
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى فاڭ ئەيچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسپىگە 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو يەنە پۈتۈن دۇنيادىن 2 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مۇلازىمەت ئىمپورت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ مۇخبىرنىڭ 28-ماي باشلانغان بېيجىڭ خەلقئارا مۇلازىمەت سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىگەنلىرى.
جۇڭگو رايوننى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا شاڭخەي قاتارلىق 11 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدى، تيەنجىن قاتارلىق 15 رايوندا مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى تەسىس قىلدى، بېيجىڭدا مۇلازىمەت كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ ئېچىۋېتىلگەن ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگو بازىرى ئوندىن بىر قىسىمغا يېقىن مۇلازىمەت ئېكسپورتىنى جەلپ قىلغان، جۇڭگو مۇلازىمەت كەسپى ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەتئەل مەبلىغى 88 مىليارد 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %70نى ئىگىلىگەن. جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 183 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى %70دىن ئارتۇق.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ مەھكىمىسى باشلىقى مامدوئۇنىڭ يىغىندا بىلدۈرۈشىچە، مۇلازىمەتچىلىك جۇڭگونىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان جۇڭگونىڭ مۇلازىمەتچىلىكى بەش ھەسسە ئاشقان.
مامدوئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇلازىمەتچىلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. جۇڭگو مۇلازىمەتچىلىكنى مۇھىم تەرەققىيات ساھەسى قىلىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئەكەلگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇلازىمەتچىلىك دۇنيا GDPسىنىڭ %70ىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ %45ىنى ياراتقان. 2016-يىلى دۇنيا مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئېكسپورتى 4 تىرىليون 770 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، سودا ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %23.5ىنى ئىگىلەپ، 2011-يىلىدىكىدىن %4.4 ئاشقان.
ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى ئالاھىدە ۋەكىلى مىنا: «مۇلازىمەتلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى نامراتلىقنى ئازايتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ساھەلەرگە زور تۆھپە قوشتى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت قاتارلىق باشقا ساھەلەرنىمۇ قوللىدى. سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت ئەكېلىدۇ، دۇنيا كاپىتالى، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكىنىڭ يۆتكىلىشىگە پايدىلىق» دېدى.
فاڭ ئەيچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشى ۋە كىرگۈزۈشى ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى كۈچ قوشقان، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ھەرقايسى دۆلەت خەلقنىڭ روھىي-جىسمانىي ساغلاملىقىغا يېڭى بەخت-سائادەت ئاتا قىلغان. جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو ئامىلىنى تارقىتىپ، خەلقئارا دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا يېڭى كۆۋرۈك سالغان.
بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا مۇلازىمەت سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى 28-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە بەش كۈن بولۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان، ئىلىم-پەن تېخنىكىسى، ئىنتىرنىت ۋە ئۇچۇر، مەدەنىيەت ئوقۇتۇشى، پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە ساياھەت، ساغلاملىق داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئالتە نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشكەن.
مەنبە:نۇر تورى




