大数跨境

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى يېسە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى يېسە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر Angguxtar1
2018-02-12
2




قان نوكچىسى توغرىسىدا

قان نوكچىسى قان تومۇرنىڭ ئىچىدە ئېقىپ قان تومۇرلادىكى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،  ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىش خەۋپى بار . سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا   %99 قان نوكچىسى بىمارلىرىدا  ھېچقانداق بېشارەتچى ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىكەن ،  قان نوكچىسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار   يەر شارىدىكى ئومۇمىي ئۆلۈم  نىسبىتىنىڭ %51 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ،  ئاللىقاچان يۇقۇملۇق كېسەل ، ئۆسمە ۋە نەپەس سىستېما كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان ئۆلۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن .
قان نوكچىسى  ۋېنا تومۇردىكى قان نوكچىسى ۋە  ئارتىرىيە تومۇردىكى قان نوكچىسى دەپ  2 گە ئايرىلىدۇ  ، ۋېنا قان نوكچىسى كۆپىنچە يۈرەك ئۆپكە  ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، نەپەس قىيىنلىشىش ،  كۆكرەك ئاغرىش ، ھوشسىزلىق ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئارتىرىيە تومۇردىكى قان نوكچىسى يەنە  مېڭە  قان نوكچىسى ۋە يۈرەك تومۇرىدىكى قان نوكچىسى دەپ ئايرىلىدۇ  ،  مېڭە قان نوكچىسى كۆپېنچە  مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، يۈرەك تومۇرىدىكى قان نوكچىسى بولسا تاجسىمان ئارتىرىيەگە كىرىپ  يۈرەك سانجىقى ، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 قانداق كىشىلەردە  ئوڭايلا قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ ؟
1. قاندا ماي بار  ،  قان قويۇق  ،  يېپىشقاقلىقى يۇقىرى كىشىلەر  :  بۇ ئەھۋالدا  قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ  ئوڭايلا قاندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ  ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ  نوكچا شەكىللىنىدۇ
2. سېمىز كىشىلەر :  سېمىز كىشىلەرنىڭ ۋېنا تومۇر نوكىچىسى شەكىللىنىش خەۋپى  يۇقىرى بولىدۇ ، چۈنكى بەدەن سېمىز ئەھۋالدا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇردىكى ئېقىش  سۈرئىتى تۆۋەن بولىدۇ
3. تاماكا چەككۈچىلەر  :  تاماكا  تەركىبىدىكى زىيانىلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر قان تومۇر ئىچكى دىۋار پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ ، قان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇيۇشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
4. ھامىلدارلار  : ھامىلنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان تومۇرلىرىنى بېسىپ  نوكچا شەكىللىنىشكە پايدىلىق
5. ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ، ھەرىكەت مىقدارى ئاز كىشىلەر .
قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى  ھەم بۇنىڭغا  يۇقىرىدىكى ئەھۋال قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەر  دىققەت قىلىشى لازىم  . بولۇپمۇ قىش پەسلى بۇ كېسەلنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىلى  ،  شۇڭا قىش پەسلىدە قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈپ ،  بالدۇر بايقاپ بالدۇر دېئاگنوز قويۇپ ، بالدۇر داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم

شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئەڭگۈشتەر شىپايى ھاياتلىق سۈيى ئىچىملىكى بازاغا سېلىنغاندىن بۇيان خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ ياخشى ئىنكاسلار ئۈزۈلمەي كىلۋاتىدۇ.سىزدىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بامۇ ؟؟؟ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي مەھسۇلاتىمىزنى ئىچىپ كۆرۈڭ!!


  .

سالونىمىزنى قوشىۋېلپ مول مەزمۇنلاردىن ھەمبەھىرلىنىڭ


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111