大数跨境

قارا قول ئادۋوكات 1-21-قىسىم يېڭىلاندى، چوڭ چاشقان زادى كىم؟

قارا قول ئادۋوكات 1-21-قىسىم يېڭىلاندى، چوڭ چاشقان زادى كىم؟ Dilnapas丨正能量
2022-08-30
1
导读:سالونىمىزنى قۇشۇۋېلىڭ

نۇر تورى كىنوخانىسى ۋە دىلكان كىنوخانىسىدا تۇنجى بولۇپ قويۇلىۋاتقان كورېيە تىياتىرى «قارا قول ئادۋوكات»نىڭ 20-قىسمى يېڭىلاندى، بۈگۈن بىز بۇ تىياتىرغا مۇناسىۋەتلىك شۇنداق بىر مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى، يەنى بۇ تىياتىردىكى ئەڭ مۇھىم ئوبرازنىڭ بىرى بولغان «چوڭ چاشقان» زادى كىم؟

چوڭ چاشقاننىڭ كىملىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ قالدى، لېكىن بۇ تىياتىرنى چوڭقۇر كىرىپ كۆرۈۋاتقان كۆرۈرمەنلەر بەلكىم بەزى نۇقتىلاردىن گۇمانلانغان بولۇشى مۇمكىن: تىياتىرنىڭ ئەڭ بېشىدا نېمە ئۈچۈن ئالتۇنلارنى سېمونت لاي بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؟ شەھەر باشلىقى بىلەن بوۋايدا قانداق ئۆچ-ئاداۋەت بار؟ پاك چاڭخو قانداق بولۇپ بۇ سۇيىقەستلەرگە چېتىلىپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن قولىدا چاشقاننىڭ چەكمىسى بار كىشىلەر پاك چاڭخونى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب لازىم، شۇنداقلا بۇ جاۋابلار بۇ تىياتىردىكى ھەقىقىي چوڭ چاشقانغا بىۋاستە چېتىشلىق! شەھەر باشلىقى بىلەن بوۋاي؟ ئۇلارنىڭ ئاداۋىتى نېمە ئۈچۈن چوڭ چاشقان بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ چۈنكى بوۋاي شۇ شەھەردىكى ئەڭ مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەھەر باشلىقى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىدى، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخونى شەھەر باشلىقى سۆرەپ كىرگەن، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخونىڭ ئەگەشكۈچىسى جېررى ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ ھاياتىدىن كەچتى، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخو «مەن چوڭ چاشقان پاك چاڭخو» دەپ بىۋاستە تارقىتىشقا چىقتى، نېمە ئۈچۈن؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئال، پاك چاڭخو دوختۇرخانىغا سولاپ قويۇلغاندا ئالتۇننىڭ ئورنىنى توغرا دەپ بېرەلىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟؟؟

قېنى تورداش، بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇپ قويۇڭ، بەلكىم چوڭ چاشقان سىزمۇ تېخى...



【声明】内容源于网络
0
0
Dilnapas丨正能量
دىلنەپەس سالونىمىزغا خۇش كەلدىڭىز سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ !!!
内容 24
粉丝 0
Dilnapas丨正能量 دىلنەپەس سالونىمىزغا خۇش كەلدىڭىز سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ !!!
总阅读12
粉丝0
内容24