
تەۋسىيە: بۇ يېمەكلىكلەر قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ شۇنداقلا ناچار بولغان تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبلىك قان تومۇردا توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، پەقەت قان تومۇر راۋان بولغاندىلا ئاندىن قان ئايلىنىش ياخشى بولۇپ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قان تومۇر مەسىلىسىگە چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە قان تومۇرغا پايدىلىق بىر نەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسىنى ناھايىتى ئاسان بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
.1. موگۇ
موگۇنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي يەنە ئۇنى دائىم يەپ بەرسە ياخشى قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2.خام سامساق
سامساق تەركىبىدىكى ئالكېن بىر خىل تەبىئىي قان سۇيۇلدۇرۇش ماددىسى بولۇپ، ئۇ يەنە يۈرەكنىڭ قىسىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئارتېرىيە قان تومۇرنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، خام سامساق يۈرەك-مېڭە قان تومۇرىدىكى ياغنىڭ چۆكمە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياغلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتەلەيدۇ، تالا ئاقسىلىنىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ، قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىدۇ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمىنى تەڭشەپ، قان تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. پىياز
پىياز تەركىبىدىكى كېتون ئاجايىپ رولغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىنى توسۇپ قالالايدۇ، ئۇ يەنە ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى سىلىقلاش، ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
4. بېلىق تۈرىدىكىلەر
تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغان بېلىق تۈرىدىكىلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇرلارنى قوغداش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، سالمون بېلىقى، ئۇرچۇق بېلىقى قاتارلىقلار.
5. يېشىل چاي
يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى قاننىڭ يۇقىرى ئۇيۇش ھالىتىنى پەسەيتىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىدۇ ياكى ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
7. كۆممىقوناق
كۆممىقوناقنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ۋە خولېستېرىننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا ياردىمى بولىدۇ، خولېستېرىننىڭ قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمە بولۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارتېرىيە قان تومۇرىنى يۇمشىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
8. زەنجىۋىل
زەنجىۋىل تەركىبىدىكى كېتون، فېنول قاتارلىق ماددىلار قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى تۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتە ئازراق زەنجىۋىل ياكى زەنجىۋىل تالقىنى ئىستېمال قىلغاندا ياخشى بولغان قان ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
9. شوخلا، پىدىگەن، ئالما
بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مېۋە شېكىرى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئاكتىپ تەركىبلەر مول بولۇپ، خولېستېرىننىڭ قان تومۇر ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ياخشى قوغداپ قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سەي كۆكتات ۋە مېۋە تۈرىدىكىلەردىكى يېمەكلىك تالاسى خولېستېرىننى سۈمۈرۈۋېلىپ، خولېستېرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىشىنى تېزلىتەلەيدۇ.
10. زەيتۇن مېيى
زەيتۇن مېيى تەركىبىدە %50~%80 كېچە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
قان تومۇرلارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ئادەتكە باغلىق، كۆپ سۇ ئىچىش بولسا ئەڭ ياخشى، ئەڭ قوللىنىشچان ئۇسۇلدۇر، بۇ ئۈچ ئىستاكان سۇ ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ.
1. ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن
ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى يېرىم ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى چوڭ بولىدۇ. يېرىم ئىستاكان دېگىنىمىز قانچىلىك سۇ؟ تەخمىنەن 350 ~ 500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا، سۇ مىقدارىنى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
2. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن
سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئاستا-ئاستا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان تومۇرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندە
ئەتىگەن كەچتە سۇ ئىچكەندىن باشقا يەنە يېرىم كېچىدىكى سۇغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدىغان كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ، بۇنداقلار ئادەتتە كارىۋات يېنىدا بىر ئىستاكان سۇ قۇيۇپ قويۇپ، ئويغىنىپلا بىرنەچچە يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىشى كېرەك. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېچە سائەت ئىككى ئەتراپىدا كۆپ قوزغىلىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا سۇ تولۇقلاش بەك مۇھىم.
قان تومۇرلار توسۇلۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكى بولسا قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قان تومۇرنىڭ توسۇلۇش نىسبىتى %70 گە يەتمىگەندە ئادەم بەدىنىدە ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، توسۇلۇش نىسبىتى %70 دىن ئاشقاندىلا ئاندىن ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يەنى باش قېيىش، كۈندۈزى ئۇيقۇ بېسىش، زېھنىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، زىققا، يۈرەك سېلىش يەنى ھودۇقۇش، بەل-دۈمبە تېلىپ ئاغرىش، پۇت-قول مۇزلاپ ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار.
ئۈستىدىكى بۇ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپچىلىكتە يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچە پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپچىلىك مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆز بەدىنىدىكى يوشۇرۇن كېسەللەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىزدە يۇقىردا دېيىلگەندەك ئەھۋاللار بولسا شىنجاڭ يېشىل زىمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان،دىيارىمىز تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنى ئاساسىي خام-ئەشيا قلىپ ياسالغان،ئۈنۈم ۋە باھا جەھەتتە خەلقىمىزنى رازى قىلىپ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن ،ئەڭگۈشتەر ھاياتلىق سۈيىنى ئىستىمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىكىلى بولسا:قان-تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇوپ،قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ. قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمە ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان،قان-تومۇرلار ئىتىلىپ قېلىش،قاندا ماي يۇقىرى بولۇش،قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىپ،قان تومۇرلارنى تازىلاپ ،تاجىسىمان ئارتېريە توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبلىك يۈرەككە تىرەك سالغان ۋە سالماقچى بولغان بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز،ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست بۇراردەرلىرىڭىزنىمۇ ساغلاملىق توغرىسىدىكى نادىر مەزمۇنلاردىن ھەمبەھىرلەنسۇن دېسىڭىز بۇ تېمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاشنى ئۇنۇتماڭ!
















