大数跨境

پۇراقلىق شام رومانتىكىلىق پەيدا قىلامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە

پۇراقلىق شام رومانتىكىلىق پەيدا قىلامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە Angguxtar1
2017-05-26
0
导读:.

پۇراقلىق شام رومانتىكىلىق پەيدا قىلامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ ساغلاملىقنىڭ قاتىلى

جۇڭگو گېزىتى تورى 23-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىراشلىققا تولغان بىر كۈنىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيىڭىزدە بىر تال پۇراقلىق شام يېقىپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ-يوق؟ مۇتەخەسسىسلەر پۇراقلىق شام قويۇپ بەرگەن كاربون ۋە مېتال دانىچىلىرى ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆي ئىچىدە خالىغان بىر تۈردىكى شامنى ياققاندا ئۆي ئىچىدىكى بۇلغىما دانىچىلىرىنى %30 ئاشۇرىۋېتىدىغان بولۇپ، دېرىزە ئاچقاننىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن. تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، يېمەكلىكنى مايدا داغلاش ۋە ئوتتا قاقلاشمۇ ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا، ئۆي ئىچىدە بىر تال شام تۇتاشتۇرۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

لېكىن پۇراقلىق شامنىڭ ئائىلىڭىزگە بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا پىلىلداپ كۆيىۋاتقان شام ئوتى كىشىنىڭ بېسىمىنى ئۇنچە يېنىكلەتمەيدۇ.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شام قويۇپ بەرگەن كاربون ۋە مېتال دانىچىلىرى ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

ئەنگلىيەدە پۇراقلىق شامنىڭ بازاردا ئىگەللىگەن قىممىتى 90 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 800 مىليون يۈەن) بولۇپ، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن سوۋغات بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ مېھمانخانا ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپلا قالماي، يۇيۇنغاندا يېقىملىق ھېسسىيات پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

لېكىن، بۇ تۈرلۈك ئامېرىكا تەتقىقات ماتېرىيالىدا ئۆي ئىچىدە خالىغان تۈردىكى شامنى ياققاندا بۇلغىما دانىچىلىرىنى %30 ئاشۇرىۋېتىدىغان بولۇپ، دېرىزە ئاچقاننىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكى بايقالدى.

يېمەكلىكنى مايدا داغلاش ۋە ئوتتا قاقلاشمۇ ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، تاماق ئېتىپ بولۇپلا شامدىن بىرنى تۇتاشتۇرغاندا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق.

لانكاستېر ئۇنىۋېرىستېتى مۇھىت ئىلمىي پروفېسسورى باربارا مەخىر (Barbara Maher ) بۇ ئامېرىكا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مېنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپام شام كۆيگەندە قويۇپ بەرگەن دانىچىلارنى بىۋاستە ئۆلچەپ، تەركىبىدا كاربون بىرىكمىلىرى ۋە مېتال دانىچىلىرى بارلىقىنى بايقىدى، كېيىنكىسى بەلكىم شام ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى جەريانىدىن كەلگەن بولىشى ناھايىتى ئېھتىمالغا يېقىن، بۇ مېنىڭ ئادىتىمنى ئۆزگەرتتى، بۇرۇن مەن ئۆي ئىچىدە پۇراقلىق شام يېقىشنى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن مەن ھازىر بۇنداق قىلىشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىز بۇ دانىچىلارنىڭ زادى قانداق زىيىنى بارلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيمىز، لېكىن بۇ دانىچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن بەدىنىمىزدە كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. ئۆي ئىچى بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن ئۆي سىرتىدىكىسى ئانچە پەرقلانمەيدۇ، مەسىلەن، ئۆپكە راكى، سەكتە قاتارلىقلار، دېدى.

ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچلار 300 نەچچە ئائىلىدىكى 0.5دىن 2.5 مىكرومېتىرغىچە بولغان دائىرىدىكى ئۇششاق دانىچىلارنى ئۆلچىگەندە بۇ دائىرىدىكى دانىچىلارنىڭ چاڭ-توزان، زەمبۇرۇغ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گازى قاتارلىقلارنى ئۆز 

ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىش ئاساسلىق بۇلغىنىش مەنبەسى ئىكەن. ئەمما يېمەكلىكنى مايدا داغلاش ۋە ئوتتا قاقلاش بۇلغىنىش سەۋىيەسىنى %30 ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

ئېسسېكس (Essex) ئۇنىۋېرسىتېتى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى مۇتەخەسسىسى ئىئان كولبىك (Ian Colbeck) پروفېسسور پۇراقلىق شام ۋە پۇراقسىز شامنىڭ پەيدا قىلغان ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئوخشاش، دېدى.

بۇ تۈرلۈك تەتقىقات ئامېرىكا «ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۇتۇپخانىسى.ئۇنىۋېرسال» قەرەللىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتتا بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى كىچىك بىر ئۆيدە بىرگە ياشىغاندىكى ئۆي ئىچى بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىر دەپ 

قارالدى.

مەنبە:نۇر تورى


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111