大数跨境

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تاماق تىزىملىكى»

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تاماق تىزىملىكى» Angguxtar1
2017-06-03
2
导读:جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياڭگاڭ «ۋېنخۇي» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ∏ توقسەن ياشقا كىرگەن، ئۇ زادى قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ ۋە نېمە يەپ مۇشۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىدى؟ ئەنگلىيە تاراتقۇسى يېقىندا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە دەم ئېلىشى ھەمدە ئۈچ ۋاق تامىقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ، ئايال پادىشاھنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىشى ناھايىتى قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكى، ناشتىلىقنى قولدىن بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، يالغۇز تاماق يېگەندە ئۆزىنىڭ «كىراخمالنى ئازايتىش»ىغا تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە بارلىقى، لېكىن شاكىلات يېيىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئايال پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت 7:30دە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئاۋۋال شېكەر ۋە سۈت قوشۇلمىغان earl grey چېيى ۋە پېچىنىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭغا كىتا بېلىقى-تۇخۇم قۇرۇمىسى ۋە شاكىلات كەمپۈتنى ماسلاشتۇرىدۇ، بىر سائەتتىن كېيىن رەسمىي ناشتا قىلىدۇ، دانلىق زىرائەت يېمەكلىكى، مېۋە، پىشلاق ۋە ئېرەن شىرنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزىدە ماندارىن مۇرابباسى قوشۇپ يېگەچ «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» ياكى «بەيگە پوچتا گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنى كۆرىدۇ. ئاندىن ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشلايدۇ، ئاندىن ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلە قىلىدۇ.

ئايال پادىشاھ چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن لىمون ۋە مۇز قوشۇلغان ئىتالىيە سېرىق ھارىقى ياكى ئۈزۈم ھارىقى ئىچىدۇ. چۈشلۈك تاماقتا بېلىق بىلەن كۆكتات ياكى تۇخۇم قورۇمىسى سالاتلا بولۇشى مۇمكىن. چۈشتىن كېيىنكى چايدا تەرخەمەك ياكى كىتا بېلىقى قاتارلىقلارنى يەيدۇ ياكى تەڭگىدەك كېسىلگەن مالىنا مۇرابباسى ساندىۋىچى، يۇمىلاق قوتۇرماچ ۋە شاكىلات پىچىنە، تورت قاتارلىقلارنى يەيدۇ.

مېھمان ياكى پائالىيەت بولمىسا ئايال پادىشاھ ھەر كۈنى كەچتە 7:30دە ئېرى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەيدۇ، ياپىلاقلاپ چوڭ توغرالغان كالا گۆشى، قاقلانغان گۆش ياكى بېلىق قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن، تاتلىق يېمەكلىكى بۆلجۈرگەن ياكى يارما شاپتۇل بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە بىر ئىستاكان شامپان ئىچىدۇ. ئايال پادىشاھ تاماقتىن كېيىن «Coronation Street» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشى ۋە خەت تولدۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىشى مۇمكىن، لېكىن بەزىدە تاماقتىن كېيىنمۇ ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ بولغاندىن كېيىن كەچتە سائەت 11لەردە ئۇخلايدۇ. 

مەنبە:نۇر تورى  رەسىملەرنى ئەڭگۈشتەر سالونى كىرىشتۈردى.



【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 0
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读0
粉丝0
内容0