بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بەش ئەزا بولسا، يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەك. ئۇنداقتا بۇ ئەزالارنى ياخشى ئاراش ئۈچۈن قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش كېرەك، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ!
ھەرخىل قان ئازلىق، تېنى ئاجىز، تۇغۇتتىن كىيىن ئاجىزلىشىش، ئوپىراتىسيەدىن كىيىن قان يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك سېقىلىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ. چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ياكى ئەتىگەن-كەچتە ئاچ قورساق چايناپ ئېستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
شۇڭا قان ۋە قۇۋۋەت يىتىشمەسلىك تىپلىق يۈرەك سىقىلىش، ھەمدە نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر ئۈزۈمنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا ناھايىتى مۇۋاپىق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈدە بىلەن بىر قىسىم جۇڭيى دورىلىرىدا خېمىيەلىك رېئاكسىيە يۈ بىرىدۇ، شۇڭا ئەگەر دورا ئېستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى تەكشۈرتۈپ ئېستىمال قىلىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر ماشنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىنى بىلىدۇ. ماش تەركىبىدە مول بولغان لىسىن كىسلاتاسى ۋە ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ناۋاتنى بىرلەشتۈرگەندە داۋالاش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ جىگەرنى ئىسسىق قاپلاش كىتىش پەيدا قىلغان ئىسسىقى ئىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تالنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، تالنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.م
تۇرۇپنى خام ئېستىمال قىلسا قىزىتما، ئۆپكە ئىسسىقتىن يۆتىلىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ؛ ئەگەر نەشپۈت، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىق مېۋە شەربەتلىرى بىلەن بىللە ئېستىمال قىلسا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار.
پېچەكگۈلنىڭ تەمى تاتلىق، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپلا قالماستىن، يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ مەنى تولۇقلايدۇ. بۆرەك زەئىپلىشىش بولغان كىشىلەرنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.
قارا پۇرچاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش، تېرىنى سىلىقلاش ئۈنۈملىرى بار، بولۇپمۇ بۆرەك زەئىپلىشىش بولغان كىشىلەرنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.م