


قارا كۆزەينەك ئىسىملىك ئېكسپېدىتسىيىچىنىڭ كۆز كېسىلى ئېغىرلىشىپ مۇمالۇ قەبىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. دوستى شې يۈچېن ئۇنىڭ كۆزىنى داۋالاش ئۈچۈن لاۋۋېينى باشلاپ مۇمالۇ ئورمانلىقىغا كىرىپ، ئاز ئۇچرايدىغان پارازىت ھەرىلەرنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغ باغرىدا خەتەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان قارا كۆزەينەك دەرھال قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، مۇمالۇلۇقلارنىڭ رىۋايىتىدىكى غايەت زور غەلىتە مەخلۇق ناجاسنى بايقاپ قالىدۇ! قارا كۆزەينەكنىڭ دوستىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشى بۇ غەلىتە مەخلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ بۇ سىرلىق ئورمانلىقتا يەنە قانداق قورقۇنچلۇق خەتەرلەر مەۋجۇت؟


![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |

![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |

![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
























