خانىم-قىزلار نېمە ئۈچۈن تېز ئورۇقلىيالمايدۇ؟
1. مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستا.
ئوزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە مۇسكۇل بىر قەدەر ئاز، ماي كۆپرەك بولغاچقا، مېتابولىزم بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. ئاياللار قىسقىغىنا ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ماي يوقاتسا، ئاياللىق ھورمۇنىغا تەسىر يېتىدىكەن. ئوخشاش بەدەن شەكلىدىكى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئاز بولىدىكەن. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللار يېمەكلىكنى ئەرلەردەك كۆپ يېيەلمەيدىكەن، ئەمما ئوخشاش نەرسە يېسىمۇ، ئاياللار بەكرەك سەمرىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئاياللار ياش ۋە ھەرىكەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلسىلا، بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالالايدىكەن.
2. ھېسسىي بېقىنىش.
ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كىچىكىدىن باشلاپ يېمەك-ئىچمەككە ئامراق كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس، بولۇپمۇ ئاياللاردا يېمەكلىككە «ھېسسىي بېقىنىش» ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
3. ھەرىكەت ئاز، چېنىقماسلىق.
ئاياللار كۆپ ھاللاردا تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش يولىنى تاللايدۇ، ھەرىكەت قىلىش، چېنىقىشنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ئىكەنلىكىگە سەل قارايدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھەرىكەت ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مېڭىش-تۇرۇش، ئاش-تاماق ئېتىش دېگەندەكلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئورۇقلاشنى نىيەت قىلغانلار چوقۇم مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى، پەي سوزۇشى، تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قالغان ماينى پارچىلاش ئۈچۈن تەر چىققۇدەك چېنىقىشى كېرەك.
4. ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى.
ئورۇقلاش ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جەڭ، بولۇپمۇ ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى بارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بەدىنىدىكى ماي توپلاشقان جايدا ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى بارلاردا لىزىلئوكسىدازا دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچەي يولى مولېكۇلالىرى كۆپ بولۇپ، بۇ مولېكۇلالار بەدەنگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئورۇقلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنداق ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى ماي توقۇلمىلىرى زەخىملەنگەندە پەيدا بولىدىكەن، شۇڭا قانچە سېمىز بولغانسېرى ئورۇقلاش شۇنچە تەس بولىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى.
تۆۋەندىكى 8 خىل ئۇسۇلدا ھەم تويغۇچە يەيسىز، ھەم ئورۇقلاش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز
1. مېۋە-چىۋە كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئورۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېۋە چىۋىنى ناھايىتى پايدىلىق، پەقەت زىيىنى يوق دەپ قارايدۇ، ئەمما نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر بىزگە مۇنداق بىر ھەيران قىلارلىق ئىشنى ئۇقتۇرىدۇ، يەنە زىيادە كۆپ مېۋە- چېۋىنىڭ يېيىشنىڭ ئورۇقلاشقا نىسبەتەن پايدىسى يوق. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تېنى ئۆسۈپ يېتىلىش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولىدىكەن، تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئۇسۇلنى قوللانسا ھەم قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانغىلى ھەم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. ناشتىلىققا تۇخۇم يېيىش:
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى تال تۇخۇم يېگەندە قورسىقىڭىز تويۇپلا قالماي يەنە تۇخۇمدىكى باشقا مۇھىم مىكرو ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن كالىي، ناترىي، ماگنىي، فوسفور، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقىدىكى تۆمۈر تەركىبى ھەر يۈز گرامدا يەتتە مىللىگرام بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىسى بار.
3. چۈشلۈك تاماق ياكى كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن كۆكتات يېيىش:
كۆكتاتلارنىڭ سۇ مىقدارى مول، ئۇنى يېگەندە پەقەت مىقدارى ئاشىدۇ، لېكىن ئىسسىقلىق مىقدارى ئاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتات يېگەندە ئۇزاقراق چايناشقا توغرا كەلگەچكە، چوڭ مېڭىڭىزدە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت غىزالانغاندەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ، تويۇنۇش ھېس قىلىسىز-دە، يەنە تاماق يېمەيسىز.
