

يۈزىڭىزدىكى سەپكۈننى يوقىتالماي تىت-تىت بولۇۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ.
1. يۈز قىسمىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىش.
يۈز تېرىمىزنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، تېرىمىزنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرالايمىز. ئادەتتە يۈزىمىزنى ئۇۋۇلىغاندا تەركىبىدە سۇ تەركىبى مول بولغان سەپكۈن يوقىتىش مەلھىمى ياكى پەرۋىش مەلھىمىنى (护理精华) مۇۋاپىق سۈرتۈپ بەرسەك، تېرىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەپكۈننى تېز چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇۋۇلاشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسەك، يۈزىمىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سەپكۈن يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىنى يۈزىمىزگە سۈركەپ يەڭگىل ئۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ. بۇ قان ۋە لىمفانىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەپكۈن يوقىتىشقا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 
2. قارا شېكەر ئارقىلىق داغ يوقىتىش ئۇسۇلى.
بىر قوشۇق قارا شېكەرگە، قارا شېكەرنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك كېلىدىغان ھەسەلنى قۇيىمىز. ئەگەر تېرىمىز ئانچە ياخشى بولمىسا، ھەسەلنى كۆپرەك قوشساق بولىدۇ. ئاندىن ئۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىمىزگە مەلھەم قىلىپ سۈركەپ، ئۇۋۋۇلاپ بەرگەندىن كېيىن يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. بۇ مەلھەم زەھەرنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۈنۈملۈك بولغان يۈز سىلىقلاش مەلھىمى ھېسابلىنىدۇ.

3. ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش.
نۇرغۇن يېمەكلىكلەر تېرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، مەسىلەن، پەمىدۇر قارا پىگمېنتنى تىزگىنلەيدۇ. سەۋزە تەركىبىدە مول بولغان كاروتىن بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، يەنە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن Eلارنىڭ ھەممىسى ھۆسن تۈزەشنىڭ ياخشى ياردەمچىدۇر.

4. لىمون پارچىسى ئارقىلىق داغ يوقىتىش.
لىموننى پارچىلاپ ھىم قاچىغا سالىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەسەل، سۇ قۇيۇپ توڭلاتقۇغا سېلىپ، ئەتىسى لىمون پارچىسىنى دەملەپ ئىچسەك بولىدۇ. چۈنكى لىمون تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن C بولۇپ، قارا داغلارنى ناھايىتى ياخشى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

. تەبىئىي تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش.
بەزىبىر سەپكۈن يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىدا ئاز-تولا خىمىيەلىك ماددىلار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە تېخىمۇ كۆپ ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تەبىئىي تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن ياخشى، مەسىلەن، ياڭيۇنى نېپىز توغراپ سەپكۈن ئۈستىگە سۈركەپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا، ئۈنۈملۈك ھالدا داغ-سەپكۈننى سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

داغ-سەپكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
تازا ئاپتاپ كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا ئامال بار كۈنلۈك تۇتۇش، ئاپتاپتىن توسۇش شىلەپىلەرنى كىيىۋېلىش، شۇنداقلا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كوئېففىتسېنتى يۇقىرى بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى سۈركەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
2. داغ-سەپكۈن يوقىتىشتا كەسپىي دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش لازىم. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەر خىل زەخىملەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى داۋالاشلاردىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا ئاسانلا چىرايى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
3. تەركىبىدە ھورمون، قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق ماددىلار بولغان ئاتالمىش تېز ئۈنۈم بېرىدىغان داغ يوقىتىش مەلھەملىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.




