大数跨境

قان تىپىڭىز قانداق بولسا خاراكتېرىڭىز ۋە چىرايىڭىزشۇنداق بولىدۇ

قان تىپىڭىز قانداق بولسا خاراكتېرىڭىز ۋە چىرايىڭىزشۇنداق بولىدۇ Angguxtar1
2018-04-04
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

قان تىپىڭىز قانداق بولسا خارەكتىرىڭىز ۋە چىرايىڭىزشۇنداق بۇلىدۇ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

قان تىپى ئىنسانلارنىڭ پۈتكۇل خارەكتېرى ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ، ھېسياتى ، ۋە پىسخىكىسىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .

ئاياللارغا نىسبەتەن قان تىپى ئىنتايىن مۇھىم، قان تىپى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ خارەكتېرى مىجەزى  ، ئالاھىدىلىكى  ،كەمچىللىكى ،ھەتتا چىرايىنىمۇ  بىلۋالغىلى بولىدۇ.

A قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خارەكتىرى: مۇلايىم ئېغىر بېسىق ، زىل ، كەمتەر ، مىھرىبان ، ھەمكارلىشىشقا  ۋە قۇربان بىرىشكە تەييار.  بىر ئاز جىمغۇر كىلىدۇ . كەمچىللىكى بولسا: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ تەشۋىشلىنىپلا تۇرىدۇ ، ئىرادىسى ئاجىزراق ئاسانلا ھېسياتقا بىرىلىپ كېتىدۇ ، ئۈمۈتسىز بىكىمچانلىقى ئېغىر .

A قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى : A -قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تەقى - تۇرقى جايىدا بۇلۇپ قاش كۆزلىرى چىرايلىق ، قاڭشارلىق ، بۇرنى ئۇچلۇق ، ئىڭىكى  ئۇلاردىكى كۈچلۇك غۇرۇر ۋە ئىززەتىن  دىرەك بىرىپ تۇرىدۇ . ياندىن قاراشقىمۇ تەكشى يۇمۇلاق يۈزلىرى ئۇلارنىڭ ئىچ مىجەزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.  ئۈزۈنچاق يۈزلۇكلەر ئەستايدىل سەل تەرساراق بولسا  يۇملاق يۈزلۇكلەر مۇلايىم ساددا  سەمىمىي كىلىدۇ.  

A قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تەرەققىيات نىشانى:  ئۇلار تەشكىللەش ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىنتايىن باي  ، ئىشنى ئەستايدىل ئەتراپلىق قىلالايدۇ .  ئىجتىمائىي ئادەتلەرگە قائىدە يۇسۇنلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ .  شۇڭا ھۆكۇمەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەشكە بىر قەدەر مۇۋاپىق كىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار كۆپ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغاچقا تېخنىكىلقى كۈچلۈك خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلىيەلەيدۇ . پىلان تۈزۈش  لاھىيلەش ۋە ئۇنى ئورۇنداشقا ماھىر ،  باشقا قان تىپىدىكى  ئاياللارغا قارغاندا ھاياتقا بولغان بۇرىچ تۇيغۇسى ئېنىق ۋە كۈچلۈك بۇلىدۇ . ئۇلار مەلۇم بىرى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بىرىش  ئويىغا كەلسىلا  شۇ ئىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خارەكتىرى:   ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ . ھېسيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق تىتىك پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ ئەمىليەتچىل ، كەڭ قورساق ، ئۇچۇق - يۇرۇق تۈز كىلىدۇ . 

كەمچىللىكى : جاھىل ، ئۈزىنىڭ گىپىنى راس دەيدىغان خاھىشى كۈچلۈك .  

O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى: ئوماق سەبىي چىراي دوستانە شۇڭا باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشالايدۇ . كۆزقارىشى ئېنىق  باشقىلارغا قەتئىي ئادەۋەت ساقلىمايدۇ .

O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تەرەققىيات نىشانى: بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلىم ۋە تېخنىكا  ئىگەللەش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى كەسىپچانلىقى كۈچلۈكرەك  ساھەلەردە بەكەرەك گەۋدىلىنىدۇ .  ئۇلار كەسىپ تاللىغاندا نىشاننى كونكىرىت ھەم ئېنىق بەلگىلەيدۇ . كىشلىك مۇناسىۋەتتە شىرىك ئىش قىلش ئويى بىر قەدەر كۈچلۇك بولوپ باشقىلارغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇقۇتقۇچى ، تەھرىرلىك ، مۇخپىر بۇلۇشقا بەكمۇ ماس كىلىدۇ. رىقابەتكە يۈزلىنىدىغان مىجەزى بىلەن تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ زور ئۇتۇق قازنالايدۇ ..

B قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خارەكتىرى  : بىغەم ، خۇشخۇي تىتىك ، نازۇك ، ئۈمۈتۋار قاينام تاشقىنلىقنى خالايدۇ .  كەمچىللىكى : نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ ، كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشۇشۇپ قالىدۇ . 

 B قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تەرەققىيات نىشانى: ئۇلار مەيلى كارخانا خىزمەتچىسى ياكى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىندىغانلار بولسۇن  ئۆز مەيلىچە ئىشلىسە ئالاھىدىلىكىنى  تۇلۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. B قان تىپىدىكى ئاياللار  كىشلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولماسلىق سەۋەبىدىن ئەمىلى ئۆسمەسلىكتەك ئوڭۇشسىزلىقتىن ساقلىنالمايدۇ . شۇڭا ئۇلار كىشلىك ئالاقە سەنئەتلىرىنىمۇ ئەستايىدىل ئۈگنىشى لازىم .

AB قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خارەكتىرى : بۇ خىل قان تىپىدىكىلەرنىڭ چۈشنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ ، مۇلايىم ، يېقىملىق ، قىزغىن ، كىلىشتۇرۇشكە ماھىر ، باشقىلار ئۈچۈن ئۈزىنى قۇربان بىرىشكە باي . كەمچىللىكى : مىجەزى ئىتتىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ ، بىر ئاز چېچىلاڭغۇراق.   

AB قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى : ئۇلارنىڭ تەمكىن چىرايىدىن ئىچكى گۈزەللىكى ۋە جەلىپكارلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەمما سۈرلۈك كەسكىن كۆرىنىدۇ . ئادىل خارەكتىرى ۋە ئۆتكۇر ھوشيار تەبئىيتى ئاشكارلىنىپ تۇرىدۇ .  

 AB قان تىپىدىكىلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانى بولسا: بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر ئەقىللىق زىرەك ئىقتىدارلىق  بولغاچقا  ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئاسانلا مۇۋاپپىقيەت  قازنالايدۇ .  كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار غا پۇل - مۇئامىلە قاتارلىقلارنى ۋاستە قىلىدىغان كەسىپلەر مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئۇلار يەنە پىلانلاش، لاھىيلەش ، خىزمەتلىرىدىمۇ  رولىنى تولوق جارى  قىلدۇرالايدۇ . ئۇمۇمەن كەسىپ نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ئۇلار ھەممىنى جايىدا قىپ كىتەلەيدۇ  

مەنبە  : شىنجاڭ  ئاياللىرى


ئۇنداقتا سىز قايسى قان خىل تىپى؟   ئۆزىڭىزدىكى ئالاھىدىلىك ۋە كەمچىللىكلەرنى بىلۋالدىڭىزمۇ ؟  ئەڭگۈشتەر سالونىنى قوللاپ چەمبىركىڭىزگە ھەمبەھرىلەش بىلەن بىللە ئاستىغا كۆڭۇل سۆزلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتماڭ 

بۇ تىمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111