大数跨境

خىيال سۈرۈش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ

خىيال سۈرۈش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ Angguxtar1
2018-04-24
1

  يېقىندىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتدا بايقىلىشىچە، كۈندە بىر سائەت چوڭقۇر خىيال سۈرگەندە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قېرىغاندىكى تەپەككۇرنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلغىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋس شۆبە مەكتىپىنىڭ پەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2011-يىلى چوڭقۇر خىيال سۈرۈش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا خىيال سۈرۈش مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇر ياش ۋە ياشانغان 60 پىدائىيغا مۇددىتى ئۈچ ئايلىق خىيال سۈرۈش مەشىقى قىلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى باھالىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دېگەن: خىيال سۈرۈش دەرسلىكى ئۇلارنى مەسىلىلەرگە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يۈزلىنىشنى ئۆگىتىپ، ھېسداشلىق، مۇھەببەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن، ئۇلار دەرسلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 پىدائىينى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەتتە يىل جەريانىدا خىيال سۈرۈشكە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، %85 ئادەم ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈنىگە بىر سائەتتىن كۆپرەك خىيال سۈرگەن ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم خىيال سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى ۋە دىققەت كۈچىگە يەنە بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ دىققىتى ئۇزاققىچە سوزۇلغان ھەمدە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن.

   تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا خىيال سۈرۈش مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، تەپەككۇرغا كاشىلا قىلغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، دىققەت كۈچىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى، دائىم خىيال سۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ئېرىقچە قاتلىمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، دىققەت كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى دەلىللەنگەن . بۇ تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات بولسا يۇقىرىقى بايان ئاساسىدا خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قۇشۇۋىلىڭ

شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111