
...ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن
«ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جازالاشقا ئەمەس مۇكاپاتقا تايىنىش ئاقىلانىلىق». بۇ گەپنى قىلغان ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ، يېڭى قىلمىش ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى بورخېس فېرىدىرك سكىننېر يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ: «ئادەمنىڭ ھەرقانداق ھەركىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ، بىراق ئۇسۇل توغرا بولمىسا بولمايدۇ». بۇ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كونتىرول قىلىش – كۈچەيتىش نەزەرىيىسىنىڭ نىگىزى.

ئەق چاشقان ئۈستىدە سىناق قىلغاندىن كېيىن، سكىننېر مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئەگەر بىر ھەركەت بارلىققا كەلگەن بولسا، ناۋادا ئۇنى مۇكاپاتلىسىا، ئۇنداقتا بۇ خىل ھەركەتنىڭ روي بېرىش نىسپىتى ئۆرلەيدۇ. ئاق چاشقاننى مىسال قىلساق، ئۇ قەپەزدە قالايمىقان ھەركەت قىلىدۇ، بىراق ئالاھىدە سەپلەنگەن كونۇپكىنى بېسىپ سالسا، چاشقان ئامراق يېمەكلىك ئېرىلىپ چىقسا، ئۇنداقتا بۇ چاشقاننىڭ ئۇ كونۇپكىنى بېسىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاشقان كونۇپكا بېسىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ناۋادا كەپتەر تاساددىبەن بېشىنى كۆتۈرۈپ قالسا، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى كۈچەيتىلسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۈن بويى بېشىنى كۆتۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بوۋاق تاساددىبەن «ئانا» دەپ سالسا، ئانا ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى مېھرى بىلەن پەپىلەش ۋە كۈلۈمسىرەش بىلەن مۇكاپاتلىسا، بالا ئاغزىدىن چوقۇم «ئانا» دېگەن سۆزنى چۈشۈرمەيدۇ. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەلۇم بىر ھەركەتكەن ئېرىشمەكچى بولساق، ئۇنىڭ موھىم ھالقىسىنى چابدۇرماي كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر.

كۈچەيتىش دېگىنىمىز، كۈچەيتكۈچىماددا بىلەن مەلۇم بىر خىل قىلمىشنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر. گەپنى ئاددىيراق قىلساق، مەلۇم بىر خىل ھەركەتكە ئىلھام بېرىش ياكى مۇكاپاتلاش، شۇندىلا بۇ ھەركەت تەدرىجىي مۇقىملىشىدۇ. كۈچەيتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ھەرقانداق چاغدا كۆرگىلى بولىدۇ، ئىمتىھاندا يۇقۇرى ئالغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش؛ ياخشى ئىش قىلغاندا قوشنا قۇلۇملارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئكي ئىشىنى قىلسا، ئاتا – ئانىنىڭ ماختىشىغا نائىل بولۇش؛ خىزمەت ئىپادىسى ياخشى بولسا، تېگىشلىك مۇكاپاتلىنىش... ياخشى قىلمىشنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىمۇ كۈچەيتىش ئۈنۈم بېرىدۇ.

نۇرغۇن ئادەمباشقىلارنىڭ ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىدىغان چاغدا، ئاساسەن «جازالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «بىر ئوڭۇشسىزلىقتىن، بىر ئەقىل تاپقان» دەك ھېسسىياتتا بولىدۇ؛ ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئېسىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن بالىلىرىنى ئەيىپلەيدۇ، ھەتتا قاتتىق ئۇرىدۇ. بىراق سكىننېر مۇنداق دەپ قارايدۇ: جازالاش پەقەت بىر خىل ۋاقىتلىق تەدبىر، ئۇ پەقەت ناچار قىلمىشلارنىڭ رۇي بېرىش نىسبىتىنى ۋاقىتلىقلا تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئۇنى ھەقىقىي يوقىتىش مەڭگۈ جازالاشنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

ئۈنۈملىك ھەم قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇسۇل ياخشى ئادەتنى ناچار ئادەتنىڭ ئورنىغا «ئالماشتۇرۇش». مەسىلەن: ئەگەر ھورۇن ئادەم پەقەت ئەيىپلەش ۋە تىل – ھاقارەتكە دۇچار بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار سەل چۆچۈشى مۇمكىن، ئەمما نازارەت بوشاپ قالسا، ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ ھورۇنلۇق گېنلىرى يەنە ئۇلغۇيىدۇ، ھەتتا بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. ناۋادا ئۇسۇل ئۆزگەرسە، يەنى ئۇلارنىڭ ھەركىتىدە تاسادىبەن تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق كۆرۈلسە، شۇ ھامان دىققەتكە سازاۋەر بولسا، مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھەتتا ئاشكارە تەغدىرلەنسە، ئۇنداقتا ئۇلار ياخشى ئادەتنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ، ھەتتا ئىلگىرىكى ئادىتىگە سېلىشتۇرۇپ، بىر قەدەر ئاكتىپ بولۇشقا تىرىشىدۇ. مەكتەپ، خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىدە ياخشى ئىش قىلغان ناچار ئادەتلىك ئادەم مۇكاپاتلانسا، ھەتتا ھەممىگە ئۈلگە قىلىنسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشنىڭ كويىدىلا بولماي، ئىلغارلىقنى تېخىمۇ قوغلىشىدىغان بولىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى __رەسىملەرنى ئەڭگۈشتەر سالونى كىرىشتۈردى.




