


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ھاياتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋاتقان8 قىلمىش

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
1. يانفونغا خۇمار بولۇپ قېلىش

ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، يانفون ھەقىقەتەن تولىمۇ قالتىس بىر نەرسە، ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئادەم ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، يانفون گەرچە ناھايىتى قالتىس نەرسە بولسىمۇ، ئەمما يانفون ئويناپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزنى ئۆمرىڭىزنىڭ ئىسراپ بولغان بۆلىكى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى شۇكى، سىز يانفونغا بېرىلىپ كەتكەچكە باشقىلار بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتۈپ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلىيالايدىغان پۇرسەت ۋە ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويدىڭىز. سىز بېشىڭىزنى تۆۋەن سېلىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى ياكى مىكروبىلوگىڭىزنى بىكاردىن-بىكارغىلا يېڭىلاپ ئولتۇرغاچقا، ياخشى كۆرگەن كىشىڭىز ياكى بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز-دە، ئائىلىڭىز بىلەن بولغان ھېسسىي مۇناسىۋىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈۋالدىڭىز. تېخىمۇ مۇھىمى سىز يانفونغا بېرىلىپ كەتكەچكە ئەسلىدە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلدىڭىز. ئەڭ مۇھىمى، يانفون ئويناپ ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۇ ۋاقىتتا سىز ئەسلىدە كەلگۈسىڭىز ھەققىدە پىلان تۈزەلەيتتىڭىز.

2. پۇلنى ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلىش
سىز«ئېھتىياجلىق» بولغان نەرسە ۋە سىز «ئېرىشمەكچى» بولغان نەرسە ئارىسىدا زور پەرق بار، بۇ پەرقنى مېنىڭچە يەسلىدىكى كىچىك دوستلارمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. ۋاھالەنكى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بىز ئاللىقاچان بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدىكى پەرقنى ئېنىق تونۇپ يېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. مەن بەزى كىشىلەرنى تونۇيمەن، ئۇلار قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلىيەلمىسىمۇ، ئەمما توختىماي قەرز ئېلىپ ئۆزىگە جىددىي لازىم بولمايدىغان، ئەمما قالتىس ھەشەمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئالدىرىماي بىر ئويلاپ كۆرسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقايسىز، مەسىلەن يېمەك-ئىچمەك، سۇ، تۇرالغۇ ئۆي ۋە مۇھەببەت، مۇشۇلار بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا تولۇق يېتىدۇ، بۇلاردىن باشقا نەرسىلەرئەمەلىيەتتە ھاياتنىڭ سىزگە بەرگەن قوشۇمچە مۇكاپاتلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھازىرپۇللىرىڭىزنى زادى قەيەرلەرگە سەرپ قىلىۋاتقانلىقىڭىز ھەققىدە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ، سىز ئېھتىمال بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا پۇل خەجلەۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىۋالالىشىڭىز مۇمكىن، سىز بۇ پۇللارنى تېجەپ قېلىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىڭىزگە مەبلەغ سالسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

3. ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك
ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى ساغلاملىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەمما ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم، بۇ نۇقتىلارغا بولسا نۇرغۇن كىشىلەر دىققەت قىلمايدۇ. بىز ھازىر دېمەكچى بولغان بۇ گەپلەرنى سىلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنە بىر دەپ قويايلى: ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى دورا يەپ ئورۇقلىغاندىن مىڭ ئەۋزەل. ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىش سىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن ئوخشاشلا پايدىلىق. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېمەكلىك ئادىتىڭىزنى ۋە ھەرىكەت مىقدارىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بەلكىم سىز بۇ ئادەتلىرىڭىزنى ئازراقلا ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا تۇرمۇش سۈپىتىڭىز ۋە ساغلاملىقىڭىزنى زور دەرىجىدە ياخشىلىيالايدىغان مۇۋاپىق بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالىشىڭىز مۇمكىن.

4. «راھەت دائىرە»دىن ۋاز كېچىشكە كۆزى قىيماسلىق
راھەت بىر مۇھىتتا ياشاشنىڭ تولىمۇ ئاسانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. مەسىلەن مەن سىرتتا تاماق يېمەكچى بولسام ئۆزۈمگە تولىمۇ تونۇش ئاشۇ ئاشخانىغا كىرىپ، مەن دائىم يەيدىغان ئاشۇ تاماقنىلا بۇيرۇتىمەن. بۇ مېنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى تېتىپ بېقىشتىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەن ئۆزۈم دائىم يەيدىغان ئاشۇ تاماقنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما بۇ مەن ھازىر سۆزلىمەكچى بولغان «راھەت دائىرە» ئەمەس. مەن بۇ يەردە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان باشقىچە، ئازراق خېيىم-خەتىرىمۇ بولغان بەزىبىر يېڭى ئىشلارنى قىلىپ بېقىش ھەققىدە سۆزلىمەكچى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى «خەۋپ-خەتەر» بىلەن «ھېسابلاپ چىقىلغان خەۋپ-خەتەر» ئىككىسى ئىككى نەرسە. خالىغان بىر خەۋپ-خەتەر بەلكىم ئاخىرىدا ئەجەللىك بىر خەتەر بولۇپ چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ھېسابلاپ چىقىلغان خەۋپ-خەتەر بولسا سىز كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ قويۇپ تۇرۇپ بىر تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنى تاللىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلاردۇر.

5. ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئادەملەرگە نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىش
ئەتراپىڭىزدا بىر تۈركۈم شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆزگىرەلەيدىغان قابىلىيىتىڭىز بارلىقىنى ھېس قىلدۇرالمايدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە يۈرسىڭىز سىز: «مېنىڭ بولۇشۇم مۇشۇ، مەن بۇنىڭدىن ئارتۇق تەرەققىي قىلالمايمەن» دېگەنلەرنى ئويلايسىز، سىز بۇنداق كىشىلەر بىلەن بىللە يۈرىۋەرسىڭىز ھازىرقىدىنمۇ مۇنەۋۋەر بولالىشىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك. ئۇنداق كىشىلەر بىلەن بىللە يۈرۈش سىزنى ئىلگىرىلەشتىن توختىتىپ قويىدۇ، ھەتتا سىزنى ئارقىڭىزغا چېكىندۈرۈۋېتىدۇ. مەن ئۇنداق كىشىلەرنى «ئېنېرگىيە پارازىتلىرى» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلار سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى شوراپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلار سىزگە ھېچقانداق ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېرەلمەيدۇ. سىز ۋاقتىدا بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئارىڭىزنى ئوچۇق قىلىشىڭىز، ھەر ۋاقىت ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە يۈرۈشىڭىز كېرەك.

6. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق پىلانى بولماسلىق
گەرچە نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلىك سۆزلەردە «ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشا، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كەت، كەلگۈسىنى خىيال قىلما…» دېيىلسىمۇ، ئەمما بىز بەزىدە يەنىلا ئالدىمىزغا قاراشقا، قاياققا مېڭىشىمىز ھەققىدە قارار چىقىرىشقا موھتاج بولىمىز. ئەگەر سىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە نىشانىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا سىز بىپايان دېڭىزنىڭ قاق ئوتتۇرىسدا نىشانسىز ئۈزۈپ يۈرگەن قولۋاققا ئوخشاپ، قاياقتىن شامال ئۇرسا شۇ ياققا كېتىۋېرىسىز، ئەمما سىزنىڭ بىر نىشانىڭىز بولسا، ئۇنداقتا بۇ قولۋاقنىڭ بارىدىغان يېرى بار بولدى دېگەن گەپ. ئادەم نىشانسىز يۈرسە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. سىز چوقۇم بۇندىن كېيىن قانداق مېڭىشىڭىز ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قەيەرگە بېرىشىڭىز ھەققىدە قەدەم-باسقۇچلۇق بىر نىشان تۈزۈۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇ نىشان خۇددى GPS يول باشلاش سىستېمىسىغا ئوخشاش ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدە سىزگە ھەر ۋاقىت يول كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

7. قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىش
تور ئويۇنى ئويناش، تېلېۋىزور كۆرۈش، توردا لاغايلاپ يۈرۈش، توختىماي بىر نەرسە يېيىش، ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىش… ۋاھاكازالار، بۇلار ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدىغان نورمال بىر ئادەم يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىغا بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭ، سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئاساسەن قەيەرلەرگە سەرپ قىلىۋاتىسىز؟ بۇ ئىشلار سىز ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟ بۇ ئىشلار سىزنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلالامدۇ؟ بۇ ئىشلار سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى ياخشىلىيالامدۇ؟ ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى «ياق» بولسا، ئۇنداقتا سىز كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىڭىزنى چوقۇم قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىڭىز زۆرۈر.

8. قەلبى ھەر ۋاقىت ئاغرىنىش كەيپىياتى بىلەن تولۇپ كەتكەن ھالەتتە تۇرۇش
مەن بەزى كىشىلەرنى تونۇيمەن، ئۇلار دائىم ماڭا ئۆزلىرىنىڭ غايەت زور تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا نەپەس ئالالماي قانداق قىينىلىۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ بېرىدۇ. سىزمۇ مۇشۇنداقمۇ؟ سىزمۇ دائىم ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىدىن، باشلىقىڭىزدىن، مائاشىڭىزنىڭ ئازلىقىدىن، قوشنىڭىزدىن، ھەتتا جورىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرەمسىز؟ ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى «شۇنداق» بولسا، ئۇنداقتا سىزگە دەپ قويايكى، بۇ ئاغرىنىشلىرىڭىزنىڭ سىزگە بىر مۇنچە پاسسىپ ئېنېرگىيە ئاتا قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. پاسسىپ بولۇۋېلىش كۆز ئالدىڭىزدىكى رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت سىزنى ئالغا باسقىلى قويماي، جايىڭىزدا توختىتىپ قويۇشقا، ھەتتا ئارقىڭىزغا ياندۇرۇۋېتىشكىلا يارايدۇ. شۇڭلاشقا سىز تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، تۇرمۇشتىكى سىزنى تەسىرلەندۈرگەن ئاكتىپ ئىشلار ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەڭ، سىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنىڭ گېپىنى ئاز قىلىڭ.
مەنبە: نۇر تورى
شىنجاڭ يېشىل زېمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ

