
بۇ 3 ئالامەت كۆرۈلسە ئۈچەيدە مۇنچاق گۆشلەر ئۆسۈۋالغان بولىدۇ
ئەگەر چوڭ تەرەت قىلغاندا بۇ 3 خىل ئىپادە كۆرۈلسە، ئۈچەي مونچاق گۆشى سىزنى ئاۋارە قىلماقچى
ئۈچەي مونچاق گۆشى مونچاق گۆشنىڭ بىر خىلى، سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ قىسىم ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارنى بولسا بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېمەك ئۈچەي مونچاق گۆشىنىڭ خەۋپى زور بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرتۈش ناھانىنى زۆرۈر. ئۇنداقتا، ئۈچەي مونچاق گۆشىدە قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ بۈگۈن ئەلداۋا بۇ توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچى.
ئۈچەي مونچاق گۆشى راستتىنلا راكقا ئۆزگىرەمدۇ؟
جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇب دوختۇرخانىسىنىڭ ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئائىلە دوختۇرى تورىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مونچاق گۆش - ياللۇغلۇق مونچاق گۆش ۋە بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆشگە ئايرىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياللۇغلۇق مونچاق گۆش ئادەتتە ئاساسىي جەھەتتىن راكقا ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆشنىڭ راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ. شۇڭا بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆشى بىمارلىرى، ئۈچەي ئەينىكى ئاستىدا مونچاق گۆشىنى ئېلىۋېتىش كېرەك، ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئۈچەي ئەينىكىدە قايتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق مونچاق گۆشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش كېرەك.
3 خىل كېسەللىك ئالامىتى مونچاق گۆشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
1. قانلىق تەرەتنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار
ئۈچەي مونچاق گۆشى چوت تەرەت قىلغاندا تۈز ئۈچەي توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىپ، تۈز ئۈچەي ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمار چوڭ تەرەت قىلغاندا، تەرەتتىن قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ شەك-شۈبھىسىز خەتەرلىك ئەھۋال.
2. قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش
قەۋزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈچەي يولى كېسەللىكى بەلكىم باشقىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەرەت قىلىش تەس بولۇش قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئۈچەي يولى توقۇلمىلىرى زەخىملىنىش كېلىپ چىقىپ، يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇ شەك-شۈبھىسىزكى ناچار ئەھۋال.
3. قورساق ئاغرىش
بەزى بىمارلاردا ئۈچەي مونچاق گۆشى قۇرساق قىسمى كۆپۈپ بىئارام بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قورساق قىسمى بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىيدۇ.
ئۈچەي مونچاق گۆشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى 4 نۇقتىنى قىلىش كېرەك :
1. تاماكا چەكلەش
تاماكا چېكىش بىلەن ھاراق ئىچىش راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش ئۈچەيدە ئاسانلا سىجىل خاراكتېرلىك غىدىقلاشتىن ئۈچەي مونچاق گۆشىنى پەيدا قىلىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش
ھەددىدىن زىيادە تۇزلۇق ھەم ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ۋە سوغۇق يېمەسلىك، ۋاقتى ئۆتكەن ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك؛ ياخشى بولغان روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.
3. چېنىقىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش
بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، بەدەن ساپاسىنى كۈچلەندۈرۈش، كۆپرەك ئاپتاپتا ھەرىكەت قىلىش، كۆپ تەرلەش بەدەندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى تەر بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، كىسلاتالىق ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەيدە مونچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. ياخشى تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
تەرەت ياخشى كەلمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، گەندە ئۈچەيدە چىرىپ، پارچىلانغان غىدىقلىغۇچى ماددىلار ئۈچەي شىللىق پەردىسى ئېپىتېلىيەسىگە چاپلىشىپ، ئۈچەيدىكى شىللىق پەردىنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ياخشى تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچەي مونچاق گۆشى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ









