大数跨境

ئاق ئاچچىقسۇنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

ئاق ئاچچىقسۇنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ Angguxtar1
2017-06-03
0
导读:ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ قالغان تاماكا ئىسى تولىمۇ سېسىق، شۇند


ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ قالغان تاماكا ئىسى تولىمۇ سېسىق، شۇنداقلا سالامەتلىككە زىيانلىق. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل پۇراقنى يوقىتىدىغان مۇنداق ئۇسۇلنى سەمىمىزگە سالىدۇ:

بىرىنچى، ئىلمان سۇدا سۇيۇلدۇرۇلغان ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن دېرىزە ۋە ئەينەكنى سۈرتكەندىن كېيىن، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرسا؛ مۇمكىن بولسا، شامالدۇرغۇچ بىلەن ھاۋا تازىلىغۇچنى ئېچىۋەتسە، تاماكا پۇرىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، ھەربىر ئۆيگە ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان تەخسە قويۇپ قويسا، ھاۋادىكى تاماكا ھىدى يوقىلىدۇ؛ ئاق ئاچچىقسۇدا نەمدەلگەن لۆڭگىنى پۇلاڭلاتسىمۇ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ئۈچىنچى، 1:1 نىسبەتتە تەڭشەلگەن ئىسسىق سۇ + ئاممىياكلىق سۇ ياكى ئىسسىق سۇ + ئاق ئاچچىقسۇغا بۇلۇتنى چىلاپ تام ۋە تورۇسنى سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

تۆتىنچى، پەردە، ئۆي جاھازىلىرى ياپقۇچى ۋە ئەدىياللارنى يۇيغاندا، ئادەتتىكى سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتسە بولىدۇ. چايقىغاندا سۇغا بىر ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، تاماكا ھىدىنى يوقىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111