ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
قەۋزىيەت بالىلاردىن چوڭلارغىچە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ،ئۈچەيدىكى زەھەرلەرنىڭ چىقىرلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ،بەدەندە زەھەرلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.شۇڭا قەۋزىيەتكە ھەرگىز سەل قارىماي ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك،تۆۋەندە مەيلى بالىلار ۋە چوڭلارغا بولسۇن ئوخشاشلا ماس كېلىدىغان قەۋزىيەتكە شىپالىق يەرلىك رېتسىپنى تونۇشتۇرىمىز پايدىلىنارسىلەر،ئەگەر سىزدە قەۋزىيەت بولمىسا باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ،ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،
ئۇسۇلى شۇنداق ئاددىي:
كۈنجۈت مېيىدىن 100ىللىمىتىر ۋە ھەسەلدىن 250مىللىمىتىر تەييارلىۋالىمىز ئاۋۋال ھەسەلنى چىنىگە قۇيۇپ،چوكا بىلەن توختىماي قوچۇپ قۇيۇق كۈپۈك چىققۇچە ئىلەشتۈرىمىز،
بىر تەرەپتىن ئېلەشتۈرگەچ بىر تەرەپتىن كۈنجۈت يېغىنى ھەسەل ئۈستىگە ئاستا قۇيىمىز،چىنىنى تۆۋەن ئوتتا قىززىتقاچ ھەسەل ۋە كۈنجۈت يېغى تولۇق ئارلىشىپ بولغىچە داۋاملىق ئېلەشتۈرىمىز.شۇنىڭ بىلەن يەرلىك شىپالىق دورا تەييار بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دورىدىن 10مىللىمىتىر ئېلىپ ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ.بۇ يەرلىك دورا بالىلاردىكى ياكى چوڭلاردىكى بولسۇن،مەيلى يىنىڭ ياكى ئېغىر قەۋزىيەت بولسۇن ئوخشاشلا مەنپەئەت قىلىدۇ.تەبئىي يېمەكلىكلەردىن ياسالغاچقا ھېچقانداق ئەەكىس تەسىرى بولمايدۇ.
ئەتراپىڭىزدىكى دوسلىرىڭىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مېھىرلىك قوللىرىڭىز بىلەن بۇ تېمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاشنى ئۇنۇتماڭ!!
ئەڭگۈشتەر سالونى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئائىلىسىگە بەخت تېنىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ









