ئۆپكە ياللۇغى ھەرخىل يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە قىسىمىدىكى ياللۇغدۇر.بۇۋاقلار ۋە بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ئۇلارنىڭ نەپەس سىستىمىسنىڭ ئاناتومىيە-فىزئولوگىيەلىك ئالاھىيدىلىكى ۋە ئورگانىزىم ئىممۇنىت ئىقتىدارىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقىدىن، ئاساسەن كانايچە-ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئىپادىلىنىپ، كېلىنكىدا قىزىتما، يۈتەل، نەپەس جىددىيلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش ۋە ئۆپكە قىسىمىدىن خىرىپ ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئاڭلىنىدۇ.

ئۆپكە ياللۇغى بالىلىق دەۋىردە بۇلۇپمۇ بۇۋاقلار ۋە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىققا ئېغىر تەھدىت سالىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى گەرچە پۈتۈن يىل بويى پەيدابولسىمۇ، لىكىن قىش، كۈز، پەسلى ياكى ھاۋا كىلىماتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان مەزگىللەردە كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ كېسەل بىرلەمچى، شۇنداقلا يۇقارقى نەپەس يۇلى يۇقۇملىنىش، كانايچە ياللۇغى، قىزىل،كۆك يۈتەل قاتارلىق ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن كېيىن ئىكىلەمچى پەيدا بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەگەر ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشىش، راخەت قاتارلىق كېسەللىكلەر قۇشۇلۇپ كەلگەندە بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بۇلىشى تېخىمۇ كۆپىيتىپ، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقۇرلايدۇ.شۇڭا ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقىنى ساقلاش خىزمىتنى كۈچەيتىپ ، ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇھىت ۋە ھاۋائامىللىرى؛
ئۆي ھاۋاسى ياخشى ئالماشمىغاندا ، كۈن نۇرى يېتەرلىك بولمىغاندا كېسەل چاقىرغۇچىلار ئوڭايلا كۆپىيىدۇ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ سوغۇق ياكى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشچان بۇلىشى ئورگانىزىمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۈۋەنلىتىپ ئوڭاي كېسەل قوزغايدۇ

.



يۇقارقى مەزمۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويۇشنى
ئۇنۇتماڭ

