大数跨境

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار شىپالىق تاماقلار

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار شىپالىق تاماقلار Angguxtar1
2017-12-18
1
导读:قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار شىپالىق تاماقلار (2

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار شىپالىق تاماقلار (2)



(1) 

ئۆردەك گۆشى-گاسترودىيە شورپىسى

ماتېرىيالى: قېرى چىشى ئۆردەك بىر دانە، گاسترودىيە 45 گرام، سېرىق ھاراق ئىككىقوشۇق، جاڭيۇ ۋە تۇز ئاز مىقداردا

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: ئۆردەكنى پاكىز  تازىلاپ، يۇيۇپ، ئۈستىگە سېرىق ھاراق،جاڭيۇ، تۇز چېچىپ، قاسقاندا ئۈچ-تۆت سائەت ھوردىتىمىز. ئوتتىن ئېلىشتىن 15 مىنۇتبۇرۇن گاسترودىيەنى ئۆردەك گۆشى ئۈستىگە سېلىپ، داۋاملىق ھورداپ پىشۇرىمىز.گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىچىپ، ئىككى-ئۈچكۈندە يەپ تۈگىتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىدىكى باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئىچىتىتىلداپ ئاسان ئاچچىقلىنىشقا بەك مەنپەئەت قىلىدۇ؛ مېڭە سەكتىسى ئاسارىتى، پۇت-قوللارئۇيۇشۇشقىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ

(2) 

ئۆردەك گۆشى- جۇخارگۈل شورپىسى 

ماتېرىيالى: ئۆردەك گۆشى 250 گرام، جۇخارگۈل 12 گرام، نېلۇپەر يوپۇرمىقى بىر دانە،كەرەپشە 200 گرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: ئالدى بىلەن جۇخارگۈلى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى، كەرەپشىنى بىللەقاينىتىپ، شورپىسىغا ئۆردەك گۆشى، شېكەرنى سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز. كۈندە بىرنۇسخىدىن ئۇدا يەتتە كۈن ئىچىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ.

(3)

 كەرەپشە-دېڭىز ئادەمگىياھى شورپىسى

ماتېرىيالى: كەرەپشە 150 گرام، دېڭىز ئادەمگىياھى (خەيشېن) 60 گرام، ناۋات مۇۋاپىقمىقداردا.

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: كەرەپشە قاينىتىلىپ شورپىسى ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭغا سۇدا كۆپتۈرۈلگەندېڭىز ئادەمگىياھى ۋە ناۋات سېلىنىپ، دۈملەپ پىشۇرىلىدۇ. بۇ خىل شورپا يۇقىرى قانبېسىمى كېسەللىكىنى داۋالايدۇ.

(4) 

دۇفۇ شورپىسى  

ماتېرىيالى: دۇفۇ 250 گرام، سېرىق ھاراق ئاز مىقداردا، كىچىك يېسىۋېلەك 125 گرام،چۇپۇرشاڭ 60 گرام.

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: دۇفۇنى قاينىتىپ، بەش- ئالتە پارچە قىلىپ، قازانغا سېلىپ مۇۋاپىقمىقداردا سۇ قۇيۇپ ئىككى- ئۈچ مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، سېرىق ھاراقتىن ئازراق قۇيۇپ،يەنە 10~15 مىنۇت سۇس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرىمىز، ئۈستىگە كىچىك يېسىۋېلەك،چۇپۇرشاڭنى سېلىپ قاينىتىپ تەييارلايمىز. بۇ شورپا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

(5)

 بىجىق-كەرەپشە شورپىسى

ماتېرىيالى: چۇپۇرشاڭ 100 گرام، بىجىق (بېجى) 100 گرام، كەرەپشە 100 گرام،ئۆسۈملۈك يېغى ئاز مىقداردا، تېتىتقۇ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: چۇپۇرشاڭنى يۇيۇپ توغراپ، بىجىقنىڭ پوستىنى ئېلىپ تۆت پارچەقىلىمىز، كەرەپشىنى يۇيۇپ توغراپ، قايناق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز. قازاندىكى ياغ قىزىغانداكەرەپشىنى سېلىپ، ئۈچ مىنۇت قورۇيمىز، بىجىقنى سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ،بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن چۇپۇرشاڭنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ،تۇز ۋەتېتىتقۇلارنى سالساق تەييار بولىدۇ. ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن ئۇدا 10~15 كۈن ئىچىدۇ.جىگەرنىڭ مۇسپىيلىكى كۈچىيىپ كەتكەن يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.


مەنبەسى: يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئائىلىدە داۋالاش دېگەنكېتابتىن ئېلىندى



阅读 81

投诉


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111