

ئادەتتە كىشىلەر يۈگۈرۈش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، ئورۇقلاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە نەتىجە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. تېز يۈگۈرگەندە بەدەنگە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، يەنى بەدەن ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا بەدەندىكى ياغ تولۇق پارچىلانمايدۇ، بىراق سالمىقى سەل ئاجىز ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ياغنىڭ خورىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇنداقتا ئوكسىگېنلىق تاكى ئوكسىگېنسىز ھەرىكەتنى قانداق پەرق قىلغىلى بولىدۇ؟

ئەگەر يۈگۈرگەندە ھاسىراپ كەتسە، بۇ ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت بولىدۇ؛ يۈگۈرگەندە نەپەس تەكشى، ماس، ھەتتا يۈگۈرگەچ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولىدۇ. ئادەتتە ئادەم 20 مىنۇت ئاستا يۈگۈرسە، بەدەندىكى ئېنېرگىيە يوقاپ ياغ كۆيۈشكە تەييارلىنىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا ھەرىكەتتىن توختىسا، ئورۇقلاش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇڭا يۈگۈرۈش ئارقىلىق ئورۇقلاشقا توغرا كەلسە، 20 مىنۇتتىن كۆپ يۈگۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر 40 مىنۇت يۈگۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاستا يۈگۈرۈش سالامەتلىك ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ئىككى كۈندە بىر يۈگۈرۈشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئارىدىكى يۈگۈرمىگەن كۈندە بەدەن سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ، بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. بۇ ھەرىكەت ماددا ئالمىشىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەنگە ياغ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




