
نۇر تورى تەرجىمىسى:
پاشىنىڭ ئاغزى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا بىر تال نەيچىگە ئوخشايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئىچىدە يىڭنىسىمان نەيچىدىن 6سى بولىدۇ. ئېغىز ئاپپاراتى ئادەتتە يۇمشاق ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، قان سۈمۈرگەندە قاتتىقلىشىدۇ.
ئەڭ سىرتىدىكى ئىككى نەيچە تېرىنى ئېچىشقا مەسئۇل، ئىچىدىكى ئىككى نەيچە پاشىنىنىڭ بەدىنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئىككى نەيچىنىڭ بىرى قان سۈمۈرىدۇ، بىرى قاننىڭ ئۇيۇشۇشىغا قارشى ماددا چىقىرىدۇ.
پاشا چېقىۋالغاندا نېمە ئۈچۈن قىچىشىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، پاشا ئادەمنىڭ قىچىشىشنى سەزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئۇ تېخىمۇ كۆپ قان سۈمۈرەلەيدۇ. پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن قىچىشىش ئەمەلىيەتتە ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان گىستامىن پاشا چېقىلغان ئورۇندا پەيدا قىلغان زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، پاشا چېقىشتىن ئىششىپ قالغان ئورۇننى تۇتۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇننى تاتىلىغاندا قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، بىر قىسىم ئاجراتمىلاردىكى گىستامىن ئەتراپقا تارقىلىپ تاتىلىغانسېرى تېخىمۇ قىچىشتۇرىۋېتىدۇ.
قانداق قىلغاندا پاشا چاققان ئورۇن قىچىشمايدۇ؟
گۈل سۈيى، يەنى ئەتىر، فېڭيۇجىڭ (بىر نەچچە خىل پۇراقلىق ماي قوشۇلۇپ ياسالغان دورا) قاتارلىقلارنى سۈرۈپ قويسا پاشا چاققان ئورۇن قىچىشمايدۇ.
پاشىغا مۇناسىۋەتلىك سوغۇق بىلىملەر:
1. پاشا قان تىپىغا ئاساسەن چاقمايدۇ.
بەزىلەر O قان تىپىدىكىلەرنى ئەڭ كۆپ پاشا چاقىدۇ دەپ ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ جۆيلۈگەنلىك! پاشا چاققاندا قان تىپىغا قارىمايدۇ. بەلكى مەلۇم بىر ئادەمدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پۇراق بار، يوقلۇقىغا قارايدۇ. پاشا «ئىنسان پۇرىقى» ئارقىلىق چاقىدىغان ئادىمىنى تاپىدۇ. كاربون (IV) ئوكسىد پاشىلارنىڭ ئوۋ نىشانىنى تاپىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇچۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مېتابولىزىمى تېز بولغان ئادەملەرنى پاشا كۆپ چاقىدۇ. مەسىلەن، بالىلار، ئورۇقلار، ھامىلىدارلار، كۆپ تەر چىقىدىغانلار دېگەندەك.
2. پاشا ئادەمنىڭ ئۇخلىغان، ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ!
پاشىلار كاربون (IV) ئوكسىدقا زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ئادەمنىڭ نەپىسىدىن چىققان ھاۋا ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەن، كەلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ. دېمەك، پاشا ناھايىتى ھىيلىگەر.
3. پاشا يورۇقلۇقنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.
نۇرغۇن ھاشارەتلەر يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچان بولىدۇ. بىراق، پاشا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يورۇقلۇققا ئۆچ. شۇنى ئۈچۈن پاشىلار كۈندۈزدىكىگە قارىغاندا كەچتە كۆپىيىپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلىغاندا قۇلىڭىز تۈۋىدە غىڭشىغان پاشىلار چىراغنى ياندۇرۇشىڭىز بىلەن يوقاپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رەڭگى توق كىيىملەرنى كىيگەنلەرنى پاشا كۆپ چاقىدۇ。
manba:nur.cn






