئارتقاندا يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان ئارتېريە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى تىزلىشىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىگە گىرپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈم خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن  
شۇڭلاشقا قاندىكى ماينىڭ ئارتىپ كىتىشىگە ھەرگىز سەل قارىماي ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئەڭگۈشتەر ھاياتلىق سۈيى يۇقىرقىدەك  ئەھۋاللارغا  ئۈنۈملۈك  مەنپەئەت قىلىدۇ



ئەڭگۈشتەر سالونى  ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،تۇرمۇشىغا خوشاللىق تىلەيدۇ.....!


阅读原文


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111