
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، كۈنىگە بىر سائەت يۈگۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆمۈرنى يەتتە سائەت ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدىكەن. 3-ئاينىڭ ئاخىرى«يۈرەك قان تومۇر كېسىلى تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش» ناملىق ژۇرنالدا، بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بەزىدە تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىدىغان، ئەمما دائىم يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى يۈگۈرمەيدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈچ يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى 55 مىڭ ئادەمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ،تەتقىقاتچىلار كۈنىگە بەش مىنۇت يۈگۈرۈپ بەرسە، ئۆمۈرنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىلمى دوكتورى،پىروفېسسور لى دېتېي مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىلگىرى ئامما ۋە تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان: يول مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئوخشاش ئۈنۈمى بولامدۇ-يوق؟ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟

لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە ھەر خىل نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن ،يۈگۈرۈشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. سۈرئىتىنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشى، ئارىلىقنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۈگۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %40ئازىيىدىكەن. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇدا ئالتە ئاي يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا يەنى، ھەپتىدە ئىككى سائەت يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆمۈرنى 3-2 يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

بىراق لى دوكتور چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: پايدىسى چەكسىزئىش مەۋجۇت بولمىغىنىدەك، ھەريىلى ئۈچ قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈپ قويسىڭىزلا ئۆمرىڭىز ئۇزىرايدىغان ئىش بولمايدۇ.لى دوكتور يەنە مۇنداق دېدى: ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ دائىم يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مۇشۇنداق بولسىمۇ يۈگۈرۈش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىزنى قۇشۇۋىلىڭ

شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ

