大数跨境

زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇ يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ

زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇ يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ Angguxtar1
2020-05-20
2
导读:زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇ يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ

زىققا كېسىلى نەپەس يولىدا پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ بولۇپ، ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان ئۆيلەردە تۇرغاندا ئاسانلا قوزغىلىپ قالىدۇ، زىققا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، داڭلىق ناخشىچى دېڭ لىجۈنمۇ زىققا كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۇنداقتا زىققا كېسىلى بىمارلىرى كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن باشقا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نىتراتلار قوشۇلغان ئۈزۈم ھارىقى

نىتراتلار دەل زىققا كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئادەتتە بازاردا سېتىلىدىغان ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە نىتراتلار بار بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقىغا نىتراتلارنى قوشقاندا تەمىنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇ خىل ماددىغا يېقىن كەلسە بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھاراق يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈپ، ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىققا بىمارلىرىنىڭ يۆتىلى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا زىققا كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىنى ھاراقتىن يىراق تۇتۇش كېرەك.

شاپتۇل

شاپتۇلنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ، شاپتۇلنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، لېكىن شاپتۇلنىڭ سىرتقى پوستىدا كۆپ مىقداردا تۈكلەر بولغانلىقتىن زىققا كېسىلى بىمارلىرى شاپتۇلغا يېقىن كەلسە بولمايدۇ.

سۈت

كۆپ قىسىم كىشىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا سۈت ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن زىققا كېسىلى بىمارلىرى ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، سۈت تەركىبىدە مول ئاقسىل بار، لېكىن سۈت زىققا كېسىلى بىمارلىرىغا رېئاكسىيە قىلىدۇ، زىققا كېسىلى بىمارلىرى ساغلاملىق ئۈچۈن سۈت ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئامال بار يىراق تۇرۇش كېرەك.

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى

گەرچە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز مەھسۇتلىرى زىققا كېسىلىنى قايتا قوزغىتىدۇ، بولۇپمۇ راك، بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ شۇنداق، زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇ خىلدىكى غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن ئامال بار يىراق تۇرۇش كېرەك.

قاتتىق پوستلىق يېمەكلىكلەر

زىققا كېسىلى بىمارلىرى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ۋە قاتتىق پوستلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، سېرىق پۇرچاق، ياڭاق، پىستە بادام قاتارلىق يېمەكلىكلەر زىققا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

چىلان

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چىلاننى قۇرۇق يېيىشنى، ياكى شورپا قايناتقاندا چىلان سېلىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن زىققا كېىسلى بىمارلىرى چىلان يېسە بولمايدۇ، چىلان ئىسسىق بولغاچقا ئاسانلا بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەلغەم نەپەسلىنىش يولىدا تۇرۇۋېلىپ بىمارلارنى ناھايىتى بىئارام قىلىۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا زىققا كېسىلى بىمارلىرى چىلان يېمەسلىك، پەقەت بولمىغاندا چىلاننى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، زىققا كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتىكى بىمارلاردىن سەزگۈر بولىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا دېيىلگەن بىر نەچچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111