ھەممەيلەنگە ئايان، جىگەر بەدىنىمىزدىكى زەھەر ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەڭ مۇھىم ئەزا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنتايىن ئاسان زەخىملىنىدىغان ئەزا، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن يېمەكلىكلەر جىگەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۆۋەندە مەن تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتەي.
1. ئىسپىرت
زىياپەت ياكى ھېيت-بايراملاردا ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئازراق زاكۇسكا يەۋېلىش كېرەك، ئاشقازىنىڭىزدا بىرئاز نەرسە بولسا ئىسپىرتنىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2. چىرىتىشتىن ساقلاش دورىسى
بەزى ئادەملەر تۇرمۇشتا ئىنتايىن ھورۇن، دائىم تەييار چۆپ يەپ قورسىقىنى توقلايدۇ، بۇنداق ئادەت ساغلام ئەمەس، شۇڭا بۇ ئادەتتىن بالدۇرراق قول ئۈزۈش كېرەك.
3. تەركىبىدە نىترىت بار بولغان يېمەكلىكلەر
ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ يەل قازان شورپىسى يېيىشكە بارىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيمەكتە، يەل قازان شورپىسى يېگەندە شورپىنى كۆپ قېتىم تەكرار قاينىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا جىگەرگە ئىنتايىن زىيانلىق.
4. يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر
جىگەر كېسىلى بار بىمارلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇيقۇ ھالەتتە بەدەندىكى قەنتنى ھەزىم قىلىش قىيىنغا توختايدۇ، يەنە كېلىپ بۇنداق ئادەت چىشقىمۇ زىيانلىق.
5. بۇزۇلۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ
باھاسىنى ئەرزان كۆرۈپلا ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق كېرەك، ئائىلىدە يېمەكلىكلەر كۆكىرىپ قالغاندىمۇ، چوقۇم دەرھال تاشلىۋېتىش كېرەك
تۆۋەندىكى چىپار كودنى بېسىپ
ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ
جىگەرگە ئەڭ زىيانلىق 5 خىل يېمەكلىك
Angguxtar12017-12-27
0
【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
总阅读45
粉丝0
内容111













