

بالىڭىزنى ھەرگىز كەچ ئۇخلاتماڭ!بۇنىڭ سەۋەبى……
بالىلار ھەركۈنى كەچ ئۇخلىغاندا يىغلاڭغۇ بولمايدۇ، بىراق خاراكتېرى قورقۇنچاق ، ھەرىكەت كۈچى كەمچىل، ئىرادىسى ئاجىز ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ھەم ئەقىل تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنە بالىنىڭ يۈرەك -قان تومۇرلىرىنىڭ يىتىلىشگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بويى ئۆسمەيدۇ ، ھەتتا جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بۇنىڭ نىگىزلىك سەۋەبى:

1. كەچ ئۇخلىغان بالىلارنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ. كەچ ئۇخلاشنىڭ بىرىنچى زىيىنى.
بالىلارئاتا-ئانىسىنىڭ جان تومۇرى ، ھەممە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ، بالىلارغا ئەڭ ياخشىنى يىگۈزۈپ ، ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىدۇ ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمدىلا ئكسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللىك جەھەتتە بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى بالىغا بەك مۇھىم .
مائارىپ مىنىستىرلىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تەكشۈرگەندە ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىيىلدىن يىلغا پاكارلاپ كەتكەن. دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تۈۋرۈكى بولغان بالىلار « پاپا » بولۇپ قالسا بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش....بۇنى بەلكىم ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن، بالىنى يېرىم كېچىگىچە دەرىس ئۈگۈنۈشكە زورلاش ، بۇ ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات قالايمىقانلىشىشتىن كىلىپ چىققان ، ئۇيقۇ كەملىكتىندۇر .
بالىلار كەچ ئۇخلىسا ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ، ئۇخلىغان ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ كەتسە ، بەدەنگە نىسبەتەن بىر خىل زىيادە غىدىقلاش تەسىرى بولىدۇ ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئبيىتقاندە بەدەننىڭ بېسىم ئىنكاسى ئىشىپ كىتىدۇ ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئادرېنالىن ئاجرىتىشنى پەيدا قىلىدۇ . ئادرېنالىن بىر خىل بېسىمنى سۈمۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېڭە ئاستى ھېپوفىز تورمۇزلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەم مېڭە ئاستى بېزى ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئازىيىدۇ ،شۇڭا بالىلارنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ .

2 كەچ ئۇخلاشنىڭ ئىككىنچى زىيىنى:يۈرەككە زىيانلىق.
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا بالىدا ھەددىدىن زىيادە بېسىم ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ ، چۈنكى بالىلاردا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا چارچاپ قېلىش ،ئاسان ئاچچىقلىنىش ،مىجەزى چۇس بولۇش ھەتتا ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبدىن قان بېسىمى، نەپەسلىنىش، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ، شۇڭا بالىدا ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى ئۆزلۈكىدىن شەكىللەندۈرۈش كىرەك ، چوقۇم چوڭلار بالىلاردا بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كىرەك ، ھەرگىزمۇ بالىنى ھېرىپ ئويناپ ئۇخلاپ قىلىشىغا يول قويماسلىق كىرەك.

3.كەچ ئۇخلىسا بالىلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كەچ يېتىپ ئۇخلاشنىڭ ئۈچىنجى زىيىنى.
كەچ ئۇخلىسا بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ، بىر ئانا سەككىز ياشلىق قىزىدىكى بەزى ئالامەتلاردىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قىزىنى داۋالىنىش ئورنىغا ئاپارغان . قىزنى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ جىنسىي ئىقتىدار بالدۇر يېتىلىش ئەھۋالى كىلىپ چىققان دىگەن ھەم قىز نىڭ ئېگىزلىكى 132 سانتىمېتىر ، بەدەن ئېغىرلىقى 26 كىلوگرام كېلىدىكەن ، ئەمچەك تولۇق يېتىلىپ بولغان ئىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئاندىن بۇ بالىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دە ئاندىن ئۇخلايدىغانلىقىنى ، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتە يىرىمدا ئورنىدىن تۇرىدىغانلىقى ئىنىقلانغان . گەرچە بالىغا رېتسېپ قەغىزى يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا ئانىغا بالىنى بالدۇر ئۇخلىتىش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇھەركەت دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رېتسىپ بولالايدۇ دىگەن .ھەم بالىنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن ، لېكىن كەچ ئۇخلاشمۇ ئوخشاشلا ، ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ، ئۆستۈرگۈچى گورمون تىزگىنلەش پائالىيىتىنى تىزلىتىپ ، ھەمدە مېڭە ئاستى بېزى خاراكتېرلىك ھورمۇننىڭ نورمال تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا بالىلارنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ ، يەنە جىنسىي ئىقتىدار بالدۇر يېتىلىدۇ .

بەزى ئاتا - بالا پەقەت ئويناپ ھېرىپ كەتكەندە ئۆزى يۇۋاشلىق بىلەن بېرىپ ئۇخلاپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ ، شۇڭا ئانا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرمىسا ، بالا قەرەللىك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ . بالا ئويناپ ھالىدىن كەتسە ، ئاخىرىدا بۇ ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ،ئەلۋەتتە ، بەدەننىڭ رىتىم تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم ، ئۇيقۇ دەل رىتىملىك ، قانۇنىيەتلىك بولۇش كىرەك،بۇ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى .ئۇيقۇ ئىچىدە ، كۈندۈزى قوبۇل قىلغان ھەر خىل سەزگۈرىئاكسىيەلەرنىڭ ، ھەممىسى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشتا بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىدۇ،ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ ، مەسلەن:ئومۇمەن ئايلىنىش سىستېمىسى ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، ئىسكىلىت سىستېمىسى، نېرۋا سېستىمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق . پەقەت بالدۇر ئۇخلىغاندا بالىنىڭ بەدىنى ئاندىن ئارام ئالىدۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىتە يېتەرلىك ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تەمىنلەشكە ئاساس سالىدۇ .شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بالدۇر ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.

