大数跨境

كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاش قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىلىق

كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاش قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىلىق Angguxtar1
2018-05-14
1

    كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلاپ،خاراكتېرنى تاۋلايدۇ،دەپ قارايمىز. يېقىندا  بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ، قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئۆتەيدىكەن. 

    تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مەزگىل قان بېسىم كېسىلى بولغان ھەمدە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە قان بېسىمنى داۋالاش تارىخى بولغان قۇرامىغا يەتكەن 37 ياشلىق بىمارلارنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان.  سىناققا قاتناشقۇچىلار ئادەتتىكى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئوخشاش بىر ئاۋاز كۈچى ئاستىدا نائۇشنىك بىلەن 60 مىنۇت كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغان. مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا تەتقىقاتچىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 20 مىنۇت،40 مىنۇت ھەم 60 مىنۇتتا ئۇلارنىڭ يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچىگەن. تۇنجى نۆۋەتلىك سىناق ئاخىرلىشىپ 48 سائەت ئىچىدە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك رىتىمىنى قايتا ئۆلچەپ چىققان. ئاخىرىدا سىناققا قاتناشقۇچىلارغا مۇزىكا ئاڭلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچىنچى قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان.

    نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسىنى يەپ سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يۈرەك رىتىمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، 15 مىنۇتتىن كېيىن دورا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشنى باشلىغان، 60مىنۇتتىن كېيىن دورىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە چىققان. بۇ كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ قان بېسىم دورىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

   تەتقىقاتچىلار تەكىتلەپ: بۇندىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا كىشىلەر بېسىم ھېس قىلغان چاغدا كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، دېيىلگەن. بىز مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا  ئاكتىپ تەسىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرەك رىتىمى ۋە قىسقىراش بېسىمى، كېڭىيىش بېسىمى ئۆزگىرىشىگە قارىتا بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق. سىناق قىلىش جەريانىدا، بىز كلاسسىك مۇزىكىنىڭ پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، سىمپاتىك نېرۋا پائالىيىتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، كېيىنكىسى جانلىق بولسا  يۈرەك رىتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.

 

ئۈندىدار سالونىمىزنى قۇشۇۋىلىڭ


شىنجاڭ يېشىل زىمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە بەخت،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ...!

【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 0
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读0
粉丝0
内容0