4. تاماق ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش:
ئەگەر سىزنىڭ ئادەتتە مۇقىم بولغان ناشتا ۋە چۈشلۈك تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بولسا، ئۇنداقتا شەنبە، يەكشەنبە كۈنىمۇ بۇ ئادىتىڭىزنى ساقلاڭ. ئورنىڭىزدىن بۇرۇنراق تۇرۇڭ، چۈنكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىدە ناشتا قىلمىسىڭىز چۈشلۈك تاماق يېمىسىڭىز ياكى تاماق ۋاقتىنى كەينىگە سۈرسىڭىز پەقەت سىزنىڭ قورساق ئېچىش تۇيغۇڭىزنى كۈچەيتىدۇ، خالاس. سىز بىلىپ-بىلمەي تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى يەپ قالىسىز، بۇ ئورۇقلاشقا پايدىسىز.
5. ئاۋۋال ئاش سۈيى ياكى شورپا ئىچىش:
تاماقتىن بۇرۇن ئاش سۈيى ياكى شورپا ئىچكەندە ئاشقازان-ئۈچەيلەر تېخىمۇ راۋانلىشىپ، بەدەن زىلۋا ھەم ساغلام بولىدۇ، كۆكتات تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى تاماق شورپىسىغا پۈتۈنلەي چىقىدىغان بولۇپ، ئىچكەندىن كېيىن تالا ماددىلىرى ئاشقازاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ، تويۇنۇش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرىدۇ، تاماق مىقدارىنى ئازايتىپ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدۇ.
6. ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش:
بەزى ساۋاقداشلار ئورۇقلاش ئۈچۈن گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇلار تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار، ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا بولمىغان قاراش. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئورۇق گۆش يېيىش سەمرىتىۋەتمەيلا قالماستىن، ئادەمنىڭ مېڭىسى ۋە جىسمانىي كۈچىگە كۆپ مىقداردا تولۇقلاش ئېلىپ كېلىدۇ.
7. ئىچىملىكنى كونترول قىلىش:
نۇرغۇن كىشىلەر كولا، شۆبى قاتارلىق كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ ئىچىملىكلىرىدا كۆپ مىقداردا قەنت بارلىقىنى، ئاسان سەمرىتىدىغانلىقىنى يەنى كالتىسىينىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، چىشنى چىرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بۇنداق ئىچىملىكلەرنى يىراق تۇرۇش كېرەك.
8. تاتلىق پىرەنىكلىرىنى ئاز يېيىش:
سىز ھەرگىزمۇ خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز، تاتلىق پىرەنىكلەر ئورۇقلار بىلەن سېمىزلەر ئارىسىدىكى مۇھىم چېگرا سىزىق. ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار تاتلىق پىرەنىكنى ئاز يېيىش كېرەك. شاكىلات، قايماق، ماروژنى قاتارلىقلار ئاڭلاشقا نەپسىمىزنى تاقىلدىتىغان تاتلىق يېمەكلىكلەر، ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار نەپىسىمىزنى چەكلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بەك يېگۈمىز كەلسە ئاز ئازدىن يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم كۆڭۈللۈك يېگىلى ھەم ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ يېشىل زېمىن شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئەڭگۈشتەر قان قۇۋۋەت جەۋھىرى بازارغا سېلىنغان 3يىلدىن بۇيان،ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى،باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشتى .ئاياللاردىكى قان ئازلىققا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىپ ،قۇۋۋەت تولۇقلاپ ،ئاشقازان ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ ۋە قان ئازلىقتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ.شىركىتىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى ئۈنۈمى بولمىسا پۇلىڭىز تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىمىز.شىركەت ئالاقە تېلفون نومۇرى:0991-8501233













